سۈن ۋۇكۇڭنىڭ تاڭسىڭغا يازغان خېتى
قەدىرلىك ئۇستاز ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ؟
بىز كۆرشمىگىلى 2 ئەسىردىن ھالقىپ تۈمەن يىللار ئېشىپ كېتىپتۇ ، بىلمىدىم ھېلى ھەم بۇرۇنقىدەك ياش ھەم جەزبىدار ھالىتىڭىزنى ساقلاپ ياخشى تۇرۋاتامسىزكىن ؟ خەلىقئارا خەۋەرلەردىن ئاڭلىشىمچە سىز بۇتخانىدا نوم ئوقۇشتىن زېرىكىپ جاھان كېزىپ يۈرۈپ ئاخىرى ياپونىيەنىڭ توكيۇ شىتاتىدا ماشىنا قۇراشتۇرۇش شىركىتى ئېچىۋاپسىز ھە ؟ سودىڭىزمۇ دەرىجىدىن تاشقىرى يامان ئەمەسكەن .
تەخمىنەن بىر ئاي بۇرۇن بىر دوستۇم ئۈرۈمچىدىكى خەلقىئارا ئىمپورت ئېكىسپوت يەرمەنكىسىگە بېرىپتىكەن ، ئۇ گۇينىڭ دېيىشىچە سىز ئىشلەپچىقارغان <تاڭ خون > <تاڭ تا > ماركىلىق ماشىنىلىرڭىزنى ماختىمىغان ساراڭ قالمىدى دەيدۇ ، كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى سىزنىڭ ماشىنىلىرىڭىزغا ھېچقانداق يېقىلغۇ ئىشلەتمەيدىكەن پەقەت سىز ئوقۇپ پۈتۈپ بەرگەن ئەپسۇنىڭىز بىلەنلا ھەركەتلىنىدىكەن ، بارىكاللا ئۇستاز سىز ھەقىقەتەن دۇنيا سانائەت ئىنقىلابىدا مىسلىسىز نەتىجە قازنىپسىز جومۇ !
تېخى تۈنۈگۈنلا چەتئەل تاراتقۇلىرى ئۈندىدار دوسلار چەمبىركىدە <دۇنيا ماشىنا پېشۋاسى تاڭ سىڭ ھەققىدە قىسسە > ناملىق تارىخىي لىرىكىنى ئوقۇپ تاتلىق تەسىرلەندىم . سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئادىرىسىڭىزنى بىلۋالغاندىن كېيىن مۇنۇ خەتلەرنى يېزىۋاتىمەن .
خوش گىپىمىزگە قايتىپ كەلسەك ياپونىيەلىك يەر مۇھەكىلىنىڭ دېيىشىچە سىز راھبىلارنىڭ قائىدىسىنى پاچاقلاپ توي قىلىۋاسىز ئاڭلاپ ھەيران قالدىم، ئالغاندىمۇ ئازكەم 10 خوتۇن ئاپسىز ، يەتتە قىزلىق 3 ئوغۇللۇق بوپسىز، ئالدى بىلەن سىزنى تەبرىكلەيمەن ، مۇبارەك بولسۇن ئۇستاز ! بىراق توي قىلغان چاغدا نىمىشقا ماڭا خەۋەر قىلمايسىز ؟ بۇ قىلغىنىڭىز قەلبىمگە بەك كەلدى ھېچ بولمىغاندا توي باغىقىڭىزنى ئۈندىدار ياكى كوت كوتلاردا توپ ۋە پارچە تارقىتىپ قويغان بولسىڭىز مەن نەدىن بولمىسۇن تېپىپ باراتتىم ئەمەسمۇ …
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى سىزگە كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلاي ئۇستاز، شۇ يىللاردا گۈزەل ماكانىم چىمەن تاغدا قۇرغاقچىلىق يۈز بېرىپ مەنمۇ سىزدەك جاھان كېزىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدىم. نۇرغۇن جايلارغا باردىم ، بىراق مېنى پاتقۇزدىغان جاي چىقماي ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۈمىدلىنىپ ئاخىرى قومۇل ئايمىقىنىڭ تال تېغى شەھرىنى ماكان قىلىپ تۇتتۇم ، بۇرۇنقىدەك ئات چاپتۇرۇپ تۆگىلەرگە چالما ئېتىپ دېگەندەك ئىشقىلىپ كۈنلىرىم يامان ئەمەس ئۆتىۋاتىدۇ . بۇ يەردىكى كىشلەر تالانتىمنى بايقىغاندىن كېيىن مېنى ئاتچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بولغۇسى سابىق مۇدىرى قىلىپ قويدى دەڭە ……
گەپنىڭ ياڭىقىنى چاقسام ئۇستاز گەرچە بۇ يەردە ھەممە نەرسەم تەل بولسىمۇ يەنىلا بىر نەرسەم كەمدەك پەرىشان يۈردۈم ، يەتتە كېچە كۈندۈز توختىماي ئويلىنىش ئارقىلق شۇنى ھېس قىلدىمكى پېقىر شۇنچە مىليۇن يىل ياشاپ تا ھازىرغىچە بىرەسى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ باقماپتىمەن ، توي قىلىش بالىلىق بولۇشلارغۇ خىيالىمدىن ئەرىشكە چىققاندىنمۇ بەكرەك يىراق تۇرۇپتۇ ئەمەسمۇ …
سىز ئاڭلىدىڭىزمىكىن باجىي دېگەن ھاڭۋاقتىمۇ چاڭئىغا توختىماي تەلەپ قويۇپ ئاخىرى كەلتۈرۋاپتۇ ، ئۇلار توي قىلىپ شىۋىسسارىيەنىڭ بىر يېزىسدا <ئاي پەرىسى >ئاتلىق بىر مەيخانا ئېچىپ ئاجايىپ بېيىپ كەتتى دەيدۇ ، يەنە نۇرغۇن بالىلىق بولۇپ بەخىت ھوزۇرى سۈرۋېتىپتۇ .
