بىرتال لەۋسۇرۇق
(ھىكايە)
پەرىزات بەكرى
بىر جۈپ يېڭى توي قىلغان ياشلارنىڭ تۇرمۇشى ناھايتى بەخىتلىك ئۆتىۋاتاتتى . قىز ئالى مەلۇماتلىق بۇلۇپ ، بىر داڭلىق كارخانىدا كاتىپلىق خىزمىتى قىلاتتى . يىگىت بولسا بۇرۇن ئائىلە شارائىتى سەۋەبىدىن ئاخىرغىچە ئۇقۇيالمىغان بۇلۇپ ، كىچىك بىر ماشىنا يۇيۇش ئورنى ئاچاتتى . قىز بۇنىڭدىن ئازراقمۇ نارازى ئەمەس ئىدى . يىگىتنى خىجىلچىلىق تارتقۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئاددى ساددا تىجەشلىك تۇرمۇش كەچۈرەتتى . كىيىن ئۇلار بىر ئوغۇللۇق بولغاندىن كىيىن تۇرمۇشتا تېخىمۇ ئىقتىساتچان بولدى . گەرچە قىز بەزىدە ھېرىپ چارچىسىمۇ كۆڭلىدە ئۇھسىنسىمۇ ، ھامان بىر كۈن يىگىتنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىدىغىنىغا ئىشىنەتتى .
بىر كۈنى قىز شىركەتتە ، باشقا بىر شىركەت بىلەن ھەمكارلىك ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقاندا خاتىرە يازغاش ئولتۇرۇپ قەغەز ئىستاكانغا قۇيۇلغان قايناقسۇدىن بىر يۇتۇم ئىچىپ ئاستاكاننى ئۈستەلگە قويغاش ، ئاغزىدىكى لەۋسۇرۇقنىڭ ئىستاكاننىڭ قىرغىقىغا سۈركۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ، ئوڭايسىزلانغىنىدىن ئىستاكاننىڭ لەۋسۇرۇق تىگىپ قالغان تەرپىنى ئۆزىگە قارىتىپ ئۈستەلگە قويدى . گەرچە يىغىن كەيپىياتىدا ھىچكىم بۇنىڭغا دىققەت قىلمىغاندەك قىلسىمۇ قارشى تەرەپ شىركەتنىڭ كاتىپى بۇنىڭغا دىققەت قىپ بولغانىدى . قاز تازلىق ئۆيىدە قۇلىنى يۇيۋاتقاندا ھېلىقى كاتىپنى ئۇچرىتىپ قالدى . ياشتا چوڭراق كەلگەن ئايال كاتىپ قۇلىنى يۇيغاش كېلىپ قىزغا مۇلايىم تىكىلىپ ،
- لەۋسۇرىقىڭىز نىڭ رەگڭى بەك چىرايلىقكەن دېدى .
- نىمە ؟ - قىز تۇيۇقسىز ئېيتىلغان بۇ گەپتىن سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدى .
- بىز كاتىپلار بىر شىركەتنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىمىز ، شۇڭا يۈرۈش تۇرىشىمىز ، ۋە ئوبرازىمىزغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك . گەرچە ھىرخىل رەڭلىك ئەرزان باھالىق گىرىم بۇيۇملىرى ئادەمنى جەلىپ قىلسىمۇ ، بىز قاتنىشىدىغان مۇھىم يىغىن ۋە ئالاھىدە سورۇنلار كۆپ بولغاشقا ، ئىشلەتكەن گىرىمىمىز ۋە لەۋسۇرۇقىمىز باشقا بۇيۇملارغا تىگىپ قالسا باشقىلارنىڭ ئالدىدا خىجىلچىقتا قالغاندىن باشقا ئۆزىمىزنىڭ شىركىتىنىڭ ئوبرازىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىمىز .
