مائارىپقا قەتئىي سەل قاراشقا مۇتلەق بولمايدۇ
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر )
ئەقىدىلەر ئىچىدە ، مائارىپ ئەقىدىسى ئەڭ يۈكسەكلىكتە تۇرىدۇ ، مائارىپتىن ئىبارەت ئەۋلات تەربىيلەيدىغان بۇ بۈيۈك كەسىپكە خىيانەت قىلىش ، نۇمۇسسىزلارنىڭ ئىشى ھېساۋلىنىدۇ . مائارىپقا خىيانەت قىلىش ، ئۆزىگە ، ئەۋلاتقا ، مىللەتكە ، ۋەتەنگە خىيانەت قىلىش ھېساۋلىنىدۇ . شۇڭا ئىلىم مەرىپەت يولىغا قەدەم بېسىپ ، مەرىپەتتىن ئىبارەت بۇ گۈزەل باغچىغا قەدەم باسقان ھەر قانداق بىر شەخىسنىڭ بۇ كەسىپكە خىيانەت قىلىشى ، ئاستىن - ئۈستۈن قىلىشى ، ۋەتەننىڭ كىلېچەك قۇرغۇچىللىرىدىن بولغان ئىز - باسارلار ئەۋلاتنىڭ ئەتراپلىق تەربىيلىنىشىنى چەكلەپ قويۇشى ، بوغۇپ قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇ بىر كەچۈرۈم قىلغىلى بولمايدىغان جىنايەت ھېساۋلىنىدۇ .
ئدەم تەربىيلەشتىن ئىبارەت پەۋقۇللادە ۋەزىپىنى ئورۇنداشنى ئۈستىگە ئالغان ، مائارىپتىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە كەسىپ بېغىشلاش روھى بولۇشنى شەرت قىلغان ، مېھىر - مۇھەببىتى ۋە ئۆزلۈكسىز مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان ، ئادەم بولوشنى سىڭدۈرۈپ ، ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىدىغان ، ئىللىقلىقنى تەۋسىيە قىلىپ ، سىجىللىق ۋە دائىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ۋاستە قىلىدىغان ، ھەر كىمنى ئۆز خاھىشى بويىچە ئەمەس ، مائارىپنىڭ ئىلمىي قانۇنىيتى بويىچە تەربىيلەپ ، روھىتىنى ھەقىقىي ئۇرغۇتۇپ ، شىجائىتىنى ئاشۇرۇپ ، ئارزۇ - ئارمانلىرىنى يىتىلدۈرۈپ ، ئىرادىسىنى تاۋلاپ ، قىزىقىشى بويىچە ، ئىندېرۋاللىقىنى جارىي قىلدۇرۇپ ، ئالاھىدىلىكنى چىنىقتۇرۇشقا ئىلمىي يىتەكچىلىك قىلىپ ، ئەۋلاتلارنى بىرگە ماھىر ، كۆپكە قادىر قىلىپ تەربىيلەشنى ئاخىرقى نىشان قىلغان كەسىپ .
شۇڭا ، ھەممەيلەن ، ساپا مائارىپى بويىچە ئادەم تەربىيلەپ ، ئەتراپلىق تەربىيلەشكە تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ ، ئەمەلىي ئۈنۈم قازىنىشقا ، ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ئەمەلىي قوللۇنۇپ ،
ئىللىق باغچىدا ، بالىلارنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ ئىللىتىپ ، دىلىنى يورۇتۇپ ، ئىشەنچىدىنى ئاشۇرۇپ ، ھەر جەھەتتىن ياراملىق تەربىيلەشكە تېرىشساق .
بارلىق مائارىپ سېستىمىسىدىكى يولداشلار ، ئالدى بىلەن ئىددىيسىنى تولۇق ئازات قىلىپ ، شەكىل ئۈچۈن ئەمەس ، ۋەزىپە ئۈچۈن ئەمەس ، ئەمەل ئۈچۈن ئەمەس ، مۇئاش ئۈچۈن ئەمەس ، باشلىق ئۈچۈن ئەمەس ، پەقەت ۋەتەننىڭ ئىز باسارلىرى ئۈچۈن توغرا كەيپىيانى تۇرغۇزۇپ ، توغرا يول ئېلىپ ، توغرا پوزىتسىيە بىلەن ، بالىلارنى ئەتراپلىق تەربىيلەشكە يۈزلەنسەك . بىر مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى مائارىپتا .
شۇنى ئېسىمىزدە ساقلايلىكى ، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان مىللەت ، دۆلەت ھامان بىر كۈنى غەلبە قىلىشى مۈمكىن ، ئەمما مائارىپتا مەغلۇپ بولغان مىللەت ، دۆلەت مەڭگۈ قەد كۆتۈرەلمەيدۇ ، تەرەققىي قىلمايدۇ ، گۈللەنمەيدۇ ، چۈنكى ، مائارىپ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىدىن بولغان ئادەمنى تەربىيلەپ ، پەن-تېخنىكا بىلىملىرى بىلەن قۇراللاندۇرۇپ ، ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىيلەپ چىقىپ ، سوتسىيالىستىك قۇرلۇشنىڭ كېلىچەك ئىز باسارلىرىنى تەربىيلەيدۇ .
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
107 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-26 10:28:09 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|