تەقدىر سىمفونىيەسى
( پوۋسىت )
ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈچۈنچى باب : توردا باغلانغان قەلىب
يەتتىنچى قىسىم
شۇنداق قىلىپ ، يىڭى مەكتەپ ھاياتىمدىكى غىرىبانە كۆڭلۈمگە يانفۇنۇم ھەمراھ بولۇپ ، مۇساپىرچىلىق ھاياتىمدىكى قىزىقىشىم باشلاندى . ھەر كۈنى دەرىستىن چۈشۈپ ياتاققا يۈگرەيتتىم دە ، دادام – ئانامغا تىلفۇن قىلىپلا ئۈندىدار ئاچاتتىم . نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۈندىدار ئاچقىنىمدا تۇنجى بولۇپ رازىيەنى قاچىلىغان بولسام ھازىرمۇ مېنىڭ ئالاقە چەمبىرىكىمدە رازىيە ئاساسىي ئورۇندا تۇراتتى . شۇنداق قىلىپ بىر ھەپتىمۇ ئۆتۈپ كەتتى . كۈندىلىك ئۈگۈنىشىمنى قىلىپ بوپ يەنىلا شۇ ئىشلىرىمنى داۋام قىلۋاتىمەن . يىڭىدىن قوشۇلغان دوسلۇرۇم بىلەن پاراڭلىشىش ، سالۇنلاردىن تۈرلۈك مەزمۇنلارنى كۆرۈش كۈن دۈكۈك ئىشلىرىم ئىدى . ئەلۋەتتە ، رازىيە بىلەن كۈندىن كۈنگە ئارلىقىمىز يىقىنلاپ ، پاراڭلىرىمىز ئاۋۇنۋاتاتتى . ئىككىمىزنىڭ قىلىشمايدىغان تاقا – تۇققا پاراڭلىرىمىز ، كۈلۈشمەيدىغان ۋاقىتلىرىمىز يوق ئىدى . بۇ زامانىۋىي شەھەردە ياشاۋاتقان بىزدەك بۇ سەرسان روھ ئىگىلىرى بىر – بىرىمىزنىڭ قاياشى بولۇپ ئۆتىۋاتىمىز . مۇشۇ مەكتەپكە كەلگەن ، ياق شۇ پويۇزنىڭ ۋاگۇنىدا رازىيەنى ئۇچراتقان شۇ دەملەردىن باشلاپ تا ھازىرغىچە ئۇ ، ئۆزىنىڭ ئىسىلىقى ، ئاقكۆڭۈلىكى ، شۇ ئوچۇق مىجەزى بىلەن قەلىپ قەسىدەمگە ئىچكىرلەپ كىرۋاتاتتى . ئۈندىدار ئاچقان شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ ئۈندىدارىمنىڭ ئەڭ ئۈستىىدە ، ئەڭ كۆپ پاراڭلىشىدىغان ئادىمىم شۇ ئىدى .
ئالىي مەكتەپكە كىلىپ بىر ئايچە ۋاقىت بولغان بىر كۈنى :
_ ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم . رەھمىتۇللا ، بۈگۈن كەچتە ۋاقتىڭىز بولسا كەچلىك مۇزاكىردىن چۈشۈپ پاراڭلاشقان بولساق . ئەتتىگەندە رازىيە ئۈندىدارىمغا شۇنداق ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويۇپتۇ .
- بۇ قىز ئەجەپ كەچ ۋاقتىدا كۆرۈشەيلى دەپ قاپتا ؟ بىرەر موھىم گىپى بولسا كېرەك . دەپ ئۆز – ئۆزۈمگە پىچىرلاپ سىنىپقا چىقتىم . كەچتە مۇزاكىردىن چۈشكەن ۋاقىتتا كۈندە ياتاققا كىرىپ ، ئۈندىدار ئىچىشقا ئالدىرايدىغان مەن نەرسىلىرىمنى ئالدىرماي رەتلەپ تۇرۇپ قالدىم . سىنىپتا بىر يالغۇز مەنلا قالغان بولۇپ ، تىلفۇنىمنى ئىلىپ رازىيەگە تىلفۇن قىلدىم .
- ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم ، مۇزاكىردىن چۈشتىڭىزمۇ ؟ ، مەن مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ يان تەرپىدىكى يولدا سىزنى ساقلاپ تۇردۇم ، چىقىڭە . دەپلا تىلفۇننى قويۋەتتى . قىزىق ، ئىلگىرى بىرقانچە قىتىملاپ تىلفۇن قىلىشلاردا شۇنچە مەردانە سۆزلەيدىغان رازىيەنىڭ سۆزلىرى باشقىچە ، يەر ئاستىغا كىرىپ كەتكەنلا ئىدى . مان ئۇنىڭ ئاۋازىنى ، ياق شۇنچە مەيۈس ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئولتۇرالمايلا قالدىم دە ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ بىنا يىنىدىكى قويۇق دەرەخلەر بىلەن قورشالغان يولغا چۈشۈپ رازىيەنى ئىزدىدىم . ئۇ يولنىڭ ئىچكىرە تەرپىدىكى بىر ئورۇندۇقتا ئۇلتۇرۇپ مېنى ساقلاۋاتقان ئىكەن .
ئۇ مېنىڭ كەلگىنىمنى كۆرۈپ :
_ كەلدىڭىزمۇ ؟ دەپلا قويدى دە ، قولۇمغا بىر كىتابنى تۇتقۇزۇپ قويۇپلا كېتىپ قالدى .
- توۋا ، ئۇنىڭغا نىمە بولغاندۇ ؟ بىرەر ئىش بولغان بولسا بۇنداق قىلماس بولغىيتتى . مەن شۇلارنى ئويلاپ ئىختىيارسىز ئۇ تۇتقۇزۇپ قويغان كىتاپقا قارىدىم . ئۇ چەتئەللىك قايسى بىر يازغۇچى يازغان < يىگىت دىگەن شۇنداق بولسا > دىگەن ئىدى .
كىتابنى ۋاراقلاپ ئىختىيارسىز بىر نەرسىنىڭ كىتاپ ئارىسىدىن چۈشۈپ كەتكەنىكىنى بايقىدىم
- خەت ؟ ئۇ كىمنىڭ خېتى بولىغىيتتى ؟ رازىيە بۇ كىتابنى ماڭا بىرىپ نىمە قىلماقچىدۇ ئەجىبا ....
چىغىر يولنىڭ يىنىدا يىنىپ تۇرغان كوچا چىرىغىنىڭ ئاستىغا كېلىپ خەتنى ئىچىشقا باشلىدىم . گەرچە بۇ كېمنىڭ خىتى ئىكەنلىكىنى بىلمىسەممۇ لېكىن قانداقتۇر بىر سىھرىي كۈچنىڭ تۈرۈتكىسىدە ئىچىپ ئوقۇشقا باشلىدىم . خەت مۇنداق باشلانغان ئىدى .
ئاخىرى بار .....
266 قېتىم كۆرۈلدى | AHTAR | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-5 5:31:46 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|