- ئايال كاتىپ شۇنداق دەپ قۇيۇپ يەنە مۇلايىم كۈلۈمسىرەپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى . قىز گەرچە كۈلۈپ تۇرۇپ ئىلىك ئالغاندەك قىلغان بىلەن قاتتىق ئوڭايسىزلانغىنى ئۆزىگە ئايان ئىدى . كەشلىك تاماق ۋاقتىدا بىر كۈن ئىشلەپ چارچىغان يىگىت ، قىزنىڭ بىر چوكىمۇ تاماق يىمەي غەمكىن ئولتۇرغىنىغا ئانچە دىققەت قىلمايلا ، تۇرۇپ كەتتى . قاچا قۇچىلاېنى يۇغۇشتۇرۇپ ، بالىسىنى ئۇخلىتىپ بولغان قىز يىگىتنىڭ يېنىغا كىرىپ ، قاتتىق ئۇيقىغا كەتكەن ئېرىگە قاراپ بىردەم خىيال سۈرگەندىن كېيىن ئېرىنى ئاستا ئويغاتتى .
- نىمە ؟ يىگىت كۆزىنىمۇ ئاشماي ئېرىنچەكلىك بىلەن جاۋاپ قايتۇردى .
- مەن بىر لەۋسۇرۇق ئالاي دىگەن .
- ئاسىڭىز ئاممامسىز ، مەن قاچان ئارلىشىپ باققان .
- شۇ سەل قىممەترەكنى ئالاي دىگەن .
- ھە ، ماقۇل ئېلىڭ . نىمە ئالغۇڭىز كەلسە شۇنى ئېلىڭ .
يىگىت شۇنداق دەپ يەنە ئۇيقىغا كەتتى . قىز يىگىتنىڭ راس دىگىننى ياكى ، ئۆزىنىڭ نەچچە پۇللۇق لەۋسۇرۇقنىڭ گېپىنى قىلغىنىنى بىلمەيلا ھە دېگىننى چۈشىنەممىگەن بولسىمۇ دەم ئېلىش كۈنىدە يېڭى گىرىم بۇيۇملىرى سېتىۋېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئۇخلاپ قالدى .دەم ئېلىش كۈنى قىز سېتىۋالغان يېڭى گىرىم بۇيۇملىرىنى قوللىرىغا ئېلىپ قەۋەتلا خۇش بوپ كەتكەن ئىدى . چۇقۇم تىجەپ ئىشلىتىمەن ، ئەمدى مەنمۇ باشقا كاتىپلاردەك ئىشخانامدا ئولتۇرۇپلا گىرىم قىلالايدىغان بولدۇم ، دەپ ئويلاۋاتقاندا ئېرىدىن تېلفۇن كەلدى .
-ئۆيدە جىددى ئىش بولدىما ؟
- ياق نىمىش بولدى ؟
- ئەمسە كارتىدىن نەچچە مىڭ يۈەن ئايرىپسىزغۇ ؟
- ھە ، قايسى كۈنى سىزگە دىگەنغۇ گىرىم بۇيۇملىرى سېتىۋالىمەن دەپ .
- نىمە شۇنچە پۇلنىڭ ھەممىسىگە گىرىم بۇيۇمى سېتىۋالدىڭىزما ؟
ئېرىنىڭ ئاۋازىنىڭ سەل قوپالراق چىقىپ كەتكىنىدىن ھەيران بولغان قىز تۇرۇپلا قالدى .
- بولدى كەشتە دىيىشەيلى .
تاراققىدە قۇيۋېتىلگەن تىلفۇن قىزنىڭ خۇشاللىقىنى ئاللا قاياقلارغا ئۇچۇرۋەتكەن ئىدى . شۇ كۈنى ئۇلار سوقۇشۇپ قالدى ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆي تۇتۇپ تۇنجى قېتىم تاكاللىشىشى ئىدى .
- ئەرزىمەس بىر خوتۇننىڭ گىپىگە كىرىپ شۇنچىلا پۇلنى چېچىۋەتتىڭىزما ، ھالىمىزغا بېقىپ ھال تارتساق بوممامدۇ .
- ھېلىمۇ نەچچە ئون يۈەنلىك گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقىلى ئۇزڭن بولدى . بىر قېتىم ئېپ قويغانغا نىم بوپتۇ .
- نەچچە ئون يەنلىكنى ياراتمىسىڭىز نەچچە يۈز يۈەنلىكنى ئىشەتسىڭىز بولىدىغۇ . بۇ دىگەن ، نەچچە مىڭ يۈەن تۇرسا .
ئۇلار يېرىم كېچىگىچە تالاشتى .
