كۈتۈش

كۈتۈش

بىلالدىن ھۆسەن كەچۈرگىن

سائەت ئاللىقاچان ئون ئىككىدىن ئۆتۈپ كەتتى . ئۇ ساقلاۋاتقان ئادەمدىن ئازىراقمۇ خەۋەر يوق . ئۇنىڭ يەنە ساقلاشقا تاقىتى يوقتەك تۇراتتى . بىراق ساقلىمايمۇ بولمايتتى .
قۇياش ئۇنىڭغا بارغانچە يېقىنلاپ مىڭىسىنى قاينىتىۋەتكىلى تاس قېلىۋاتاتتى .ئۇ ئۇياقتى بۇياققا مېڭىشقا باشلىدى. ماڭغاچ تىلفۇنىنىڭ ئېكرانىنى ياندۇرۇپ ئۆچۈرۈپ ، خۇددى ئۇنى سايرشقا قىستىغاندەك ھەركەتلەرنى قىلىشقا باشلىدى .تاقەت قىلالمىغاندا ئۆزىلا ئۇرىۋىدى ئالىدىغان ئادەم يوق چىقتى  . قارماققا قارشى تەرەپنىڭ ئۇنىڭ يىنىغا كېلىش پىلانى يوقتەك قىلاتتى . بىراق ئۇ يەنىلا ۋاز كىچەلمەيتتى . تېلفۇن ئۇنىڭغا چاپلاشقان توك ، بۇ تۆپىلىك توك سىىمى ،ئۇ بولسا بىچارە قۇشقاچ ئىدى .
   ئۇ ئاخىر بەرداشلىق بىرەلمەي ئۆزىنى جايغىلا تاشلاپ سوزۇلۇپ ياتتى .
كۆزۈنى ئېچىۋىدى ،بۇلۇتلارنىڭمۇ ئۆزىگە قاراپ ئاستا سۈرۈلۋاتقانلىقىنى ھېس
قىلدى .يىنىدىكى دەرەخنىڭ شاخلىرى بولسا ئاللىقاچان نەچچە گەز تۈۋۈنلەپ ئۇنى تۇنجۇقتۇرۇشقا تەيارلىنىپ بولغانتى .ئۇ چۆچۈپ تۇرۇپ كەتتى .ئەتىراپ   ئۆلۈكتەك جىمجىت . مەھەللىدىن ئون كېلۇمىترچە يىراقلىقتىكى بۇ تۆپىلىكتە ، كېلىپ چىقىشى ئىنىق بولمىغان بىر تال ئۇزۇن لىم ، ئۆز تارىخىدا ئىككى      بالىىنىڭ ئىلەڭگۈچ ئۇچۇررىشىدىن باشقا رولى بولمغان بىر تۈپ دەرەخ ۋە      ئۇنىڭدىن  باشقا ھېچنىمە يوق ئىدى . ئۇ يەنە بىر نەچچە قېتىم تىلفۇن      قىىلدى . يەنىلا  بىرەرسى ئالاي دېمىدى . .ئۇ نىمە قىلارىنى بىلەلمەيلا       قالغانتى  . ئۇ تىلفۇننى ناھايتى بىزار بولۇپ كەتكەندەك      ھالەتتە يەرگە ئاتتى . ئاتتى يۇ شۇ زامان يەردە ئۆمىلەپ يۈرۈپ ئۇنى قايتىدىن قولغا ئالدى .
   قارشى تەرەپ تېلفۇننى ئالاي دېمەيتتى . ئۇنىڭ تاماكا چەككۈسى كەلدى . لېكىن يانچۇقلىرىنى شۇنچە ئۆرۈپ –چۆرۈپمۇ بىرەر تال تاماكا تاپالمىدى . ئەمدى ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس يادى تاماكىدا قالغاندى . ھەتتا ئۆزىنىڭ ئەتتىگەننىڭ ياقى ساقلاۋاتقىنىنى تاماكىمىدۇ دەپمۇ قالدى .ئۇ ئىلگىرى يېرىمىنى چېكىپلا تاشلىۋەتكەن تاماكىلارنى ئەسلەپ قالدى . شۇ تاماكىلار ھازىر بولسىچۇ ھە . ئۇ    جىق ئويلىماسلىق قارارىغا كېلىپ مەھەلىگە قاراپ يۈگرىدى .
