ئۆتمۈش
(پوۋسىت) 16 - قىسىم
شۆھرەت كامىل مېھمان
-بەلكىم ھەيران قالغانسىز مېنى قانداق ئىزلەپ تاپقاندۇ دەپ، مەنمۇ ساراڭ ئەمەستە ئۆزۈمنىڭ باغرىمنى يېرىپ چىققان پەرزەنتىمنى ھېچ بىر تونىميدىغان كىشىگە بېرىپ قويدىغان ، مەن سىز كېلىشتىن بۇرۇنلا بىر قۇر كىيىمنى خالاغا يوشۇرۇپ قويغان ئىدىم ، كىرىپلا كىيىمىمنى ئالماشتۇرۇپ، چىقتىم ،سىزگە قارىدىم لېكىن سىز بالا بىلەن بولۇپ ماڭا دېققەت قىلمىدىڭىز ، يولنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈپ سىزنى كۈزىتىىپ تۇردۇم ، قارىماققا سىز بالىغا بەك ئامراقتەك كۆرىندىكەنسىز ، دەسلەپكى قەدەمدە بالامنى خاتا ئادەمگە تاپشۇرمىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم ۋە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى شەكىللەندى، ئەمدى سىزنىڭ كىم قەيەردە تۇردىغانلىقىڭىزنى بىلسەملا بولاتتى ، سىز ئوبۇرنى تاقالغاندىن كېيىن يەنە ئازىراق تۇرۇپ بىر تاكسىغا چىقتىڭىز ، مەنمۇ كەينىڭىزدىن تاكسى توسۇپ ئەگشىپ سىز تۇرغان ياتىقىڭىزغىچە سىزگە ئەگەشتىم ، ئىشىك ئالدىدا ئازىراق تۇردۇم بالىنىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى ، چىدالمىدىم ، ئىشىكنى نەچچە قېتىم چېكىشكە تەمشەلدىم ، ئارقىدىن سىزنىڭ بالىنى بەزلىگەن، ۋە ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرگەن باللا ناخشىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى ، كۆزۈمدە ياش ، كەينىمگە ياندىم ، بىر ئىككى كۈن مېھمانخانا ئەتراپىدىلا يۈردۈم ، سىزنى ئۇچۇر تامىدىم، ياتاق ئالدىغا بېرىپ ئۇزاققىچە تۇردۇم ، ھېچ قانداق ئاۋاز تىۋىش يوق دېمەك سىز ياتاقنى قايتۇرغان ئىدىڭىز ، دەرھال پەستىكى مېھمانخانا مۇلازىمەت بۆلىمىگە چۈشۈپ ، ئۇ يەردىكىلەرگە بىر ئەپەندىمنىڭ بىرنىڭ ئاشخانىدا تاماق يېگەنلىكىنى ، ماڭغىچە بىر سومكىنى ئۇنتۇپ قالغانلقىنى ئىچىدە نۇرغۇن ھۆجەت ۋە مۇشۇ مېھمانخانىنىڭ ئۇ تۇرغان ياتاقىڭ نومىرىى خاتىرلەنگەن بىر ۋاراقچە بالىقىنى ،ئىزلەپ مۇشۇ نومۇردىكى ياتاققا كەلسەم ئىچىدە ئادەم يوقلىقىنى ئېيتتىم ، مۇلازمەتچى بۇ ياتاقنى ئەتتىگەن قايتۇرغانلىقىنى ، لازىم بولسا ئۇكىشىنىڭ تېلفون نومىرى بىلەن ئالاقىلىشىشىمنى ئېيتىپ نومىرىڭىزنى دەپ بەردى ، ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن سىزگە تېلفون قىلدىم بەلكىم ئېسىڭىزدە بار ، سىزگە تېلفوندا ، ئۆزۈمنىڭ شىنجاڭ تېلۋىىيە ئىستانىسىدىن تېلفون قىلغانلىقىمنى ، سىىزنىڭ نومىرىڭىز بۇ قېتىم تەلەي يۇلتىزى پىروگراممىسىدا تەلەيلىك ئابونت بولۇپ تاللانغانلىقىڭىز نى تەپسىلىي ئادىرسىڭىزنى ئىسىم فامىلىڭىزنى ماڭا دەپ بېرىشىڭىزنى ئېيتتىم سىزمۇ ھەممىنى تەپسىلىي دەپ بەردىڭىز - دېمىسىمۇ مۇشۇنداق ئىشنىڭ بولغىنى راس شۇ چاغدا تېلفوننى قويۇپ نادىرەگە بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلگى توغۇرسىدا سۆزلەپ كېتىشلىرى مەردان ئاكىنىڭ خىيالىدىن غىل پال ئۆتۈپ كەتتى ئاليە يەنە سۆزىنى داۋملاشتۇردى،