- نىمە كارىڭىز ، ئىشلەتسەم ئۆزۈمنىڭ پۇلى ، نەچچە يىلدىن مەن پۇل تاپمىدىمما . ئۆزىڭىزنىڭ يارىماسلىقىنى مەندىن كۆرەمسىز ؟
ئاچچىقتا بۇ گەپلەرنىڭ ئېغىزىدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەيلا قالدى .قاس قىلىپ تەككەن بىرشاپلاقتىن ، كاللىسىغا سوغوق سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتكەن قىز يۈزىنى تۇتۇپ تۇرۇپلا قالدى . يىگىت بولسا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ئىشىكنى جالاققىدە يېپىپ چىقىپ كەتتى . بىر دانە لەۋسۇرۇق جېدىلىنىڭ چوڭىيىپ بۇنچىلىك ئىشلارنى تېرىپ بېرىشىنى قىز ئەسلا خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى .
يېرىم كېچىدە قىز يىغلامسىراپ ئولتۇراتتى . يولدىشىنىڭ ئاغىينىسدىن تېلفۇن كەلدى .
- تىشلىقمۇ .
-.... .....
قىز تىلفۇندىن كەلگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى . يولدىشى قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ ھازىر جىددى قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ كىتىلىۋاتاتتى . قىز تىلفۇننى قويدىدە كىيمىنى ئالماشتۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي دوختۇرخانىغا قاراپ يولغا چىقتى .
يول بۇيى قىزنىڭ كۆزىدىن تاراملاپ ياش ئېقىۋاتاتتى ، جىددى قۇتقۇزۇش بۈلۈمىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە قىز بىر دوختۇرنىڭ يولدىشىنىڭ ئاغىينىسى بىلەن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى .
- كۆرۈش تور پەردىسى ئېغىر زەخمىگە ئۇچراپتۇ . ئەگەر كۆز ئالمىسى تەغدىم قىلغۇچىغىنى تاپالمىساق ، بۇنىڭدىن كىيىن كۆرەممەسلىكى مومكىن .
بۇ دوختۇرنىڭ ئېيتقانلىرى ئىدى ، بىر چەتتە قاراپ تۇرغان قىز بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىدى .
بىرەر ئايلىق داۋالىنىشتىن كىيىن يىگىت ساللىمازا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى ، ئۇنىڭ تۇنجى بۇلۇپ كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان ، ئەمما ئۆزىنى بىر قېتىممۇ دوختۇرخانىغا يوقلاپ كەممىگەن ئادىمى يەنىلا ھىچيەردە كۆرۈنمەيتى . يىگىتنىڭ ئاغىينىسى ، يىگىتنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشەنگەندەك بولۇپ ، ئۇننىڭغا بىر پارچە قەغەزنى ئۇزاتتى .
- بۇ نىمە ؟
- ئايالىڭ سوتقا ئاجرىشىش ئىلتىماسى سۇنۇپتۇ .
يىگىت ئاڭلىغانلىرىغا ھېچ ئىشەنگۈسى كەممىگەندەك قىلاتتى . ئاجرىشىش كىلشىم نامىسىگە قاراپ چەكچەيگىنىچە تۇراتتى .
- ھەتتا بالىنىمۇ سىنىڭ بېقىشىڭغا قالدۇرۇپتۇ ئاداش .
- بوپتۇ . ئۇنداق ئىپلاس خوتۇنغا بېرىدىغان بالا يوق .
قاتتىق ئېچىنىش ۋە زەردە بىلەن ئېيتىلغان بۇ سۆزلەر ، يىگىتنىڭ ئايالى توغۇرلۇق ئېيتقان ئەڭ ئاخىرقى سۆزى بوپ قالدى .
ئوننەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى ، بىر كۈنى تىلۋىزوردا چەتئەلدىكى بىر داڭلىق گىرىم بۇيۇملىرى شىركىتىنىڭ خوجايىنىنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنلىك خەۋىرى بېرىلىۋاتاتتى .
مۇخپىرلار بۇ ئوتتارا ياش سالاپەتلىك ئەرنى بەس بەستە زىيارەت قىلىۋاتاتتى .
- xx ئەپەندى سىز چەتئەلدە تۇرغان ئون نەچچە يىلدا نۇرغۇن نەتىجەرنى قازاندىڭىز سىزنىڭ گىرىم ساھەسىدە بۇنداق نەتجىلەرنى قازىنىشىڭىز چۇقۇم ياخشى ياردەمچىلىرىڭىزنىڭ بولغانلىقىدىنغۇ دەيمەن .