   مەھەللىدىكىى كىشىلەر ئۇنىڭغا بىر خىل  گۇمان نەزىرىدە قارايتتى . لېكىن ھېچكىممۇ چىش يېرىپ  بىر نىمە دېمىدى . ئۇ دوقمۇشتىكى قاۋاقخانىغا كىردى . قاۋاقخانىنىڭ ئىچى مەستلەر بىلەن توشقان بولۇپ ، لېكىن ھېچكىمنىڭ قولىدا تاماكا كۆرۈنمەيتتى . مەستلەر سىرتتىكىلەر بىلەن پۈتۈنلەي پەرىقلىنەتتى . ئۇلار ئۇنىڭغا تولۇمۇ قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتى . ھەتتا رومكىمۇ سۇنىشاتتى .لېكىن ئۇ پەقەت بىر تال تاماكىلا تەلەپ قىلاتتى .ھەيران قالارلىق يېرى ئۇلارنىڭ بىرسىدىمۇ تاماكا يوق ئىدى . ھەممىلا يەردە ھاراقنىڭ سالقىن پۇرىقى ئەگىپ يۈرەتتى ، ھەممە كۆزلەر تولىمۇ نۇرسىز ، ھەممىلا تاماكا غايىپ بولغان ئىدى . ئۇ ئاخىرى ئۆلۈۋېلىش قارارىغا كەلدى . چۈنكى تاماكا بولمىسا ياشىغىنىنىڭ نىمە مەنىسى بولسۇن . تاماكا دىگەن ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى . تاماكىسىز ھايات مەنىسىز ھايات ئىدى .
   ئۇ دورا دۇكىنىغا كىردى .
-
ماڭا چاشقان دورىسىدىن نەچچىنى بەرسىڭىز بوپتىكەن .
-
يېتەمدۇ ؟
-
بىلمەيمەن .
دۇكاندار باشقا گەپ قىلماي بىر بولاق دورىنى ئۇنىڭغا سۇندى . ئۇ يولدا ماڭغاچ دورىنى بىر تال بىر تالدىن ئاغىزىغا سېلىپ ماڭدى . دورىلار ئۇنىڭ ئاشقازىنىدا ھەدەپ موللاق ئاتاتتى ، ئۆزلىرىنى ئۇيان – بۇيان ئاتاتتى . خوشاللىقىنى تەنتەنە قلىشاتتى . ئۇ شۇنداق ئىتتىك ماڭدى . تا بېشى بايىقى دەرەخكە ئۇرۇلغاندىلا ئاندىن ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ ياتتى . ئۇ ئەمدى جاتىرجەم ئۆلۈمىنى كۈتسە بولاتتى . ئۆلۈم ئۇنىڭغا قاراپ دەۋرەپ كەلمەكتە ئىدى . ئۇ كۆزلىرىنى يۇمدى .
   لېكىن ئەتىراپ تېزلا يورۇپ كېتىپ ئۇنى كۆزلىرنى يەنە ئېچىشقا مەجبۇرلىدى . ئەتىراپ تولىمۇ ۋاراڭ – چۇرۇڭ ، ھەممىلا يەر خىرىدار چاقىرغان ئاۋازلار بىلەن تولۇپ كەتكەنتى . ياندىكى تاختايغا ، شەھەرلىك تاماكا بازىرى دەپ يېزىپ قويۇلغان ، توۋۋا مۇشۇنداقمۇ بازار بولىدىكەن ھە دەپ ئويلىدى ئۇ . لېكىن ئۇنىڭ كۆپ ئويلاشقا ۋاقتى يوق ، خۇمارى ئۇنى ئالدىراتماقتا ، ئۇ ، تاماكا چېكىشى كېرەك ئىدى . ئۇ ماڭغانچە غەلىتىلىك ھېس قىلىشقا باشلىدى . بۇ يەردە ھەممىلا ئادەم تاماكا ساتاتتى . لېكىن تاماكا ئېلىۋاتقان بىرمۇ ئادەمنى ئۇچىراتقىلى بولمايتتى . بۇ بىر يېپىق بازار بولۇپ نالە – زار بىلەن تولغان ئاسمان زادىلا كۆزگە چېلىقمايتتى . ئۇ ئاخىر غەيرەتكە كېلىپ چېچىنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈۋالغان سودىگەرنىڭ ئالدىغا كەلدى .-ماڭا تاماكىدىن بىر قاپ بېرىڭ .
-
قايسىنىڭىدىن ؟
-...
،- ئۇ تۇرۇپ قالدى . قايسى تاماكىنى چېكىدىغان بولغىيتى . قايسىنى ئالسا توغرا بولدىغاندۇ . ئەمەليەتتىە تاماكىنىڭ ماركىسىنى تاللاپ ئولتۇرۇشمۇ بىر ئەخمىقانىلىك .
