سەت خوتۇن-قورقۇنۇشلۇق ھىكايە
ئابدۇللا كامال(گۇما)
ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئالۋاستىدەك ھەريانغا تولغىشىپ ئۆسكەن بۇ يوغان جىگدە خۇددى ماڭا قاراپ ئىڭىشىپ تۇرغاندەكلا ئىدى، جىگدىنىڭ تۈۋىدىكى ئالىقاندەك ئاق توپا ئۈستىدە بىر بوۋاي جىگدىگە يۆلىنىپ ئولتۇرغىنىچە ماڭا قاراپ سەت ھىجىيىپ تۇراتتى، يۈرۈكۈمنىڭ جىغ قىلغىنىدىن باشقا ھىچنىمىنى سەزمەس ئىدىم، پۇت قوللىرىم خۇددى بىرى چىڭ قىسىۋالغاندەك مىدىر سىدىر قىلمايىتتى، ئاھ خۇدا بۇ نىمىش ئەمدى كۈپكۈندۈزدە، بۇ مىنىڭ خىيالى سەزگۈممۇ ياكى، بۇنىڭ بىر چۈش بوپ قىلىشىنى شۈنچىلىك ئۈمۈت قىلاتتىم، ئەمما ئۇ بوۋاي توختىماي كۈلەتتى، ھەتتا كۈلىۋىرىپ ئىغىزى ئاستا ئاستا يىرىلىپ قۇلىقىغا يىتىۋاتاتتى. كۆزلىرىمنى ئىلىپ قاچالمىدىم، ياشلىرىم مارجاندەك تۆكۈلمەكتە خۇداغا شۈنچىلىك نالە قىلماقتىمەن. بەلكىم ئاللىقاچان ئىشتىنىممۇ مىچچىدەڭ بولدىغۇ دەيمەن، ئۇنىڭ كۈلگەن ئاۋازى بار بارا ئۆزگىرىپ دەسلەپ ئۆچكىنىڭ مەرىگەن ئاۋازىغا ئاندىن تۇرۇپلا بوۋاق بالىنىڭ بوغۇلۇپ يىغلىشىغا ئوخشاۋاتاتتى.
ھازىر ھىچ بولمىغاندا ئاۋازىمنى قويىۋىتىپ ھۆركىرەپ يىغلىيالىساممۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئىش بولاتتى، ئەمما ئادەتتە بىسىقماي سۆزلەيدىغان بۇ تىلىم ئىغىزىمغا لىققىدە كەپلىشىپلا قالدى، شۇ تاپتا ھەممدىن بەك سىغىنغىنىم، دادامنىڭ مىنى نىمىشقا ھاڭۋىقىپ تۇرىسەن دەپ ئۇرىشى ئىدى، ئاھ، خۇدا كارامىتىڭىز ئۇلۇغ مىنى مۇشۇ بىر قىتىم ساقلىغايسىز. خۇددى پاختا ئىچىدە چوغنى ساقلىغاندەك . قارىغاندا ئادەم بەك قورقۇپ كەتسە ئىچكەن قەسىمىنىمۇ ئۇنتۇپ كىتدىغان چىغى. شۇ تاپتا ئاخشامقى خۇدادىن پەقەت بىر قىتملا ئۆتۈنگىنىمنى ئۇنتۇپ يەنە بىرلا قىتىم ئۆتۈنىۋاتاتتىم، ئۇ قولىنى ماڭا ئاستا سوزىدى، ئۆزى كىچىكلەپ قولى ئۇزىراۋاتتى، مەن خۇددى ھەيكەلدەك تۇراتتىم. بايىقى ئاۋازمۇ ھەر خىل ھەر ياڭزا ئۆزگىرىپ ئەمدىلىكتە قالايمىقانلا بىر خىل قورقۇنچلۇق نەرسىنى ئەسلەتكىلى تۇردى. ئۇنىڭ مەن تەرەپكە كىلىۋاتقان قولى گۆش دىدارى يوق يەنە كېلىپ ھىلىلا بىرەسىنىڭ يۈرىكىنى سۇغۇرىۋالغاندەك قىپقىزىل ئىدى.
تۇيۇقسىز بىرىنىڭ قولۇمدىن سىلكىپ ئىلىپ ماڭغىننى بىلىمەن. قۇلىقىمغا باشقىلارنىڭ گەپلىرى ئاڭلانغاندىلا ئاندىن ئۆزەمنىڭ ئۆيدە ئىكەنلىكىمنى بىلدىم، كىمدۇر بىرى دادامغا -ئاكا ئۇ دۆڭگە بىز ئەمەس ئاددىيسى قوي كاللىرىمىزمۇ بارالمايدىغان تۇرسا بالىڭىز نىمىش قىلا، تاس قاپتۇ ھىلىقى بالىنى ساراڭ قىلىپ قويغان جىگدىنىڭ تۈۋىگە بارغىلى، بىزمۇ ئىتىزىمىزغا سۇ تۇتقىلى چىققاندا، يالغۇز چىقمايىمىز ئۇ تەرەپكە بۇ، بالىغا نىم بار، دەۋەتاتتى.
