تەقدىر سىمفونىيەسى
( پوۋسىت )
ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئىككىنچى باب : پويىزدىن باشلانغان قەدەم
ئۈچۈنچى قىسىم
پويىز ئىچى . مەن تۇنجى قىتىم پويىزغا چىققاچقىمۇ ، ھەر نەرسىگە زوق شۇخ بىلەن قارايتتىم . پويىز ئىچى ، ، سىرىتتىكى ئارقىغا داجىۋاتقان مۇھىت ، ئىشقىلىپ ھەمىسى ماڭا يىڭىچە تۇيلىۋاتاتتى .
كىتىۋاتىمىز ، مەن پويۈزغا چىققان ۋاقىتتىن باشلاپ قىمىر قىلماي ئولتۇراتتىم . يىنىمدىكى ۋە ئۇدۇل تەرپىمدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغانلا بولسا ئۆز پارىڭى بىلەن مەشقۇل ئىدى . ياكى بولمىسا قولىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىلفۇنلارغا قاراپلا ئولتۇرشاتتى. قارشى رەتتە بولسا بىر قىز ئاندى – ساندى ماڭا قاراپ قويۇپ قولىدىكى كىتابنى بىرىلىپ ئوقۇۋاتاتتى . ئۇنىڭ قولىدا يازغۇچى جالالىدىن بەھرەمنىڭ < كۆمۈرچە بالا > رومانى تۇراتتى . مەن كىتابقا ئامراق بولغاچقىمۇ بۇ قىزغا ، گەرچە تونۇشمىساقمۇ پات – پات قاراپ قوياتتىم .
كەچ كىردى ، ھەممە سەپەردە يىيىش ئۈچۈن ئىلىۋالغان نازۇ نىمەتلىرىگە تۇتۇنماقتا ئىدى . مەنمۇ سمكامدىن ئانام ئۆز قولى بىلەن قىلىپ بەرگەن گۆش نانى ئىلىپ يىيىشكە باشلىدىم . مىھرىبان ئانام قىلىپ بەرگەن نانى يەۋىتىپ شۇ ئۆيۈمنى ، قىرىنداشلىرىمنى ، ئايرىلغىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان يۇرتۇمنى ئويلاپ خىيالغا كېتىپتىمەن . خىيالىمدا مەن ئەقلىمنى بىلگەندىن باشلاپ تاكى بايا ئايرىلغىچە بولغان كۆرۈنىشلەر تىزلىك بىلەن ئۆتمەكتە ئىدى .
- ئەسالامۇ – ئەلەيكۇم ... تۇيۇقسىز قىلىنغان بۇ سالامدىن ئەندىكىپ تۇرۇپ كەتتىم . ئالدىمدا بايىقى ، مېنىڭ قارشى تەرپىمدە ئولتۇرۇپ كىتاپ ئوقۇۋاتقان قىز تۇراتتى .
- ۋە . ئ ە لەيكۇم – ئەسسالام . دىدىم دە ئورنىمدى تۇردۇم . توۋا ، مەن ھۇدۇقىنىمدىن سالامنىمۇ جايىدا قىلالمىدىم دىسە .
- قارىسام خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ كىتىپسىز ، خىيال ئىچىگە كىرىپ كەتكىنىڭىزدىن قولىڭىزدىكى نانمۇ چۈشۈپ كىتىپتۇ ، باشقىلار دەسسەپ سالمىسۇن دەپ ئىلىپ قويدۇم . شۇنداق دەپ ئۇ قولىدىكى خالتىغا ئوراقلىق ناننى ماڭا ئىككى قوللاپ ئۇزاتتى . مەن دەرھال ئورنىمدىن تۇرۇپ خىجىلىق ئىچىدە ناننى قولدىن ئالدىم دە رەھمەت ئىيتىپ ئولتۇردۇم . ئۇ قىزمۇ ئورنىغا قايتىپ داۋاملىق كىتاۋىنى ئوقۇشنى باشلىدى .
