ئۆتمۈش
(پوۋسىت) 6 - قىسىم
شۆھرەت كامىل مېھمان
مانا مەردان ئاكا ئۇلار تۇنجى قېتىم ۋەدىلەشكەن مۇھاببەت كۆۋرىكىگە يېققىنلاشتى كۆۋرۈك ئۈستىدە نادىرە داۋاملىق كىيىۋالدىغان كاۋاچېچىگى كۆڭلەك كىيىۋالغان بىر قىز كەينىنى قىلىپ تۇراتتى ،مەردان ئاكا ئۇ سىماغا بارغانچە يېققىنلاشتى ئون قەدەم توققۇز قەدەم سەككىز… ئۈچ قەدەم ،ھەرگىز خاتا ئەمەس دەل شۇ
-نادىرە -قىز كەينىگە ئۆرۈلدى ، مەردان ئاكا يېقىلىپ قالغىلى تاسلا قالدى چۈنكى ئالدىدا ، ئۇنىڭ كۆزنۇرى ،قۇياشى، ئاشىقى ، ئىككى دۇنيالىق ھەمراسى ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى ، مەردان ئاكىنىڭ ئۆپكىسى ئاغزىغا قاپىسىلىپ قالغاندەك گەپ قىلالماي تۇرۇپلا قالدى
- ھە مەن، نېمە بولدىڭىز سىزگە خەۋەر قىلماستىنلا كېلىپ سىزنى چۆچىتىىپ قويدۇممۇ،-نادىرە ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۇنىڭغا گەپ قىلماقتا ، "بۇ چۈشۈممۇ، ئوڭۇممۇ ، چۈش بولسا ئاللاھىم مەڭگۈ ئويغانماي" دېگەن خىياللار بىلەن. نادىرە توختىماستىن سۆزلىمەكتە - مەن يوق قاندىغىراق تۇرىۋاتىسىز ، بەك ئورۇقلاپ كېتىپسىز ،
-ھە ياق ، ئۇنداق ئەمەس سىىز نى كۆرۈپ كۆزۈمگە ئىشىنەلمەيۋاتىمەن سىزنى بەك سېغىندىم -ئۇ نادىرەنى باغرىغا باسماقچى بولدى ،لېكىن نادىرە كەينىگە بىقەدەم سىلجىدى ،
-ياق ئۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ ، ئاللاھ خالىسا ئاز كۈنلەردىن كېيىن كۆرۈشىمىز ، مەن ماڭمىسام بولمايدۇ، ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ، تاماقنى ۋاقتى ۋاقتىدا يەڭ خوش ئاللاغا ئامانەت، - نادىرە ئاستا ئاستا ئۇنۇڭدىن يىراقلاشتى
-ياق ، كەتمەڭ ، مېنى تاشلاپ قويماڭ ،…نادىرە
چۆچۈپ كۆزىنى ئاچتى ئالدىدا ئەرافات تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى مەردان ئاكا بۇش "ئۇھ "تارتتى ۋە ئوغلىنىڭ پىشانىسىگە بوش سۆيۈپ قويۇپ ، سۇخانىغا كىردى ، ئەينەككە قارىدى يۈزىدە پىشانىسىدە تەرتامچىلىرى ئۇ يۈزىنى سوغاق سۇدا يۇيۇپ ياتاق ئۆيىگە كىردى ، تارتمىننىڭ ئىچىدىن بىر پارچە سۈرەتنى ئالدى سۈرەتتە نادىرە چاقلىق ئورۇندۇقتا مەردان ئاكا كەينىدىن ھارۋىنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇپ تۇرغان ئاستىغا2008يىل6ئاينىڭ21كۈنى تۇغۇلغان كۈن خاتىرسى دېگەن خەتلەر يېزىقلىق تۇراتتى ، سۈرەت ئۈستىگە ئۇنىڭ مەڭزىنى بويلاپ ئىككى تامچە ياش چۈشتى رەسىم تۇتقان قوللار يىنىك تىتىرمەكتە…
مەردان ئاكا ئۆزىنىڭ خىزمەتتىن ئىستىپا بەگەنلىكىنى ئوغلىغا دېمىگەن ئىدى ئۇ سائەتكە قارىدى ئوغلى چۈشلۈك دەم ئېلىشقا چىقىدىغانغا يەنە ئىككى سائەت بار ئىدى تېلفون نادىرە ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان "ياش تۆكەلەمسەن" دېگەن ناخشا ئاڭلاندى
كۆيەكنى مەن گويا بىردېڭىز دېسەم،
سەن ماڭا باقمايلا تېز چۆكەلەمسەن،
تېلفونغا قارىدى ئوغلىنىڭ نومىرى
-ئەسسالامۇئەلەيكۈم دادا
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
-نەدە
-ئىدارىدە ئوغلۇم، نىمىش بولدى