شاسىڭ ئىنىممۇ بوش كەلمەي تايلانتنىڭ بىر شەھىردە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى سېتىپ مىليادىر بوپتۇ ، ئۆتكەن يىلى تايلانتلىق كىنۇ چولپىنى دېننى دەمدۇ ئەيتاۋۇر گۈزەل بىرىگە ئۆيلىنىۋاپتۇ . چولپانلار سالونىدا ئۇ ۋە ئۇنىڭ بەشكىزەك بالىلىرنىڭ رەسمىنى چىقىرىپتىكەن كۆزلىرىمدىن ئوت چىقىرۋەتتى .
ھەممىڭلار توي قىلىپ بالىلىق بولۇپ كەتتىڭلار پېقىر ئەرشكە تەڭداش ئەۋلىيا ئەزەم تۇرۇپ سىلەردىن كېيىن قالغانلىقىم ئۈچۈن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن ، بىراق بويتاق قاپسەن دەپ تەسەللى بېرمەن دېمەڭ ، سىزگە بۇ خەتنى يېزىشىمدا مەن سىزگە ئۈچ خوشاللىق ئىشنى دېمەكچى ، بىرىنجىسى : غەرىبكە نوم ئېلىش سەپىرىدە بىزگە توسقۇنلۇق قىلغان پاسىق سۆڭەك ئالۋاستى ئېسىڭىزدە بارمۇ ؟ ئۇ ھېلى ھەم مېنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن، ئاتايىن مېنى ئىزدەپ مۇشۇ يەرگە كەپتۇ دەڭ ، ئۇنىڭ ساداقىتىدىن چەكسىز تەسىرلىنىپ كۆڭلۈنى قايتۇرالمىدىم، سىزگە خەت يېزىشتىن 5 مىنۇت ئىلگىرى مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا رەسمى پۈتۈشتۈم . مەن بەك خوشال ھى ھى ھى … ئىككىنجى ئىش بىز يېقىندا ئىككى بالىلىق بولدۇق بىراق نىمە دەپ ئىسىم قويۇشنى بىلمىدىم شۇڭا سىزنى ئىسىم قويۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلمەن . ئۈچىنجى ئىش بولغوسى خوتۇنۇم ماڭا يەنە بىر ئوغۇل توغۇپ بەرمەكچى بولۋاتىدۇ ، مۇمكىن بولسا بالام توغۇلۇشتىن ئاۋال يېنىمغا كېلىپ بۇ دىيارنىڭ گۈزەل مەنزىرسىدىن ھوزۇرلانغاچ بىزنىڭ توي مەرىكىمزگە قاتنىشىپ نىكايىمىزنى ئۇقۇپ بىزگە بەخىت تىلەپ قويشىڭىز سىزدىن خۇش بولاتتىم .
دەيدىغان گەپلىرىم مۇشۇ ئۇستاز قىسقىسى سىزنى بەك سېغىندىم ، مېنى تەققەزا قىلماي تىزراق يولغا چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلمەن . ھەراس ئادىرىسىمنى دەپ بېرەي ئۇستاز ، توكيودىن بىيۋاستە قومۇلغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قومۇلغا كەلگەندىن كېيىن ئاقيەر ئايروپىلان توختىتىش ئىستانسى بار شۇ يەردىن قومۇل تال تېغى قىسقا يوللۇق تىك ئۇچارىغا ئولتۇرسىڭىز تېزلا بۇ يەرگە ئەكەپ قويدۇ . سەپەر ئۇزۇن يولدا كۆپرەك نان ئېلىۋالغايسىز ، شاگىرتىڭىز يولىڭىزغا قارايدۇ .
-ئەۋلىيا ئەزەم ۋۇكۇڭ -مىلادى 2016-يىلى 3-ئاينىڭ ھاۋا تولىمۇ ياخشى بولغان بىر كۈنى .
1791 قېتىم كۆرۈلدى | kalbidin | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-3-28 1:26:37 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-9-21 22:10:26 | ئامانتاي سۇلتان |
ياخشى يىزىلىپۇ؟سىزگە رەخمەت |
2016-7-29 6:10:34 | Habiba kar yasen hulja dadamtu yeza |
Bak yahxi yezeptu huddi kiqik wahtimzda korgan harepka sayahat felimni kurgandak boldum |
2016-4-5 12:14:23 | mansur |
kaltis |
2016-4-5 9:11:21 | شۆھرەت |
bak yakxi yeziptu , |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|