تەقدىر سىمفونىيەسى
( پوۋسىت )
ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈچۈنچى باب : توردا باغلانغان قەلىب
ئالتىنجى قىسىم
ياز ئايلىرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى . مانا ، ھەربىي مەشىقمۇ تۈگەپ ئوقۇش باشلىغىنىمىزغا ئالاھەزەل بىر ھەپتىچە ۋاقىت بولۇپ قالدى . يىڭى مەكتەپ ، يىڭى ئوقۇتقۇچى ، يىڭى ساۋاقداشلا بىلەن ئۆتىۋاتقان مۇساپىرچىلىق ھاياتىمغا ئاستا – ئاستا كۆنىشكە باشلىدىم . دادام مېنىڭ قىينىلىپ قالغانلىقىمنى نەزەردە تۇتۇپ ئاخشام تىلفۇن قىلغىنىمدا كارتامغا 300 يۈەن سىلىۋەتكەنلىكى ، بىر ئامال قىلىپ تىلفۇندىن بىرنى سىتىۋىلىپ ئىشلىتىشىمنى ئىيتتى . راس ، دىمىسىمۇ ئالىي مەكتەپ ھاياتى باشقىچە بولىدىكەن ، تاپشۇرۇقلار ، مەكتەپ ۋە سىنىپنىڭ موھىم ئۇقتۇرۇشلىرى ئاساسەن توردا يولىنىدىغان بولغاچقا بۇ بىر ھەپتە بىر قىسىم ئىشلاردا بىرئاز قىيىنچىلىقمۇ بولغان ئىدى . لېكىن ئۆيدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەچكە ئۇلارنى قىيناپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ ئىيتمىغان ئىدىم . بىچارە دادام مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشەنگەندەك شۇلارنى ئىيتقان ئىدى .
بۈگۈن دەم ئىلىش كۈنى بولغاچقا بىر ئامال قىلىپ تىلفۇن سىتىۋىلىشنى ئويلىدۇم ، لېكىن سەل تەشۋىشلىنىۋاتاتىم . چۈنكى مەن بۇ زامانىۋىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ مۇساپىر پۇخراسى ، يەنە كىلىپ ھىچ يەرنى ئۇقمايمەن . قانداق قىلىشىم كېرەك ؟ شۇلارنى ئويلاپ تۇرغۇنىمدا قولۇمغا رازىيەنىڭ تىلفۇن نومۇرى يىزىلغان ۋاراقچە چىقىپ قالدى دە مەكتەپ ئىچىدىكى ئامىۋىي تىلفۇن پوكىيىگە بىرىپ رازىيەگە تىلفۇن قىلدىم . ئۇ تىلفۇنى يەنە شۇ ياڭراق ، شوخ ئاۋازى بىلەن ئالغان ئىدى . مەن ئۇنىڭدىن بۈگۈن ئىشى بار يوقلىقىنى ، ئەگەر ئىشى بولمىسا ماڭا بىرلىكتە تىلفۇن ئىلىپ بىرىشنى ئىيتتىم . راس ، دىمىسىمۇ شۇنىڭغا دىمىسەم باشقىلارغا دىمەتتىم . چۈنكى ساۋاقداشلار بىلەن يىڭى تونۇشتۇم ، ياتاقداشلىرىم بىلەن بولسا تاماقتا بىللە بولغىنىمىز بىلەن بۇنداق دەم ئىلىش كۈنلىرى ھەممىسى ھەر ياققا چىقىپ كىتەتتى . رازىيە ئىشى يوقلىقىنى ، بىر سائەتتىن كىيىن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ساقلاپ تۇرىدىغانلىقى ئىيتىپ تىلفۇننى قويۋەتتى .
بىر سائەتتىن كېيىن رازىيە بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات يىرىگە جايلاشقان خەلىقئارا چوڭ بازارنى ئارلاپ ، بازارنىڭ ئارقا تەرپىگە جايلاشقان تىلفۇن بازىرىغا كىردۇق دە تاللاپ يۈرۈپ دادام ئەۋەتكەن پۇلغا يىنىمدىكى ئازراق پۇلنى قوشۇپ بىر ئىكرانلىق تىلفۇن اىتىۋالدۇق ، ۋە ياندىكى كۆچمە خەۋەرلىشىش تىجارەت زالىغا كىرىپ ئۆز نامىمغا بىر كارتىمۇ بىجىرۋالدىم .