بىر چەتتە ئاپام ماڭا قاراپ يىغلاپ ئولتىراتتى، شۇ چاغدىلا ئاندىن نىرۋىلىرىم ئەسلىگە كەلدى، ئۆزەممۇ ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلاۋىتىپتىمەن. ئاڭغىچە ئۇ ئادەممۇ دادام بىلەن خوشلىشىپ ماڭدى، دادام ئۇ ئادەمنى رەھمەت ھەشقاللا بىلەن ئۇزىتىپ قويۇپ، كىرىپ مەندىن قاپىقىنى تۈرۈپ تۇرۇپ نىمىش بولىغننى سورىدى، مەن يىغلىغاچ تەمتىرەپ تۇرۇپ، ھەممىنى سۆزلەپ بەردىم، ئاپام مۇزدەك سۇنى ئەكىلىپ مەيدەمگە چاچتى، خىلى يىنىكلەپ قالدىم.
شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما مەن ئەتىسىدىن باشلاپ قاتتىق ئاغرىپ كەتتىم، پۈتۈن ئەزايى بەدىنىمگە قوقاق چىقىپ پۇت قولۇمنى كۆتىرەلمىدىم، ياز كۈنلىرى بولغاچقا پىشايۋانغا ياتقۇزۇپ قويدى، دادامنىڭ بۇيرىقى بىلەن سىڭلىم قىشىمدىن بىردەممۇ نىرى بولمىدى، توۋا ھوقوق دىگەن ھامىنى ھوقوق دە، دادامنىڭ بۇيرىقىنى ئاڭلىغان بۇ جاھىل خىنىم ماقۇلدىن باشقا بىر ئىغىزمۇ گەپ قىلالمىدى، ھەم كىچە كۈندۈز مەندىن نىرى بولمىدى، نەچچە كۈنگىچە ئەھۋالىم تازا ياخشى بولالمىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇ ئىشلارنى خىلى ئۇنتۇپ قالغان ئىدىم.
بىر كۈنى يەنە شۇ زاۋال ۋاقتىدا ئاپام قويلارغا يەم بىرىش ئۈچۈن باغقا كىرىپ كەتتى، سىڭلىم بىلەن يەنە شۇ جىننىڭ گىپىنى قىلىشىپ ئولتۇراتتۇق، بىشنى بىر كۆتۈرۈپ قاراپلا سىڭلىمنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى، ئۆيدىكىلەر ماڭا قارىغاندا يۈرەكلىك دەپ بىلىدىغان، ئۇرۇشۇپ قالساق پۇت قولى خويەنجىيادىن قىلىشمايدىغان، جاھىللىقتا دادامدىن باشقا ھىچكىمدىن يانمايدىغان بۇ جاھىل خىنىم قانداقتۇر دادامنىڭ مۇقەددەس بۇيرىقىنى ئۇنتۇپ،ئا،،،،پا دىگىنىچە باغقا قاچتى، مەن نىم بولغىنىنى بىلىپ بولغىچە قىمغا بىر موماي كەلدى. ئاھ خۇدا ئۇ موماي شۈنچىلىك قورقۇنچلۇق ئىدىكى، يۈرۈگۈم ئاغزىمغا قاپلىشىپلا قالدى. كەينىدىن چىڭ چىگكەن ياغلىقىدىن ئالىبۇلىماچ چىكە چاچلىرى پاخپىيىپ تۇراتتى، قورۇق باسقان تىرىلىرى گۆش ئەۋلادى قالمىغان يۈز سۆڭىكىگە چاپلىشىپ كەتكەن، كۆزلىرىنىڭ قارچۇقى سىڭىشىپ ئچىگە كىرىپ كەتكەن ھەتتا بويۇن تىرىسىمۇ ساگىلاپ قالغان ئىدى. موماينىڭ بۇ ئەپتى گويا ھازىرلا قان ئىچمىسە ئۆلۈپ قالىدىغان يالماۋۇزنىڭ دەل ئۆزى.
