گۇناھكار قەلىب
(پوۋىسىت) 18- قىسىم
ئەركىننىڭ پۇت قولىدا جان قالمىدى ، ئۇنىڭ بۇرنىدىن قان چىپىلداپ ئېقىۋاتاتتى . ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پەقەت ھېلىقى كۈندىكى تاھىرلا بار ئىدى . پەرھاتنىڭ قول چوماقچىلىرى ئۇنى قويىۋەتكەندە ئۇ يەرگە جېنى يوقتەكلا يىقىلىپ چۈشتى . تاھىر دەل شۇ پەيىتتە پەرھاتنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى ، پەرھات تاھىرنىڭ قاياقتىن پەيدا بولغانلىقىنى بىلەلمەي قالدى . تاھىرنىڭ غەزەپتىن چىشلىرى كىرىشكەن كۆزلىردىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى ياناتتى . ئۇ پەرھاتنىڭ كېكىردىكىنى قاتتىق بوغدى ، پەرھات بىردەمدە قىپ قىزىل قىزىرىپ تىنالماي قالدى . دەل شۇ پەيىتتە تاھىرنىڭ بېشىغا قاتتىق بىر نەرسە تەگدى . تاھىرنىڭ بېشى ئايلىنىپ كەتتى . ئۇ خالنۇرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى :
- ياق ، قولۇڭنى تاتىش !
تاھىرنىڭ بېشىغا يەنە بىر قېتىم قاتتىق نەرسە تەگدى ، تاھىر ئىككى قولى بىلەن بېشىنى مەھكەم قاماللاپ تىزلىنىپ قالدى ، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ كەتتى . ئۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بېشىغا تەگكەن نەرسىنى ئېنىق كۆرەلىدى ، ئۇ بىلەك چوڭلۇقىدىكى تۆمۈر كالتەك ئىدى .
ئۇنىڭ بېشىدىن ئاققان قان بىر دەمدە كىيىملىرنى قىپقىزىل قىلىۋەتكەن بۇلۇپ ئوڭدىسىغا ياتاتتى . پەرھات قېقىلىپ ھۆتۈلۈپ قورقۇپ كەتتى
-ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرغان كىم ؟ ئۇ ئۆلسە قانداق قىلىمىز ؟
دەل شۇ پەيىتتە ساقچىلار يۈگۈرۈپ كېلىپ پەرھات ۋە قول چوماقچىلىرنى تۇتتى . قۇتقۇزۇش ماشنىسى چاقىرتىلدى . خالنۇر بىردەم زۆھرەگە ئېسىلىپ يىغلىسا بىر دەم تاھىرنىڭ ئىسمىنى چاقىراتتى ، بىراق تاھىردىن ھېچ سادا يوق ئىدى . تاھىرنىڭ بېشىنى قۇچىقىغا ئېلىپ يىغلىدى ، تاھىرنىڭ بېشىدىن ئاققان قان ئۇنىڭ كىيىملىرنىمۇ قىپقىزىل قىلىۋەتتى .
تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن قۇتقۇزۇش ماشنىسىمۇ يېتىپ كەلدى ، مەكتەپتىكىلەر بۇ پاجىئەدىن قاتتىق ئەنسىردى ، قۇتقۇزۇش نەتىنجىسى ئېلان قىلىنىپ تاھىر قازا قىلغان ، ئەركىن ھايات قالغان ئىدى . خالنۇر بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھوشىدىن كەتتى . دوختۇرلار خالنۇرنى قۇتقۇزۇپ قالدى .
ھەمدۇللا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قۇلىقىغا ئىشەنمىدى . ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن ئاتايىتەن ئۈرۈمچىگە كەلدى . ئۇ تاھىرنىڭ جەسىدىنى كۆرۈپ ئەركىنگە ئېسىلىپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى ، بۇ يىغا شۇنچىلىك ئاچچىق شۇنچىلىك بوغۇق ئىدى . ئەركىن خالنۇر زۆھرەلەرمۇ چىداپ تۇرالمىدى . تاھىرنىڭ جەسىدىنى يېزىغا ئېلىپ ماڭدى . ھەمدۇللا ئاكا يول بويى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.
ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز نەزىرڭىز ئەسىرىمدە بولسۇن
ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
415 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-8 18:17:00 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|