گۇناھكار قەلىب
(پوۋىسىت) 11- قىسىم
پەرھات زۆھرەگە ئەركىننىڭ زۆھرەنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ، ئۇنى ئوينىتىپ كەلگسىنىڭ بارلىقىنى ، ئۇنىڭغا سوۋغات ئېلىپ بەرگۈسىنىڭ بارلىقى توغۇرلۇق زۆھرەنى ئازدۇردى، زۆھرە ئەزەلدىن شاللاق قىز بولغاچقا ئاسانلا ئىندەككە چۈشتى . ئەركىن زۆھرە بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنى بازار ئايلاندۇردى ، قىممەت باھالىق دۇكاندىن كىيىم ئېلىپ بەردى .بارا بارا زۆھرە ئەركىننى ياخشى كۆرۈپ قالدى .ئارلىقتىن 10كۈن ئۆتۈپ ئەركىن زۆھرەگە 1000يۈەن پۇل بېرىپ بىر شەرتنى ئوتتۇرغا قويدى .
- زۆھرە ، بىلىپ تۇرۇپتىمەن ، سەن مېنى ياخشى كۆرىسەن ، بىراق مەن خالنۇرنى ياخشى كۆرىمەن ، خالنۇر تاھىرنى ياخشى كۆرۈپ خاتا قىلدى ، ئۇنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى مەن ئىسپاتلىيالمىدىم ، شۇڭا سەن ماڭا ياردەم قىل ، خالنۇرغا خاتالىقىنى تونۇتۋالساملا مەن سېنىڭ بولىمەن .
-قانداق تونۇتىسەن ؟
- خالنۇرنى ئەتە كارائوكىغا چاقىرىپ بەر ، ئاندىن سەن بۇ يەردىن كېتىسەن . ئۆگۈنلۈككە مەن سېنىڭ شاھزادەڭگە ئايلىنىمەن ، مەن سېنىڭكى جېنىم .
- راسما ؟ خالنۇرنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كېتەمدىم ؟
- ھېچنىمە بولمايدۇ ، ئۇنىڭغا مەن بار
-خالنۇر بۇيەردە نېمىش قىلىدۇ ؟ مەن كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا نېمە دېمەكچى؟
- ئۇنىڭغا بىر سائەت دەرىس بېرىمەن ، ئۇ بۇ دەرىستە ئىپپىتىدىن ئايرىلىدۇ ، تاھىردىن ئايرىلىدۇ ، ئۇنىڭغا مېنى تاللىمغانلىقىغا پۇشايمان قىلغۇزۋېتىمەن .
-ھايۋان ، مەن بۇ ئىشنى قىلمايمەن ، سەنمۇ ئوغۇل بالىما ؟
- قىلمايمەن ، ئۇخلاپ چۈشۈڭ ، نەچچە كۈندىن بۇيان خەجلىگەن پۇلۇڭ ئېسىڭدىدۇ ، ئەگەر قىلمىساڭ پۇللارنى قايتۇرسەن ، ياكى ئاتا ئاناڭنى ئىزدەپ بارىمەن شۇ ، ئەگەر ئىشنى ياخشى قىلساڭ مەندەك كېلىشكەن يىگىت سېنىڭ بولىدۇ.
- ئۇنداق قىلما سەندىن ئۆتۈنەي ، ئۇنى قويىۋەت ، خالنۇر ياخشى قىز ، مېنى نېمە قىلساڭ مېنى قىل ، خالنۇرغا زىيانكەشلىك قىلما ؟
- ساڭا پەقەت ئىككىلا يول بار ، بىرى بۇ ئىشنى قىلىش ، يەنە بىرى پۇلنى قايتۇرۇش .
زۆھرە يىغلامسىراپ تۇراتتى ، ئۇ پۇشايمان قىلدى ، خالنۇرغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېسىياتتا بولدى ، قانداق قىلىش كېرەكلىگى ئۈستىدە توختىماي ئويلاندى ، زۆھرە ئېغىر قەدەملەر بىلەن مەكتەپ ئىچىگە قايتىپ كەلدى ، ئۇ ياتاققا كىردى ئۇ خالنۇرغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى ، خالنۇر نېمىش بولغانلىقىنى قايتا قايتا سورىغان بولسىمۇ دەپ بەرمىدى ، ئۇ توختىماي يىغلىدى .
ئاخىرى ئۇ خالنۇرنى باشلاپ بېرىش قارارىنى تاللىدى ، چۈنكى ئۇمۇ ئامالسىز ئىدى ، ئاخىرى كۈتكەن كۈن كېلىپ زۆھرە خالنۇرنى ئايلىنىپ كېلىمىز دەپ مەكتەپ سىرىتىغا چىقتى ، ھەمدە بىر كارائوكىغا كىردى . خالنۇر كىرگىلى ئۇنمىغان ئىدى زۆھرە سۆرەپ دېگۈدەك ئېلىپ كىردى .
خالنۇر قانداق قىسمەتكە ئۇچىرايدۇ ؟ قىزىقسىڭىز نەزىرڭىز داۋامىدا بولسۇن .
ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
268 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-31 9:07:59 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|