ئۆتمۈش (پوۋسىت) 2 - قىسىم
شۆھرەت كامىل مېھمان
مەردان ئاكا بۈگۈن بالدۇرلا ئىشتىن چۈشۈپ بازادىن سەي كۆكتات ئازىراق گۆش ئېلىپ ئۆي ئالدىغا كەلدى ، ئۆيىنىڭ ئىشىك نومىرىنى باستى لېكىن ئىشىك ئېچىلمىدى ،دېمەك ئەرافات ئۆيدە يوق ،ئەسلى بۇ چاغقىچە مەكتەپتىن كەپ بولاتتى ، ئەتتىگەن كورپوس(دەنيۈەن) ئاچقۇچىنى ئېلىۋالمىغاچ خوشنىسىنىڭ ئىشىك نومىرىنى باستى.
-كىم ؟
-مەن مەردان خوشنىڭىز ئاچقۇچنى ئالماپتىكەنمەن …سەت بولدى
-مەردانكاممۇ ھە ماقۇل ئېچىۋەتتىم نېمە سەت بولاتتى …ئۇرۇق تۇققاندەك ئادەملەر تۇرساق ھەراس كەچلىك تاماققا بىزنىڭكىگە كىرىڭ ،
-بولدى ئاۋرە بولماڭ بازاردىن كۆكتات گۆش سېتىۋېلىپ كەلدىم ئوغلۇمغا پولو ئېتىپ بېرەي …ھېلىمۇ ئۈچ ۋاخلىقىمىز سىزلەنىڭكىدىلا بولىۋاتىدۇ
-ۋاي بۇ نېمە دېگىنىڭىز بىزدىن شۇ بىر چۆمۈش سۇ زىيادە كېتىدۇ شۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە خوتۇنمۇ بۈگۈن پولو ئەتمەكچىتى ئۇدۇل ئۆيگىلا كىرىڭ .
-ئەستا …ئەمىسە نەرسە كېرەكلەرنى ئەكىرۋېتىپ كىرەي .
-ھە ماقۇل .
مەردان ئاكا نەرسەكېرەكلىرىنى ئىشىك ئالدىغا قويۇپ ئىشىكنى ئاچتى ،ئەرافات ئۆيدە يوق ،نەرسەكېرەكلەرنى تۇڭلاتقۇغا سېلىۋېتىپ، ئوغلىنىڭ مۇئەللىمىگە تېلفون قىلدى.
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەقىدە مۇئەللىممۇ
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ھەئە مەن سىز
-مەن ئەرافاتجاننىڭ دادىسى كەلسەم ئوغلۇم ئۆيدە يوق شۇڭا…
-ھە مەردانكاممۇ ياخشىمسىز، ئەرافات سىزگە دېمىدىما ،بۈگۈن ئاتا ئانىلار يىغىنى بار ، ئۇ دادامنىڭ خىزمىتى ئالدىراشكەن كېلەلمەيدىكەن دېگەنتى
-نېمە؟ ياق مېنىڭ خەۋرىم يوق مەن ھاززىرلا باراي
- بولدى يغىنمۇ تېزلا تۈگەيدۇ، جاتىرجەم بولۇڭ ئوغلىڭىزغا مەن ۋەكىل ئانا بولۇپ ئولتۇرۋاتىمەن،
- رەھمەت ، ئەستا ئەجەپ سەرت بولدى
- ماقۇل ئەمىسە يىغىن تۈگىمىگەن شۇڭا
- ماقۇل خوش
مەردان ئاكا تېلفوننى قويۇپ بالكونغا چىقتىى ۋە بۇلۇڭدىكى مېيىپلار ئورۇندىقىنى كۆرۈپ يەنە خىيال قۇشلىرى يىراق ئۆتمۈشكە پەرۋاز قىلدى …
مانا مەردان ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك جۇڭنەن مالىيە ئىقدىساد ئونۋېرىستىتىغا قوبۇل قىلىندى لېكىن نادىرەنىڭ ئۇقتۇرشى كەلمىدى …
ئۇ مەكتەپكە كېلىپ كۈندە نادىرە بىلەن تېلفوندا كۆرۈشۈپ تۇردى ئادەتتە نادىرە ئۆيىدە چوڭلار يوق چاغلادا ياكى دادىسىنىڭ تېلفونىنى ئوغۇرلۇقچە ئېلىپ سىرىتقا چىقىپ ، مەرداننىڭ تېلفونىنى سايرىتىپ قوياتتى ،مەردان ئۇنىڭغا تېلفون قايتۇراتتى …مانا ئۈچ كۈن بولدى ھېچ بىر تېلفون سايرايدىغاندەك ئەمەس…
مانا بىر ھەپتە بولدى ، ئۇ ئاخىر نادىرەنىڭ ئۆيىگە تېلفون قىلدى
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، رابىيە ھەدەمما، مەن مەردان
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، بالام مەردانجانمۇ ھە ئوقۇشۇڭىز قاندىغاراق ،ئۇيەگە ئۆزلىىشىپ قالدىڭىزمۇ
