سۆيگۈ ھەققىدە
تۇرغۇن راخمان(كەمتەر)
پايدا مەنپەئەت ۋە مال دۇنيا ئۈستىگە قۇرۇلغان،ھەر قانداق دوستلۇق ۋە ياكى مۇھەببەت بولسۇن،خۇددى ئاستى ئوچۇق گۈل تەشتىكىغىلا ئوخشايدۇ.
سېنىڭدىن ئاغرىنغانلىقىم،دەل ھىجرانلىق قەلبىمگە،ئازاپ دەرەخىنى تىكىپ،مىسكىن قەلبىمنى ئازابلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ھالىڭنى سورىمىغان يالغان يېقىنىلىرىڭنى تاشلىۋەت،خاننىڭ ئەۋلادى،ھەتتا سۆيگەن يارىڭ بولسىمۇ.
ئۇز مەنىپەتنىلا ئۇيلاپ،سېنىڭ ھىرىپ چارچاشلىرىڭىنى سەزىمىگەن قەلب،دۇنيارىڭنى بىلمىگەن ئنساننىڭ،سەن ئارزۇلغىدەك،كىچەلمىگىدەك نەرى بار؟
سۆيۈش ئىشەنچ،سۆيۈلۈش بەخت،كۈتۈش سىناق،ئايرىلىش ئازاپ.
شۇنداق بىر كۈنلەردە،سەۋېرنىڭمۇ ۋاقتى توشۇدۇ،شۇ چاغدا ئېشىۋالغىنىڭىز بەدىلىگە،ئېشىپ قالىسىز،مانا بۇ تۆنۈگۈنكى ئېشىۋالغان،بۈگۈنكى ئىشىپ قالغان،ئۆزىنى بىلمىگەن،يا سۆيەلمىگەن،يا كۈتەلمىگەن،روھى ئۆلگەن،جىسمى تۈگىگەن، غېېرپ-مىسكىن سىزدۇرسىز.
كۈلدۈرۈشنىڭ نەقەدەر تەسلىكىنى،پەقەت بىر يۈرەكلا بىلىدۇ. بەزىلەر راست،بەزىلەر بىلىپ-بىلمەي،بەزىلەر مەجبۇرىي،بەزىلەر ئاچچىقتا كۈلىدۇ.يەنە بەزىلەر يا كۈلەلمەي،يا كۈلدۈرەلمەيلا كىتىدۇ.بۇلارنىڭ سەپىرىگە ئاق يول تىلىمەي ئامال يوق.
كۈلگىن،ئەمما يۈرۈگۈڭدىن چىقىرىپ ھەقىقىي كۈلگىن،مېھرىڭ بىلەن سۆيۈنۈپ،تىلىڭنىڭ ئۇچىدا ئەمەس،دىلىڭدىن كۈلگىن، سېنىڭ كۈلۈپ قارىشىڭ،كىيىنچە ئۆزۈڭگىمۇ پايدىلىق .
بۈگۈنكى خوشللىقىم،تۈنۈگۈنكى قەلب يارامىڭ ئىزناسى، ئەتىكى خۇشاللىقىمنىڭ ھەمشىرىسى،كەلگۈسىمنىڭ سوۋغىسى.
كۈلۈشلىرىڭ،مېنىڭ ئاچچىق ئازابىمنىڭ رىيازىتى بولالىسا، ئەكسىچە دەل غەپلەت ئۇيقۇمدىن ئويغانغان ۋاقتىمدۇر .
ۋايساش،لاياقەتسىز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ،ئۇ بىر يۇقۇملۇق كىسەل،جىسمىڭىزنى چىرمىۋالمىسۇن،دەرھال ئالدىنى ئېلىش ”تېرىشىش دورىسى“نى ئېچىڭ،ئۇنداق قىلمايدىكەنسىز، كېيىنچە كىسەل يۈرىكىڭىزنى راسا مۇجىغاپ،بەكلا ئازاپلايدۇ، پۈتكۈل يەر شارىدىنمۇ ساقايتىش دورىسىنى تاپالمايسىز.
184 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-18 19:02:31 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|