-
قايسى بولسا بولۋېرىدۇ .
-
ئۇنىڭدا بولمايدۇ . بىزنىڭ بۇ يەردە قائىدە بار . چېكىدىغان تاماكىڭىزنىڭ ئىسمىنى بىلمىسىڭىز تاماكا سىتىلمايدۇ . ،- ئۇ زادى نىمە ماركىلىق تاماكا چىكىدىغان بولغىيتى . تاماكىنىڭ ماركىسى خۇددى كۆك ئىستەك ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا لەيلەپ تۇراتتى . ئۇ تۇتماقچى بولاتتى يۇ تۇتالمايتتى . شۇ تاپتا تاماكىنىڭ   ماركىسىمۇ ئاللقاندەك ھېكايىلەردىكىدەك مەۋھۇم نەرسىگە ئايلىنىپ قالغاندەك  تۇراتتى .
 -
ماڭا تاماكا ماركىلىق تاماكىدىن بىر قاپ بېرىڭ ئەتىراپ ئىككىنچى قېتىم يورۇغاندا ئۇ يەنىلا بايىقى تۆپىلىكتە ئىدى . يامغۇر يىغىۋاتقان ، كىچىككىنە غېرىپلىق ئۇنىڭ بېشىدا ئۇچۇپ يۈرەتتى .بەلكى دورا كۈچىنى كۆرسەتكەن بولسا كىرەك ، ئىچكى ئەزالىرى باشقىچە جانىلىنىپ ، غالدۇر-غۇلدۇر ئاۋاز چىقىراتتى . قارشى تەرەپ يەنىلا تىلفۇننى ئالمىدى . قۇياش ئۆزىدىن زىمىن تالاشقان بۇلۇتلارنى رەھىمسىزلەرچە سىرتقا قوغلايتتى . بۇنىڭ بىلەن يامغۇر زەربىسىدىن قورسىقى يەرگە تىگەي دەپ قالغان قۇشقاچلار  خوشاللىقىدىن ئۆزىنى قۇياشقا ئۇرۇپ ئۆلىۋالماقچى بولۇشتى . ئۇ بايىقى بازارغا قايىتىپ بىرەر تاماكا بۇلاپ كەلمەكچى بولدى . قۇياش ئۆزىنىڭ سالقىن نۇرىنى ئەتىراپقا تەكشى چېچىشقا باشلىدى . ئۇ بۇنىڭدىن تولىمۇ ئىللىقلىق ھىس قىلدى . قارشى تەرەپ بۇ قېتىممۇ ئوخشاشلا تىلفۇننى ئالمىدى . بايىقى دەرەخ بەئەيىنى يىشىل گۈللۈك كۈنلۈككىلا ئوخشاپ قالغان ، ھېلقى تۆۋرۈك يەنىلا شۇنداق چوقچىيىپ تۇراتتى . ئۇنىڭ كۆزلىرى ئاستا يۇمۇلدى .قۇياش ئۆزىنى قايتىدىن بۇلۇتلارنىڭ دالدىسىغا ئالدى . ئەتىراپمۇ قايتا يورۇمىدى .

   ئۇلار بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئۇنى بايقىغاندا ، ئۇنىڭ يانچۇقىدا ئىككى تال تىلفۇن بار ئىكەنلىكىنى بايقىدى . ئەتىراپتا بىر مونچە تاماكا چېچىلىپ ياتاتتى . ساقچىلار نەچچە كۈن تەكشۈرۈپمۇ ، ئۇنىڭ ئىككى يىنىدىكى ئىككى تىلفۇننىڭ بىرسىدىن بىرسىگە نەچچە يۈز قېتىم تىلفۇن كەلگەنلىكىدىن باشقا يىپ ئۇچى تاپالمىدى .

 


ئاپتور : شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرىستىتى تەييارلىق مائارىپ ئىنىستىتۇتى 2016-قارارلىق ئوقۇغۇچىسى .


مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

ئۈندىدار : 2041420589

 

 






216 قېتىم كۆرۈلدى KAQURGEN ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-22 9:45:25  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