ئۇ قىزغا قارىدىم ، بۇغداي ئۆڭ ، يۈزلىرى يۇمۇلاق ، چىرايى شۇنچىلىك سۈزۈك ، بەدىنىگە خۇيمۇ ياراشقان كىيىملىرى ئۇنى بىرخىل سالاپەتلىق قىپ كۆرسىتىۋاتاتتى . ئۇ تىخىچە بىرىلىپ كىتاپ ئوقۇۋاتقان ئىدى . ئۇنىڭغا قاراپلا تۇرۇپ قاپتىمەن ، تۇيۇقسىز بىشىنى كۆتۈرمەسمۇ ، ئۇنىڭغا چۇنچە تىكىلىپ قارىغىنىمدىن خىجىل بولۇپ يەرگە كىرىپ كەتكىدەك بولۇپ كەتتىم ، يۈزلىرىم بۇ خىجىلىمنى شەلپەردەك قىزىرىپ ئاشكارلاپ ئۈلگۈرگەن ئىدى .
- سىزمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمسىز ؟
- ھەئە .
- قايسى مەكتەپتە ؟
- شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىغا بۇ يىل ئۆتتۈم . دىدىم بىشىمنى يەردىن كۆتۈرمەي
- ھە ، مەنمۇ شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىدا ئوقۇيمەن ، مەن ئۆتكەن يىلى بارغان ، قارىسام شۇ بىرخىل قورۇنۇپ ، خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭىز ، شۇڭا سورۇشۇم .
- ھە .... قىزىق ، باشقا ۋاقىتلاردا گەپ سۆزدىن قالمايدىغان بۇ ئىغىغىم تۇتۇلۇپلا قالغان ئىدى .
- قايسى كەسىپكە قوبۇل قىلىندىڭىز ؟ ئۇنىڭ سورىغان سۇئالى خىيالىرىمنى بۆلىۋەتتى .
- جەمىيەتشۇناسلىق كەسپىگە ؟ سىز چۇ قايسى كەسىپتە ئوقۇيسىز ؟
- مەن ساياھەت باشقۇرۇش كەسپىدە بۇ يىل كەسىپكە چىقىمەن . دىدى مەن ھە دىگەن قىياپەتتە بىشىمنى لىڭشىتىپ قويدۇم ۋە :
- كىتاب ئوقۇشقا ئامراقكەنسىز ھە ، قارىسام شۇنچە بىرىلىپ ئوقۇپ كەتتىڭىز ؟ ، بۇ قىتىم مەن سۆز باشلىدىم .
- ھەئە ، مەن كىچىكىمدىن باشلاپ كىتاب ئوقۇشقا بەكمۇ قىزىقىمەن ، مەن ئۆيدە يالغۇز بولغاچقا ، مۇشۇ كىتابلاردىكى پىرسۇناجلار بىلەن سىردىشىپ كىلىۋاتىمەن ....
بىز شۇ تەرىقىسىدە خىلى ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق ، ئارلىقتا ئۇنىڭغا بىر تىلفۇن كەلدى قارىغاندا ئانىسى بولسا كېرەك . ئۇ تىلفۇننى ئەدەپ بىلەن ئىلىپ ئەھۋال سورىدى ھەم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى دەپ ئانىسىنى خاتىرجەم قىلدى . شۇ ۋاقىتتا مەنمۇ ئۆيدىكىلەرنى شۇنچە سىغىندىم ، ئەگەر تىلفۇن بولغان بولسا ئىدى ھە . ئەسلىدە دادام ماڭىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىلفۇن ئىلىپ بەرمەكچى بولغان ئىدى لېكىن مەن ئائىلە ئىقدىزادىمىزنى نەزەردە تۇتۇپ ، ھەم ئۆيدە تىلفۇن بولمىغاچقا ، ئۆيگە تىلفۇن ئورناتقاندىن كىيىن ئالساممۇ بولىدىغانلىقى ئىيتىپ ئالمىغان ئىدىم .داداممۇ ماقۇل بولۇپ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئۆيگە تىلفۇن ئورنىتىغانلىقى ، شۇ ۋاقىتقىچە قوشنىمىزنىڭ تىلفۇنىغا تىلفۇن قىلىشنى ئېيتىپ نومۇرىنى يىزىپ بەرگەن ئىدى .