شۇنداق قىلىپ مەنمۇ بىر تىلفۇن سىتىۋالدىم ، تىلفۇننى سىتىۋىلىپ تۇنجى بولۇپ ئۆيگە تىلفۇن قىلدىم . تىلفۇننى سىڭلىم ئالىيە ئالغان ئىدى ، .ۇنىڭ بىلەن ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن ئانامنى چاقىرىپ قويۇشنى سورۇدۇم دە ئانام بىلەن پاراڭلاشتىم . ئانامغا دادام ئەۋەتكەن پۇلغا ئازراق پۇل قوشۇپ بىر تىلفۇن ئىلىۋالغانلىقىمنى ، ئەمدى كۈندە تىلفۇن قىلسام بولىدىغانلىقىنى ، ئۇلارنىڭمۇ ماڭا تىلفۇن قىلسا بولىدىغانلىنى ئىيتىپ يىڭى بىجىرگەن كارتا نومۇرۇمنى ئىيتىپ بەردىم . ئانام سىڭلىمنىڭ ياردىمىدە نومۇرنى يىزىۋىلىپ قەۋەتلا خوش بولۇپ كەتكەن ئىدى . دادام ئىتىزغا چىقىپ كەتكەن بولۇپ كەچتە قايتىپ كەلگەندە بۇ خوش خەۋەرنى ئىيتىپ تىلفۇن قىلىدىغانلىقى ئىيتىپ تىلفۇنى قويۋەتتى .
بىز بىردەم بازار ئارلىغاندىن كىيىن مەن رازىيەگە رەھمەت ئىيتىش ئۈچۈن كىچىكىنە بىر تاماقخانىغا كىرىپ تاماق يىدۇق ، بۇ جەرياندا رازىيە ماڭا تىلفۇننى بىر قاتار چۈشەندۈرۈپ ، ئۈندىدار ، ھەم بىر قىسىم دىتاللارنى توردىن چۈشۈرۈپ باردى ۋە ماڭا يىڭى بىر ئۈندىدار ئىچىپ ئويلان دەپ ئىسىم قويۇپ نەردى دە ، مېنىڭ يىڭى ئۈندىدارىمغا ، يىڭى تور دۇنيايىمغا تۇنجى بولۇپ ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىنى قاچىلاپ ، ئۈندىدارنى قانداق ئىشلىتىش ، ھەم نىمىلەرگە دىققەت قىلىش لازىملىقى چۈشەندۈرۈپ قويدى . مەن كۆپ رەھمەت ئىيتىپ مەكتەپكە قايتىپ كەلدىم ۋە ، مېنىڭ يەنە بىر ھەمرايىمنىڭ ئىقتىدارلىرىنى چۈشىنىشكە باشلىدىم .
تىلفۇنىڭ ئىقتىدارلىرى خەنزۇچە بولغاچقا ئىككى سائەت ئەتراپىدا ئتىشىپ ئاساسەن ھەممە ئىقتىدارلىرىنى چۈشۈنۈپ بولدۇم . ئۈندىدارىمدا رازىيەدىن باشقا ھىچقانداق ئادەم يوق ئىدى . ئۇنىڭ ئۈندىدارىدىكى ئىسمى كەچمىش بولۇپ ، باش سۈرىتىدە بىر قىزىل ئەتىرگۈلنىڭ رەسىمى بار ئىدى . مەن ئۇنىڭ ئۈندىدارىنى ئىچىپ ، ئۇ بايا چۈشۈرۈپ بەرگەن ئۇيغۇرچە خەت يىزىش دىتالىدىن پايدىلنىپ < ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم رازىيە ، قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ بۈگۈن سىزنى بەك ئاۋارە قىلۋەتتىم ، رەھمەت > دىگەندەك ئۇچۇرلانى يازدىم . مېنىڭ ئۈندىدار ئىشلىتىپ يازغان تۇنجى ئۇچۇرۇم شۇ ، يوللىغان تۇنجى ئادىمىم رازىيە ئىدى .
داۋامى بار ....
186 قېتىم كۆرۈلدى | AHTAR | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-3 17:19:03 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|