ئالىيە توختىماستىن سۆزلەيتتى، ئۆزىنىڭ ئۇ ئائىلىدىن ئايرىلىپ تاكى بۈگۈن مۇشۇ ئۈستەل ئۈستىدە ئولتۇرغىچە بولغان ، جاپا مۇشەقەت ئىسسىق-سوغۇق لىرىنى بۇ ئارلىقتا قانچە قېتىملاپ ئىزلەپ كەلمەكچى بولغانلىقى ، ئىشقىلىپ نۇرغۇن ئىشلار توغۇرسىدا سۆزلىمەكتە، لېكىن مەردان ئاكىنىڭ قۇلقىغا ئۇ گەپلەر كىردىغاندەك ئەمەس ، بۇنداق ئاياللار توقىغان ھېكايىلەرنىڭ نەچچىسى راس نەچچىسى يالغان خۇدا ئۆزى بىلىدۇ،
-ھاززىر بىر گۈل دۇكىنىم بار ، ئاللاھقا شۈكرى كۈنلىرىم ياخشى، ئىلگىرى ئۆتكەن شۇ كۈنلەرنى يەنە كۆرۈشنى ئاللاھ ھارام قىلسۇن، -دەپ مەردان ئاكىنىڭ سۆزلىرىگە بولغان ئىنكاسىنى بىلمەكچى بولدىمۇ ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ قويدى لېكىن مەردان ئاكىنىڭ چىرايىدىن ئۆزى ئويلىغان ياخشى يامان ھېچقانداق ئىپادىنى سەزمىدى :"توۋۋا غەلىتە ئادەمكىنا ، شۇنچە سۆزلىسەم ئازىراقمۇ ئىنكاس يوق ، "دەپ ئۆزئۆزىگە سۆزلىدى ۋە گەپ قىلىش نۆۋىتى سىزگە كەلدى دېگەندىكىدەك گىلىنى بوش قىرىپ قويدى، مەردان ئاكا بىر ئاز ئويلىنۋالغاندىن كېيىن :
-سىز ئەمدى نېمە قىلماقچى ، كېلىشتىكى مەقسىتىڭىز نېمە ، شۇ گەپنى قىلغان بولسىڭىز،
- مەن بالامنى قايتۇرۇپ بېرىڭ دېمەكچى ،
-ماقۇل، - بۇ كۈتۈلمىگەن جاۋاپتىن ئالىيە تېڭىرقاپلا قالدى ، نېمە دېيىشىنىمۇ بىلەلمەي گاڭگىراپ تۇرۇپلا قالدى، بەرمەيمەن دېسە تۇغۇلۇپ ھاززىغىچە بولغان چىقىملىرىنى ھېسابلاپ پۇل بېرىش ئۈچۈن ئالدىن250مىڭ پۇلنى كارتىغا سېلىۋېلىپ كەلگەنىدى ،ئەگەر ئۇنىڭغا ئۇنىمىسا بالىنى بىر قېتىم كۆرىۋېلىش ۋە كېيىنكى تۇرمۇش راسخوتى ئۈچۈن ھېساب كارتىسى ئاچقۇزۇپ ئايدا بىر مىڭ بەش يۈز پۇل سېلىش ئۆزىنىڭ بىر ئانىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشقا پۇرسەت بېرىشىنى ئۆتۈنۈپ تىزلىنىش نىيەتلىرى بىلەن كەلگەنىدى ، شۇندىمۇ قۇلاق خاتا ئاڭلاپ قالغان بولمىسۇن دەپ قايتىدىن سورىدى:
-ماقۇل دېدىڭىزما،
-ھەئە -ئالىيە مەردان ئاكىنىڭ چىرايىغا قارىدى چىرايىدا ھېچ بىر باشقىچە ئىپادە كۆرۈنمەيتتى، ئالىيە تېخىچە ھەيرانلىقىنى يوقىتالماي قۇلاقلىرىغا ئىشىنەلمەي تۇراتتى،
-مەن بۇنداق دېسەم ھەقىقەتەن يولسىزلىق ، بىلىمەن بالامغا جېق ئەجىر سىڭدۈردىڭىز ،
-بالام … بالام دېمەڭ خېنىم ئۇ سىزنىڭ ئەمەس مېنىڭ ئوغلۇم ئۇ مېنى دادا دەپ مەرھۇم ئايالىمنى ئاپا دەپ چاقىرىپ چوڭ بولغان ، بىر بالىنى تۇغۇپ قويغانغىلا ئۇ بالىنىڭ ئانىسى بولمايدۇ ، بولدىلا بۇتوغۇرلۇق سىزگە دەرس سۆزلىگۈم يوق ، ئوغلۇمنى ئېلىپ كەتسىڭىز بولىدۇ ، لېكىن مېنىڭ كۆزۈم يۇمۇلغاندىن كېيىن، بۇنداق دېسەم بالىنى بەرگۈسى يوقكەن دەپ قالماڭ ، مەن بىر يىل ياكى بىرنەچچە ئايدىن كېيىن ئەزائىلنىڭ مېھمىنى بولىمەن ، ئەگەر تېنىم سالامەت بولغان بولسا ئوغلۇمنى سىزگە ھەرگىز بەرمەس ئىدىم ، ئۇنىڭ مەندىن كېيىن ھېچنىمىسى يوق ، باشقىلارنىڭ قولىغا قاراپ قېلىشتىن ئەنسىردىم ، سىزدىن بىر ئۆتۈنۈشۈم بار ، مەن بۇدۇنيا بىلەن خوشلاشمىغىچە ، بالام بىلەن ئىككىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى قالايمىقانلاشتۇرمىغان بولسىڭىز…
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
474 قېتىم كۆرۈلدى | xohret | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-21 18:09:22 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|