- بەلكىم شۇنداق قارىشىڭلارمۇ توغرىدۇ ، توغرا ئەتراپىمدا ھەقىقەتەن قابىل ياردەمچىلىرىم با ، بىراق مىنىڭ گىرىمچىلىك ساھەسىگە كىرىپ قېلىشىمدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ، پەقەت بىردانە لەۋسۇرۇق .
xx ئەپەندىنىڭ بۇ جاۋابىدىن ھەممەيلەن قاتتىق ھەيران قالدى . ھەممەيلەن بۇ گەپنى ئېنىقراق چۈشەندۈرۈپ قۇيۇشنى تەلەپ قىلدى .
- پەقەت بىردانە قىممەت باھالىق لەۋسۇرۇق مىنىڭ ئۆزۈمنىڭ كىم ئىكەنلىگىمنى تۇنۇتتى ، پەقەت بىردانە قىممەت باھالىق لەۋسۇرۇق ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تۇنۇتتى . شۇ لەۋسۇرۇق سەۋەبىدىن مىنىڭ ئىلگىركى تۇرمۇشۇم ۋەيران بۇلۇپ كىيىنكى ھاياتىم باشلاندى .
ھازىر مەن گىرىم ساھەسىدە ئۇتۇق قازىنىپ ھەم تەنەرخى ئەرزان ھەم كىيىمگە يوقۇشمايدىغان ئالى سۈپەتلىك گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەپ بازارغا سالدىم . بەلكىم ھازىر ئاشۇ قىممەت باھالىق گىرىم بۇيۇملىرى ئۈچۈن ئۆز تۇرمۇشىدىن ۋاز كەشكەن كىشىلەر تىلۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ ، قاتتىق پۇشايمان قىلىۋاتقان بۇلىشى مومكىن .
- دادا ھازىر قەيەرگە بارىمىز ؟
خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرغان خوجايىن ئوغلىنىڭ سۇئالىدىن ئېسىنى يىغدى .
- بىرسىنى كۆرگىلى بارىمىز بالام .
- كىمنى ؟
- ئىلگىرى ساڭا ھەم ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلغان بىرسىنى كۆرگىلى بارىمىز .
كاتتا خوجايىن پىكاۋىنى بىر ئولتۇراق رايۇننىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ توختاتتى .كىرىپ چىقىۋاتقان كىشىلەر ، بۇ كىشىنى تۇنۇيدىغاندەك ھەيرانلىقتا قاراپ قېلىشقان ئىدى .
خوجايىن بىر ئىشىكنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆزىنى بىر قۇر تۈزەشتۈرۋەتكەندىن كېيىن ، ئاستا قوڭغۇراقنى باستى . ئۇنىڭ چىرايىدىن ئاجايىپ بىرخىل مەغرۇرلۇق چىقىپ تۇراتتى . ئۆينىڭ ئىچىدىن ئازراق تاراق تۇرۇق ئاۋاز چىققاندىن كېيىن ، ئىشىك ئاستا ئېچىلدى . ئىشىكنىڭ بارا بارا يوغان ئېچىلىشى بىلەن ، خوجايىننىڭ چىرايدىكى مەغرۇرلۇق يوقاپ قاتتىق ھەيرانلىققا ئالماشتى . ئىشىك ئالدىدا ئۆزىگە ئىنتايىن تۇنۇش بولغان ئەمما ئۆزىدىن نەچچە ياش چوڭ كۆرىنىدىغان بىر ئايال كۆزلىرىگە قارا كۆزئەينەك تاقىغان ھالەتتە تۇراتتى .
- كىم ؟ ... گەپ قىلىڭە ... كىمنى ئىزدەيسىز ؟
ئىككەيلەننىڭ يېنىدا ھىچنىمىنى چۈشەنمەي قاراپ تۇرغان بالا ، دادىسىنىڭ لەۋلىرىنىڭ تىتىرەپ كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ياشنىڭ سىرغىپ چۈشىۋاتقانلىقىنى كۆردى .
ئاپتۇرى : پەرىزات بەكرى .
252 قېتىم كۆرۈلدى | پەرىزات بەكرى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-26 15:04:32 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|