سەپەر ئۈستىدە ئۇ قىزبىلەن كىتاب توۈۇرلۇق ، شەخسىي پاراڭلارنى قىلىپ قىلچىمۇ ھارغىنلىق بىلىمەيۋاتاتتى . پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇقتۇمكى ، بۇ قىزنىڭ ئىسمى رازىيە ، بىزنىڭ ناھىيەگە قوشنا بولغان بىر ناھىيەدىن ، دادىسى قاتناش ھادىسىسىدە قازقا قىلغاچقا ئانىسى بىلەن بىرگە تۇرىدىكەن . بۇ ئىشلىرىنى ئاڭلاپ بۇ قىزغا ئىچىم ئاغرىۋاتتى ، مەنمۇ ئىلە ئىشلىرىمنى ئىيتىپ بىرىپ خۇشال پاراڭلاشتۇق . ئۇ قىز مېنىڭ ئىھۋالىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن مېنىڭ ئىشلىرىمغا ياردەم قىلىدىغانلىقى ، بىر مەكتەپتە بولغاندىكىن ئىزدىشىپ تۇررساق بولىدىغانلىقىنى ئىيتتى ، مەنمۇ ماقۇللۇق بۈلدۈردۈم ، ئەلۋەتتە ، شۇنداق يات بىر شەھەردە ، يەنە كىلىپ تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ گىرۋىكىدىكى خىلۋەت بىر ماكاندا چوڭ بولغان مەن تەمتىرەپ ، يەتسىراپ قىلىشىم ئىنىق دە ، بۇ قىزنىڭ شۇنچە قىزغىنلىقىدىن سۆيۈنۈپ ماقۇل بولدۇم ۋە رەھمەت ئىييتىم .
مانا ، مېنىڭ ھاياتىمدىكى تۇنجى سەپەر ، يات شەھەرنىڭ مۇساپىر پۇخراسى بولۇش سەپىرى باشلاندى ، پويىز نۇرغۇن مۇساپىڭەرنى بىسىپ ئەتىسى چۈشكە يىقىن ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەلدى . پۇيىز رادىيوسىدىن < پويىز ئۈرۈمچى جەنۇبى ۋوگىزالىغا يىتىپ كەلدى ، يولۇچىلار يۈك – تاقاڭلارنى ئىلىپ پويۇزدىن چۈشۈشكە تەيارلىق قىلىڭلار > دىگەن ئاۋاز ياڭرىشى بىلەن بىر كۈن پويۇزدا تىنىچ ئولتۇرغان سەپەرداشلىرىم قوزغۇلۇپ يۈك _ تاقلىرىنى ئىلىپ ، پويىز توختىغاندا بىر _ بىرلەپ چۈشۈشكە باشلىدى . مەنمۇ چەكسىز ھاياجان بىلەن چۈشۈشكە تەيارلاندىم .
مانا ، پويۇزدىمۇ چۈشتۈم ، يۈرەكلىرىم شۇنداق ھاياجانلانماقتا ... كىلىشۋالغىنىمىز بويىچە پويۇزدىن چۈشۈپلا چەت تەرەپتە رازىيەنى ساقلاپ تۇردۇم . راس سۋاقلاپ تۇرمىساممۇ بۇنداق چوڭ بىكەتتە مەن ئىزىپ قالىدىغاندەك تۇراتتىم . ئۇمۇ چۈشتى دە ، ئىككىمىز بىرلىكتە بىكەتتىن چىقتۇق ، ئاللا ، ئۈرۈمچى مەن ئويلىغاندىنمۇ چوڭدەك ، كىشىلىرى شۇنچە ئالدىراشتەك قىلاتتى . بىز بىكەتتىن چىقىپ بىر كىچىك كىرا ئاپتىمۇبىلىغا چىقتۇق دە ، مېنىڭ مەكتىۋىم ، ئارزۇيۇمدىكى شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختۇدۇق . كېلىپلا بۇ مەكتەپنىڭ شۇنچە چوڭ ئىشىكى ، ۋە ئالدىراش كىرىپ – چىقىۋاتقان ئادەملەرگە قاراپ يۈرۈكۈم لەرزىگە كەلدى
ئاھ ، مەن كەلدىم ، مەن سەندە ئوقۇغىلى كەلدىم مەكتىۋىم ھەۋەتتىم ھاياجان بىلەن ، ھەمدە رازىيەنىڭ يوش باشلىشى بىلەن مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ تۇنجى قەدىمىمنى ئالدىم ...
ئەلۋەتتە شۇ تۇنجى قەدىمىم نۇرغۇنلىغان شىرىن ھىسلارنىڭ ، بەخىتلىك كۈنلەتنىڭ ، يەنە ئاچق ساۋاقلارنىڭ ، يىرگىنىشلىك مىنۇتلارنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قىلىشىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز .....
ئاخىرى بار .....
213 قېتىم كۆرۈلدى | AHTAR | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-31 16:52:46 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|