-ھېچ ئىش بۈگۈن بىزنى ئىككى سائەت بالدۇر قويۇپ بەردى ، شۇڭا ھاززىر ئۆيگە قايىتىمەن چۈشتە مېنى ئالغىلى كەلمىسەڭمۇ بولىدۇ؟ ھەراس دادا چۈشتە ئىشتىن چۈشۈپ بىردەستە گۈل ئالغاچ كەل
-نىىمىشقا ،
- ھېچنىمىگە مۇئەللىملەر شۇنداق دەيدۇ ، چۈشتىن كېيىن مەكتەپكە ئاپىرىمەن
-ھە ماقۇل،
مەردان ئاكا تېلفوننى قويۇپ ماشىننىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ سىرتقا ماڭدى،
شۇ تاپتا ئەرافات يۈگۈرۈپ ئەقىدە مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى ،ئەقدە مۇئەللىم يالغۇز ئىدى
-مۇئەللىم ، مەن ئىككى سائەتلىك رۇخسەت ئالاي دېگەن،
-نىمىشقا دادام ئاغرىپ قالدى ، ھاززىر ياتاقتا بۈگۈن ئۈچىنجى كۈنى ، ھەقاچان دوختۇرخانىنىڭ تاماقلىرىدىن زېرىكتى شۇڭا بۈگۈن تاماق ئېتىپ دادامغا ئاپىراي دېگەن
-ھە بولىدۇ، لېكىن سىز تاماق ئېتىشنى بىلەمسىز؟
-ياق، شۇڭا سىلىنىڭ يانلىرىغا كىرىشىم،
-ھە چۈشەندىم مەن تاماق ئېتىپ بېرىمەن، شۇنداقمۇ؟
-ھەئە خالىسىلا -ئەرافات تىرنىقىنى تاتلاپ يەرگە قاراپ تۇراتتى ،،
-ھە ماقۇل مۇشۇ بىر قېتىم ھە، -ئەمىليەتتىمۇ ئەقىدە مۇشۇنداق بىر پۇرسەتنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى- دادىڭىز نېمە كېسەلكەن،
-زۇكام ،
-زۇكام ، - "زۇكامغىمۇ نەچچە كۈن ياتاقتا ياتامدۇ ، بەلكىم كىچىك دەپ شۇنداق دەپ قويغاندۇ"-ھازىر ماڭامدۇق
-شۇنداق
-نېمە تاماق ئېتىمىز
-پولو دادام پولوغا بەك ئامراق ……
مەردان ئاكا ماشىنا بىلەن ئۇياققا چۆرگىلەپ بۇياققا چۆرگىلەپ ئىككى سائەتنى ئاران توشقۇزدى ۋە دۇكاندىن ئوغلىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە گۈلدىن بىردەستە ئېلىپ ئۆيگە قاراپ ماڭدى …
ئىشىك چېكىلدى،
- مۇ ئەللىم ئىشىكنى سىز ئېچىڭە مەن سۇخانىغا كىرىپ چىقاي
-ھە ماقۇل
مەردان ئاكا ئۆيدىن ئايال كىشىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھەيرانلا قالدى ئىختىيارسىز بېششىنى كۆتىرىپ ئىشىك نومىرىغا قاررىدى ، ئىشك ئېچىلدى ، ئالدىدا ئالدىغا پەشتاخ بېششىغا نادىررەنىڭ ياغلىغىنى چېگىىۋالغان بىر گۈزەل نازنىن ئاغزىنى ئېچىپ ھاڭۋېقىپ تۇراتتى ، مەردان ئاكا قولىدا بىر دەستە گۈل يا كىرىشىنى يا كېتىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدى ،
-بۇ سىز -دېگەن گەپنىى ئاران دېيەلىدى مەردان ئاكا
ئەقىدە مۇئەللىم ئۆزىنى بېسىۋلالماي كۈلىۋەتتى ۋە :-ئەمدى چۈشەندىم ، زۇكام دېسە زۇكامغىمۇ نەچچەكۈن ياتاقتا ياتقان بامۇ دەپ سەل گۇمانلانغان ھەقاچان مۇشۇ گۈلنىمۇ ئەرافات ئەكىلىڭ دېدىغۇ دەيمەن
-ھەئە ئۇ چۈشتىن كېيىن مەكتەپكە گۈل ئېكىلىڭلا دېگەنتى بۇ قانداق گەپ
-بۇنى ئوغلىڭىزدىن سوراڭ ،-ئەقىدە كۈلكىسىنى ئاران تەستە توختىتىپ :-ھە قېنى ئۆيگە كىرمەملا…
تەكلىپ پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىلەر
415 قېتىم كۆرۈلدى | xohret | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-29 0:45:45 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|