ئالدامچى قىز - ھىكايە
كىپىنەك يازمىسى
گۈزەل ياز ئايلىرىنىڭ بىرى ئىدى، مەن ئۆيدە زېرىكىپ بازار ئايلىنىش مەقسىتىدە سىرىتقا چىقتىم. خىلى ئۇزۇن ساقلىغاندىن كېيىن بىر تاكسى كېلىپ توختىدى، شۇنىڭ بىلەن بىز بازار ئىچىگە يۈرۈپ كەتتۇق.
بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن قىنىق گىرىم قىلىۋالغان، بەكلا مودا كىيىنگەن بىر قىز تاكسىنى توسىدى. ئۇ يانفۇن ئوينىغاچ يىنىمغا كېلىپ ئولتۇردى. قارىسام ئون نەچچە ياشلىقلا بىر قىز ئىكەن، لىكىن ئۇنىڭ قارشى تەرەپكە قىلۋاتقان ماز گەپلىرىدىن خېلىلا يامان قىزدەك قىلاتتى.
مانا بازار ئىچىگىمۇ كەلدۇق، مەن پۇل تۆلەش ئۈچۈن سومكامنى ئاختۇرۋاتاتتىم، ئۇ قىز ئۇيانغا قىلىپ بۇيانغا قىلىپ تۇيۇقسىز «ئاپلا شوپۇر تاغا ، مەن پۇلۇمنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قاپتىمەن، قانداق قىلارمەن ، بولمىسا كىيىنكى قىتىم تۆلىۋىتەي » دەپ قاقشاپ كەتتى. شوپۇر ئامالسىز ماقۇل بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز مىڭبىر رەھمەتلەرنى ئىيتىپ چۈشۈپ كەتتى. مەنمۇ ئارقىدىن چۈشۈپ بازار ئىچىگە كىرىپ كەتتىم، ھاۋا ئىسسىق ئىدى. ئايلىنىپ بىردەم سالقىنداش ئۈچۈن بىر سودا سارايغا كىردىم، قارىسام بىر دۇكاننىڭ ماللىرى كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈندى. شۇنىڭ بىلەن دۇكان ئىچىگە كىردىم ، كىردىميۇ چۆچۈپ كەتتىم ، كۆز ئالدىمدا ھىلىقى تاكسىدىكى قىز خاتىرجەم كىيىم تاللاۋاتاتتى.
مەن چەتتە تۇرۇپ ئۇ قىزغا دىققەت قىلدىم، ئۇ چىرايلىق بىر كۆڭلەكنى ئىلىپ 350يۈەن تۆلىدى، مەن ھەيرانلىقتا ياقامنى تۇتۇپلا قالدىم. ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن مەن مال ساتقۇچى قىزدىن« ئۇ قىزنى تونامسىز »دەپ سورىدىم. مال ساتقۇچى قىز «شۇنداق، ئۇ دائىم كېلىدۇ ، لىكىن بەزى گەپلىرى ئىنىقلا يالغان، دۇنيادا ئۆزىنىلا ئەقىللىق چاغلامدىكىن»دىدى. مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي چىقىپ كەتتىم.
يولدا كېتىۋاتىمەن ، لىكىن ئەس خىيالىم ھىلىقى قىزدا قالدى. توۋۋا ، ئۇ قىز شۇنداق ئالدامچىلىق قىلىپ قانچىلىك پايدا ئىلىپ كىتەر، بۇ ئىنىقلا ئۆزىنىڭ يۈزىنى تۆككەنلىك ئەمەسمۇ، ھەي ئالدامچى قىز قاچانمۇ ئەقلىڭىزنى تاپارسىز…
4089 قېتىم كۆرۈلدى | kepiynak | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-31 23:39:37 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-2-25 3:13:24 | گۈلمىرە |
ھىكيىنىڭ ئاخىرى ئاياغلاشماپتۇ· |
2016-12-31 2:45:05 | ئائىشە |
ئەسەرلە بەك ياخشىكەن |
2016-12-21 0:17:30 | ئامىنە |
ئالۋاستى تۇمارنىڭ ئاخىرنى تىزراق يوللاپ بەرسەڭلار |
2016-7-17 14:38:06 | فىردون |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاپتور،مەن ئۇزئاۋاز سىتودىيەسىدىن بولىمەن. سىزنى بىۋاستە ئىزدەپ تاپالمىغاچقا بۇ ئەسىرىڭىزنى رۇخسىتىڭىزسىز ئاۋازلىق قىلىپ ئىشلىدۇق.شۇنداقلا سالونىمىزدا تارقىتىلىدۇ سالون نومىرىمىز:uzawazcn ئەگەر خالىسىڭىز داۋاملىق تارقىتىشىمىزغا رۇخسەت قىلسىڭىز. ئەگەردە خالىمىسىڭىز ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇپ مۇلازىملار بىلەن ئالاقىلىشىڭ بىراق ئۆچۈرىمىز. |
2016-4-28 12:30:46 | نۇرمەمەت |
ئەسەر بەك ياخشى يېزىلىپتۇ |
2016-4-28 12:30:43 | نۇرمەمەت |
ئەسەر بەك ياخشى يېزىلىپتۇ |
2016-2-5 1:29:02 | man kim |
muxumu yekaya boldimu |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|