-ھە ياخشى ، ئۆزلىشىپمۇ قالدىم ،نادىرە بامىدۇ ،ئۇنىڭدا بىر ماتىريال باتتى شۇنى سوراپ باقاي دېگەن
-نادىرە يوق، بىر ھەپتە بۇرۇن شەھەرگە كەتكەن چوڭ دادىسى ئاشخانا ئېچىپتىكەن شۇنىڭغا ياردەملىشىۋاتىدۇ ، بىر ئىككى كۈنگىچە قايىتىپ كېلىدۇ، شۇ چاغدا تېلفون قىلسۇن
- ھە ماقۇل ھەدە ئەمىسە كېيىىن تېلفون قىلاي
ئىككى كۈن ئۈچ تۆت … تېلفون يوق مانا ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى بۇ جەرياندا بىر كۈندە نەچچە قېتىم تېلفونغا قارايدىغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمىسە كېرەك ،
بۈگۈن مەردان ياتاقتا يالغۇز قالدى ،تېلفۇنى بىرلا سايراپ توختاپ قالدى تېلفونغا قارىدى شۇ تونۇش نومۇر بۇنومۇر ئۇنىڭغا يادا ئىدى دەرھال تېلفون قايتۇردى
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم -قارشى تەرەپتىن قۇلقىغا تونۇش ئاۋاز ئاڭلاندى
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام نادىرەما
-ھە مەن قانداق ئەھۋالىڭىز
- سىزچىچۇ ، نەگە يوقاپ كەتتىڭىز ،ساراڭ بولاي دېددىم
-كەچۈرۈڭ ،ئەسلى بۇرىناراق تېلفون قىلىشىم كېرەك ئىدى ، مەردان مەن ھاززىر باشقا بىرسى بىلەن يۈرۋاتىمەن ،كېلەر ئاي تويىمىز بولىدۇ
-نېمە ، چاقچاق قىلما مۇمكىن ئەمەس …-قارشى تەرەپ تېلفوننى قويىۋەتتى ،ئۇ قايتىدىن ئۇرردى يەنە قويىۋەتتى ئۇ يەنە ئۇردى تېلفون ئۇلانمىدى…دېمەك قاراتىزىملىككە كىرگۈزۋەتتى …
شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ مۇھىم نەرسىسىىنى يۈتكۈزۈپ قويغاندەك گاس گاچىلاردەك ھېچكىم بىلەن پاراڭلاشماي يۈردى مانا ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ تەتىل ۋاقىتلىرى كەلدى،ئۇ ئۆيگە قايىتتى ،ئۆيدىكىلەر بىلەن جەم بولدى لېكىن چاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن چىرايىغا زورىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ تۇرسىمۇ ،ئاپىسى بىر قاراپلا سېزىۋالدى
-بالام مىجەزىڭ يوقمۇ بىر يېرىڭ ئاغرىۋاتامدۇ چىرايىڭ باشقىچىلا
-ياق ئاپا بەلكىم يولدا ئازىراق ھېرىپ قالغاندىمەن كىرىپ ئازىراق ئۇخلىۋالاي دە ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ ياستۇققا بېششىنى قويۇپ ياتتى لېكىن ھەرقانچە قىلىپمۇ كۆزىدىن ئېقىۋاتقان ياشنى توختىتالمىدى …
پىكىر تەكلىپىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر مۇشۇ سالوندا كۈندە بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
479 قېتىم كۆرۈلدى | xohret | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-24 9:58:36 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-4-25 11:44:20 | مۇرتىزا |
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن سىزگە ئۇتۇق ئامەت يار بولسۇن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|