گۇناھكار قەلىب
(پوۋىسىت) 15- قىسىم
ئەركىن ئاستا ئاستا زۆھرەنى ياخشى كۆرۈپ قالدى . ئۇنىڭ قەلبىدىكى خالنۇرنىڭ ئوبرازى ئاستا ئاستا سۇسلاپ بارماقتا ئىدى . شۇنداق كۈنلەردە پەرھات ھە دېسىلا ئەركىننى ئاۋارە قىلدى ، بىر كۈنى كەلسە مېھمان قىلاي دېسە بىر كۈنى كەلسە ئويناپ كېلەيلى دەپ ئاۋارە قىلدى ، بىراق ئەركىن :
- مەن ئەمدى سېنىڭ يولۇڭدا ماڭمايمەن ، مېنى ئاۋارە قىلما ؟
دېدى ، پەرھات ئارتۇق ئۈندىمىدى . ئۇ ئۆچ ئېلىش پىلانىنى ئويلىماقتا ئىدى ، قانداق قىلىش كېرەك ؟ پەرھات قۇيرۇقىنى تۇتقۇزمىسا ، ئامال قانچە ؟ ئۇ ئامال ئويلىماقتا ئىدى .
دەل شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە مەكتەپتىن 5كۈنلۈك ئارام قويۇپ بەردى . ئەركىن زۆھرە ، تاھىر خالنۇرلار ئويناپ كېلىشنى پىلانلىدى . ئۇلار ئويناپ كېلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى . بەش كۈنلۈك كۆڭۈللۈك ساياھەت ئاخىرلاشتى . ئۇلار مەكتەپكە قايتىپ كەلدى . ئەركىن بىلەن تاھىر مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندە ئەركىن بىلەن تاھىرنىڭ ئورۇن كۆرپىسى كارىدورغا تاشلانغان ئىشىككە باشقا قۇلۇپ سېلىنغان ئىدى . ئۇلار قانداق قىلىشنى بىلمىدى . دەل شۇ ۋاقىتتا پەرھات پەيدا بۇلۇپ مۇنداق دېدى .
- ئورۇن كۆرپەڭنى ئېلىپ دەرھال يوقىلىش ، بىزنىڭ مەكتەپتە بۇزۇقلارغا ئورۇن يوق ، سەن بۇزۇقلار مەكتەپنىڭ تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ مەكتەپتىكى قىزلارنى ئاچىقىپ بەش كۈن بۇزۇقچىلىق قىلىشتىڭ ، مەكتەپنىڭ تۈزۈمى بىلەن ئېيىتقاندا سىلەر مەكتەپتىن قوغلىنسىلەر ، بۇ سىلەرنى قوغلاش ئۇقتۇرۇشى .
ئۇ قولىدا بىر قەغەزنى كۆرسەتتى . مەكتەپ مۇدىرى يېتىپ كېلىپ ئەركىن بىلەن تاھىرغا :
- سىلەر قايتىپ كەتسەڭلا بولىدۇ ، بىز سىلەرگە ئېھتىياجلىق ئەمەس ، دېدى .
توۋا بۇ تۆھمەتنى قانداق قىلىش كېرەك ؟ بۇ كىمنىڭ ئوينىغان ئويۇنى ؟ خالنۇر بىلەن زۆھرەمۇ شۇنداق بولغانمىدۇ ؟ تاھىرنىڭ كۆڭلىگە ئەندىشە چۈشتى ، ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپقاندا بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى قانداق بولا؟
ئۇلار ئۈن تىنسىز نەرسە كېرەكلىرنى يۇغۇشتۇرۇپ مەكتەپ ھويلىسىغا چىقتى ، خالنۇر بىلەن زۆھرەمۇ شۇنداق بولغان ئىدى . تۆتەيلەن بىرلىكتە مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىققاندا ھەممىسى كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۇزاقتىن ئۇزاق تۇرۇپ كېتىشتى . ئەمدى ئۇلار نەگە بارار ؟ يۇرۇتقا قايتىپ كېتەرمۇ ؟ قانداق قىلىش كېرەك ؟
داۋامىغا قىزىقسىڭىز نەزىرڭىز ئەسىرىمدە بولسۇن .
ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
365 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-20 15:04:14 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|