توغرا دەل شۇ قايسى كۈنى مىنىڭ قىنىمنى ئىچەلمەي بۈگۈن يەنە كەپتۇ دە، كاللامدىن چاقماق تىزلىكىدە ئۆتكەن بۇ خىيال مىنى تۇرۇپ كىتىشكە مەجبۇرلاۋاتتى، ئەپسۇس پۇت قولۇم مىخلاپ قويغاندەك،كاللام چۆيۈندەك ئىغىر مىدىرلاشقا ئامالىم يوق. بىراق مىنىڭ قورقۇپ ئاران تۇرغىنىم بىلەن كارى يوق ئۇ موماي قولىنى ماڭا ئۇزىتىپ كىلىۋاتاتتى، قوللىرىمۇ خۇددى تاياقتەك يەنە كېلىپ موماينىڭ ماڭا قاراپ كۈلىشى جان جىنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى، ئا،،،،،،پا دەپ ۋاقىراپ جارقىراشقا باشلىدىم، نەدىن كەلدى بىر كۈچ بىلەن تۇرغىنىم ئىسىمدە، ئاپامنىڭ يۈگرەپ چىقىنىنى سىڭلىمنىڭ كەينىدە دىرىلداپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئىسىمگە كەلدىم، قارىسام ئۆزەم ئۈزۈم بارىڭى ئۈستىدە جىنىمنىڭ بىرىچە ۋارقىراۋىتىپتىمەن. ئاپاممۇ چىقتى يۈرۈگۈممۇ جايىغا چۈشتى.
ئەسلى ئۇ بىر سايىل موماي بولۇپ بۇ تەرەپكە دائىم كىلىپ نان ياكى كىيىم كىچەك تىلەپ كىتىدىكەن. ئاپام ئۆيدىن بىر قۇر كىيىم بىر نان بەش موچەن پۇل ئاچىقىپ بەردى. ئاز دىمەڭ شۇ ۋاقىتتا يۇرتىمىزدا بەش موچەنگە بىر گىردە، بىر تەخسە لەڭپۇڭ كىلەتتى، ياكى ئىچىگە لىققىدەڭ گۆش تىقىپ يىقىلغان گۆشگىردە كىلەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ موماي ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا دۇئالارنى قىلىپ چىقىپ كەتتى. چىقىپ كىتىشتىن بۇرۇن كەينىگە ئۆرۈلۈپ بىر قارىۋىدى، يۈرۈگۈم قارتتىدە قىلىپ قالدى. ھەجەپمۇ بىر سەت خوتۇنكىنا، باللىرى قورقمامدىغاندۇ، قانداقمۇ ئاپا دەيدىغاندۇ.
ھازىر شۇ خىيالىمنى ئويلىساملا بەك ئۇيىلىمەن. ئەمدى بىلدىم ئايال كىشىنىڭ سەتى يوقكەن، چۈنكى ئۇ ئىرىگە بىر سۆيۈملۈك ئايال، باللىرىغا مىھرىبان ئانا ئىكەن.
شۇنداق قىلىپ ئىككى ھەپتىگە يىقىن ياتتىم، بۇ ئىككى ھەپتە ماڭا بىرە يىلدەك تۇيۇلدى. تالاغا چىقىپ بالىلار بىلەن ئويۇنۇمنى باشلاپ كەتتىم، بىرسىدىن مەن توغۇرلۇق چىققان گەپ سۆلەرنى ئاڭلاپ ھەيرانلا قالدىم، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مىنى جىن ئەپ قىچىپتىمىش، تۇغا دۆڭگە سولىنىپ قىلىپ ئۆلۈپ قاپتىمىشمەن، تىخى بالا ئوغرىسى مىنىڭ ئىچ باغرىمنى يىرىپ تاشلىۋىتىپىمىش، ۋاھاكازالار .
ئىشقىلىپ ھەر ھالدا تىنىممۇ ساقايدى، كۆڭلۈمدىكى ۋەھىمىلىك تۇمانلارمۇ تاراپ كەتتى، بىراق بۇنىڭدىن كىيىنكى ئۆمرۈمدە يەنە بۇنداق غەلىتە قورقۇنچلۇق ئىشلارغا يولۇقامدىم بىلمەيمەن، ھەرھالدا خۇدايىم بۇنداق دەھشەتلەردىن ساقلىغاي، داۋاملىق.
ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي ئاپامنىڭ سىڭلىمنى ئىلىپ ناھىيە بازىرىدىكى سىڭلىسىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كىتىشى مىنى يەنە يۈرەك ئالدى قىلدى. بۇ دەل زۇلمەت ئاي قاراڭغۇسى بولغان يازنىڭ قىسقا بىر كىچىسى ئىدى، دادام بىلەن ئىككىمىز ئايۋاندا ئىشىككە ئۇدۇل ياتاتتۇق، يىرىم كىچىدىن ئاشقان ۋاقىت ئۇيقۇم ئىچىلىپ كەتتى، تۇيۇقسىز ھويلىدا يىنىك بىر شەپە ئاڭلاندى، دادام بولسا خىيالىدا يوق ياتاتتى، يەنە كونا كىسىلىم قوزغىلىپ ئايۋاننىڭ ئىشىكى تەرە پكەقارىدىم، قارىدىميۇ يۈرۈگۈم ئاغىزىمغا قاپلىشىپ قالدى، يوغان قاپقارا بىر گەۋدە ئىككى كۆزىدىن ياپيىشىل ئوت چىقىرىپ ئىشىككە يىقىنلاپ كىلىۋاتاتتى، دادا،،،، زۇۋانىم تۇتۇلدى پۇت قولۇم يەنە قاتتى، دادام خاتىرجەم ئۇخلىماقتا ئىدى.
داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ .
1-قسىم تۇغا دۆڭ ۋەھىمىسى
2- قىسىم سەت خوتۇن
3- قىسىم مومامنىڭ ئاۋازى
4- قىسىم ھارۋامدىكى كىم
5- قىسىم قەبرىستانلىقتىكى يولۇچى قىز
4510 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇللا كامال | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-12-20 14:44:22 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-8-5 15:29:57 | ئۇيغۇرئاي |
«تۇغا دۆڭ ۋەھىمىسى»، «جىگدىگە قارا» دېگەن ئەسەرلەرنىڭ داۋامىنى قەيەردىن ئوقۇيمىز؟ |
2016-7-18 6:52:54 | ئابدۇراخمان |
مەن ئادەتتىمۇ قورقۇنۇشلۇق ئەسسەرلەرنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتىم،ماڭا بۇ مەزمۇنلار بەك ياقتى،ئوقۇغانسىرى ئادەمنى تېخىمۇ قىزىقتۇردىكەن،مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىق يوللۇنۇپ تۇرۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن،مۇشۇ تاپتا ئاخىرنى ئوقۇشقا شۇنچىلىك تەقەززا بوۋاتىمەن،تېزرەك يوللانسىكەن دىگەن ئۈمۈدتە مەن |
2016-3-21 22:20:28 | adel |
Kow ruk ustidiki momai kaqan yollinidu man baklam aldirawatima |
2016-3-15 22:12:42 | buhalqam |
abdullakamal,apandimmanbuacirigiznibakyahturdum,ahirinitizrakyizixigizniumutkiliman,rahmat |
2016-2-8 21:52:22 | gulnisa |
man bak yakturdun kuwruk ustidiki momay kaqan yollindu okuxka aldirawatiman |
2016-1-16 1:45:26 | mahmuttt |
bak piqat yezilip tu dawami ettik rak qihsikan digan umatta |
2016-1-15 14:51:34 | رەنا |
مەن بۇ ئەسەرنى بەك ياقتۇردۇم |
2016-1-9 23:13:52 | رۇستە. |
ۋەھملك ھكاينڭ داۋامنى قاچانلقا يازارسلە بەك تەقازا بوپ كتپبارمەن |
2016-1-7 18:28:27 | گۈلجەننەت |
مەن ئادەتتىمۇ قورقۇنۇشلۇق ئەسسەرلەرنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتىم،ماڭا بۇ مەزمۇنلار بەك ياقتى،ئوقۇغانسىرى ئادەمنى تېخىمۇ قىزىقتۇردىكەن،مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىق يوللۇنۇپ تۇرۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن،مۇشۇ تاپتا ئاخىرنى ئوقۇشقا شۇنچىلىك تەقەززا بوۋاتىمەن،تېزرەك يوللانسىكەن دىگەن ئۈمۈدتە مەن |
2016-1-7 8:50:50 | m |
hakikatanyahxiyeziliptu |
2016-1-7 0:51:24 | فىلۇرە |
مەن بۇ سالۇندىكى ئەسەرلەرنىڭ كۇپۇنچىسىنى ئۇقۇپ چىقتىم بەك پەيزى يىزىلىپتۇ لىكىن ئەسەرلەر ئىتتىكرەك چىقسا بۇپتىكەن |
2016-1-2 18:16:54 | r |
huddi hakiki yuz bagan ixladakla tuyilidu rasmidu ya |
2015-12-23 9:01:00 | buhalqam |
bu salondki mazmunla bak yahxkan,man,korkunuqluk dgan hatni korupla ukumay dap oylgan likn bu salonng sarhil asarlri yana mni okup bekxka kizkturdi br taraptin korukkaq br taraptn okdum man bak yahturman bu salonni muxu salon uqun jan koydurwatkan kerndaxlrmzga rahmat eytman yana muxundak nadir asarlarni koplap yezip qikxni umut kilma |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|