ئۆتمۈش
(پوۋسىت) 4 - قىسىم
شۆھرەت كامىل مېھمان
بۈگۈن دەم ئېلىش بولغاچ مەردان ئاكا ئوغلىنى چوڭ ئۆيگە ئاپىرىپ ئوينىتىپ كەلدى ،ئەرافات بۈگۈن بەكلا خوشال ، ئۇ داۋاملىق يېزىغا چىقىپ باللار نەرۋىلەر بىلەن ئوينىسا ئۆزىنىڭ شەھەردە چوڭ بولغانلىقىنى ئۇنتۇپلا قالاتتى ،بۈگۈنمۇ كۈن ئولتۇرغاندا نەرۋە قېرىنداشلار چۇرقۇرشۇپ قايىتىپ كەلدى ،ئىچىدە ئەڭ مەينەت بولۇپ كەتكىنى يەنە ئەرافات ئىدى ،
-دادا ،بۈگۈن ئاكا سىڭىللىرىم بىلەن بەك كۆڭۈللۈك ئوينۇدۇق يۇشۇرۇنماق ،شاپوزا ،يەنە ،كانتو ساقچى ، …
-ھە ،كېلەرھەپتە يەنە ئەكىلىمەن ئوغلۇم، ئەتە ماڭا يىغىن باركەن شۇڭا سېنى تاشلاپ قويغۇم كەلمىدى، بىلىسەن سەن بولمىساڭ مەن يالغۇز زېرىكىپ كېتىدىكەنمەن…
-دادا سەن مېنى ياخشى كۆرىسەن شۇنداقمۇ ؟
-ئەلۋەتتە ،سەن بىرتاللا قوزام تۇرساڭ ،…
-ئەمىسە مەن نېمە قىلىپ بەر دېسەم شۇنى قىلىپ بېرىسەن شۇنداقمۇ…
-ئەلۋەتتە، …
-دادا ،ماڭا ئۇكا تېپىپە
-نېمە ، يېزىدا ئۇكىلىرىڭ جېققۇ
نەفىسە، ئەلقۇت ، يەنە ئاكاڭ ئىخپال،
-ياق مەن دېمەكچى مېنىڭ ئۆز ئۇكام ، مەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش كۈندە ئۇنى باخچىغا ئاپاسام ، ئۆزەم پۇل يىغىپ ئويۇنچۇق ئەپ بەسەم دەيمەن،
-ھاھا …لېكىن ئوغلۇم مەن تۇغالمىسام… - ياق مەن دېمەكچى ماڭا ئاپا تېپىپ بەر-دېدى، مەردان ئاكا ماي كىلاپانىنى يەڭگىل دەسسەپ،سۇل تەرەپ بۇرۇلۇش چىرىقىنى ياقتى ، ئالدىدىكى مېنبوسنى يانداپ ئۆتتى ، ۋە يېنىدا ئولتۇرغان ئوغلىنىڭ چىرايىغا قارىدى ، ئەرافات بۇگەپنى دەپ بولۇپ ئىزا تارتتى بولغاي دادىسىغا لەپپىدە بىرقارىدى ۋە بېششىنى تۆۋەن سېلىپ دەرىزە تەررەپكە قارىۋالدى …
دېمىسىمۇ ئەررفات نەق ئۈچ ياشقا كىرگەن يىلى نادىرە ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى ، شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ بويتاق ئۆتىۋاتاتتى ، ئەل ئاغىنىلىرى ئۆيلىنىشكە دەۋەت قىلسىمۇ "ئوغلۇمنى ئۆگەيىڭ قولىغا بەرگۈم يوق"دەپلا قۇتۇلشاتتىى,مانا تۆت يىلمۇ ئۆتۈپ كەتتى بۇ جەرياندا ئۇ ھەم ئاپا ھەم دادا بولۇپ ئوغلىغا ئاپىسىزلىقنى بىلىندۈرمەي كەلدى ، لېكىن بۈگۈن ئوغلى ئۇنىڭدىن ئاپا تېپىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ؟ بۇ بىر سەبىنىڭ يۈرەك سۆزى ئىدى ،
-دادا ، ئەقىدە مۇئەللىىم مېنى بەك ياخشى كۆرىدۇ… - مەردان ئاكىنىڭ يۈرىگى (جىغ)قىلپ قالدى ، مانا ئوغلى ھەتتا ئاپا بولدىغان نامزاتنىمۇ تاللاپ بولغانىدى…ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا چېچىىنى مۈرىىسىدىن سەل ئۇزۇن قويىۋالغان قوي كۆزلۈك ،كۈلۈپلا تۇرىدىغان قىزنىڭ سىماسى غىل پال ئۆتۈپ كەتتى
-شۇنداقمۇ …
ماشىنا بىر خىل رېتىمدا كېتىپ بارماقتا،،…
415 قېتىم كۆرۈلدى | xohret | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-26 13:42:01 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|