‎ناۋادا پىنسىيە يېشى ئۇزارتىلسا مۇنداق بولىدۇ

‎ناۋادا پىنسىيە يېشى ئۇزارتىلسا مۇنداق بولىدۇ


‎ئوقۇغۇچى : مۇئەللىم ، دەرس ئۈتۈش ۋاختىڭىز توشتى .
‎ئوقۇتقۇچى : بولىدۇ ، ھاسامنى ئېلىۋەت ، چاقلىق ھارۋامنىمۇ ئەكەل ، سەل تۇرۇپ سىلەر گىمناستىكا ئوينىغاندا يېنىڭلاردا قاراپ تۇرمىسام بولماس .
‎ئوقۇغۇچى : بولىدۇ مۇئەللىم ، بۈگۈن ئۈچۈنچى بابنى سۆزلەيسىز جۇمۇ ، ئۇنتۇپ قالماڭ . ئىككىنچى بابنى سۆزلىگىلى ئۈچ كۈن بولدى.
‎ئوقۇتقۇچى : ھۇ سولتەك ، دەرس ۋاقتىدا نىمىشقا ئەسكەرتمەيسىلەر ؟
‎ئوقۇغۇچى : كۈنۈپمۇ قالدۇق ، سىز تېخى خېلى ياخشى ، ماتىماتىكا مۇئەللىم بىر فورمىلانى بەش قېتىم سۆزلىدى . لېكىن بەش قېتىمنىڭ ھەممىسىدە باشقا باشقا نەتىجە چىقىدۇ .
‎ئوقۇتقۇچى : سەن نىمىنى بىلەتتىڭ ، بۇ بىر سوئالنى كۆپ خىل ئىشلەش دىيىلىدۇ .
‎ئوقۇغۇچى : ھەراست مۇئەللىم ، دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقىنى تىلفونىڭىزغا تىترەيدىغان قىلىپ تەڭشەپ بىرەيلى .
‎ئوقۇتقۇچى : نىمىشقا ؟
‎ئوقۇغۇچى : ئەدەبىيات مۇئەللىم بىر سائەتلىك دەرسنى تۆت سائەت سۆزلىدى .
‎ئوقۇتقۇچى : نىمىشقا ئەسكەرتمەيسىلەر؟
‎ئوقۇغۇچى : ئەسكەرتتۇق ، ھەممىمىز ۋاقىت توشتى دەپ ۋارقىرىغان ، لېكىن ئۇ بىزنى بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنسىلەر دەپ يېرىم كۈن ماختىدى .
‎پىنسىيە يېشى راستىنلا ئۇزارتىلسا مۇشۇنداق قېرىپ ، ئالىجوقا سۆزلىگىدەك بولغىچە ئىشلەرمۇ ئوقۇتقۇچىلار ؟ ............





982 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-15 13:14:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