دادامنىڭ خېتى
(ھىكايە) 1 -قىسىم
پەرىزات بەكرى
ئاپامنىڭ يۈرەك كىسىلى قوزغۇلۇپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغىلىمۇ خېلە ئۇزۇن بولدى . ئەھۋالى ياخشىلانغانچە يوقلاپ كىلىدىغان ئۇرۇق تۇققان تۇنۇش بىلىشلەرنىڭ ئايىغىمۇ خېلە ئۈزۈلگەنىدى . بىراق ئاپامنى كۈندە بىرۋاق يوقلايدىغان ھېلىقى ئادىشى يەنىلا ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۋاتاتتى . مانا بۈگۈنمۇ يېشىغا ماسلاشمىغانلا بىرخىل گىرىملەرنى قىلىپ تاماق قاچىسىنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى .
- ۋوي جېنىم ئادىشىم ، مىجەزىڭلا قانداقراق تۇردۇ ، قۇپۇڭلا تاماق يېۋىلىڭلا ...
يېشى ئاتمىشتىن ئاشقان بۇ ئىككى قەدىناس دوسنىڭ بىر بىرىگە بولغان مېھرىگە دوختۇرخانىدىكى ھەممەيلەن ھەۋەس قىلسىمۇ بىراق مىنىڭ ھەر قېتىم مۇشۇ خۇتۇننى كۆرسەملا خۇيۇم تۇتۇپ قالاتتى . چۈنكى كىچىك چېغىمدىلا بۇ خۇتۇن بىلەن دادامنىڭ غەيرى مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلەتتىم . توغرا ئۇ چاغدا مەن ھەقىقەتەن كىچىك ئىدىم . ئۆيدە ئاپام يوق چاغلاردا دائىم بۇ خۇتۇننىڭ ئۆيمىزدە پەيدا بۇلۇپ ماڭا كەمپۈت ، ماتاڭلارنى بېرىپ قۇيۇپ دادام بىلەن كۈلۈشۈپ چاقچاقلىشىپ ئولتۇرۇشقانلىرى ، كىچىگىمدە ھىچنىمە بىلىنمىگەن بىلەن چوڭ بولغانچە قەلبىمدە بىرخىل كۈنداشلىق ۋە نەپرەت تۇيغۇسى ھاسىل قىلغانىدى . بەلكىم ئۇلار ئۇ چاغدا مىنى كىچىك ھىچنىمە ئۇخمايدۇ ، دەپ ئويلىغان بولغۇيتى . بىراق بۇ ئىشلارنىڭ ئىسىمدە تا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى پەقەت بىر ئۆزۈملا بىلىمەن . گەرچە دادام تۈگەپ كەتكىلى ئاللاقاچان ئوننەچچە يىل بولغان بولسىمۇ ، ھېلىھەممۇ بۇ خۇتۇننى كۆرسەم بىرخىل ئۆشمەنلىكىم تۇتۇپ ئاپامنىڭ بىر ئۆمۈر دوستىغا ۋە ئېرىگە ئالدىنىپ ئۆتكىنىگە ئىچىم ئاچچىق بولاتتى . بىچەرە ئاپام ھېچنىمىنى بىلمىگەشكە بۇ قىرىق نەچچە يىللىق قەدىناس دوستىغا شۇنچىلىك ئىللىق مۇئامىلە قىلاتتى . مەنمۇ ئاپامنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ بۇ ئىشلارنى يىگىرمە بەش يىل ئىچىمدە ساقلاپ كېلىۋاتاتتىم . بىراق بۇ ئايالنىڭ ئاپامغا بۇنداق كۆيۈنۈپ كىتىشلىرى كۆزۈمگە پەقەتلا سىغمايتى .
- ۋوي قاراڭلا قىزىڭلىغا ، ياش چېغىڭلىغا ئازراقمۇ ئوخشىماپتۇ ، يا ئاللا ياش ۋاقتىڭلىدا ئاجايىپ گۈزەلتىڭلا جۇمۇ ئاداش ، تېقىمىڭلىغا چۈشىدىغان بىلەكتەك چاشلىرىڭلا بىلەن ھەر يىگىتلىنىڭ يۈرىكىنى ئالاتتىڭلا ، لىكىن قىزىڭلىنىڭ چېچى ئاپتاپتا ئۆڭۈپ كەتتىمۇ ھە ھا ھا ھا ھا .
- ھەئە مەن چوڭ ئاپامغا ئوخشايمەن .
قاپاقلىرىمنى سەكسەندە تۈرۈپ قوپاللا جاۋاپ بەرگەن بۇ گېپىمدىن ئۇنىڭ كۈلكىسى دارھال توختاپ قالدى .
- ھاي ، چوڭلاغا مۇشۇنداق گەپ قىلامدا قايدە بىلمەيدىغان .
ئاپام ئاچچىقلاپ قاپىقىنى تۈردى .
- ۋوي كىچىك ئەمەسمۇ چاقچاق قىپ قويسام كۆڭلىگە كەپ كىتىپتۇدە بۇ سىكىلەكنىڭ ئۇنام ئۇنام .
ئۇنىڭ ياسالمىلىق بىلەن مىنى ئەركىلىتىشلىرىدىن شۇنداق سەسكەنسەممۇ يەنىلا ئاپامنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ زورىغا كۈلۈپ قويدۇم . - ۋوي ئاپلا ... تۈنۈگۈن قاراڭلا ئىۋۇ بىرشىركەتنىڭ دەمدۇ ئۇۋۇلايدىغان بىر بىرمىسىنى ساتىمىز دەپ ئۆيگە ئىككەيلەن ئەكىرىپتىكە قاراڭلا ، قارىسام بولىدىغان ئوقەتكەن . توككا چېتىپ قويسا تىتىرەپ يامان بەلەن ئۇۋلايدىكەن دەڭلا سىلىنى ئويلاپ بىرنى ئاغان ، بايا ئالدىراپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، ھەي ئادەم قېرىغاندا ئۇنتۇغاق بوپ كىتىدىكەن دىسە ھەي ئىسىت ...
- نىمىمۇ قىلاتىڭلا ئاۋارە بولۇپ ، ئالمىساڭلىمۇ بولىتى ، پايدا قىلامدۇ ئۇ نەسە .
- پايدا قىمىسىمۇ زىيان قىماس ، كۆزگە ئىلمىغان پۇتقا چوماق دەپ شۇ پايدا قىپ كېتەمدۇ تېخى ھى ھى ھى ... ھەراس ما قىزىڭلا دىككىدە بېرىپ ئەكەمىسۇنمۇ بوممىسا ياش بوغاندىكىن ئايىقى يىنىك بولىدۇ .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ تېخىمۇ جۇدۇنۇم قورىدى ، ھەجەپ جىدىلى قالدى بۇ خۇتۇننىڭ مەن بىلەن .
- بولدى ئەتە ئاپامغا بىرنى ئېپ بېرەي ، ئۇنى ئۆزلىرى ئىشلەتسىلە .
- ۋىيەي مەن تەييا ئېپ قويسام يەنە ئالامدۇ ، دىككىدە بېرىپ ئەكىلە ئاپپاق قىزىم ، مەن مۇشۇ قېرىغاندا پەلەمپەيدىن چىقماق يامان تەس كىلىدىكەن ، مانا ئۆينىڭ ئاچقۇچى ، پالانى ئولتۇراق رايۇنى پۇكۇنى بىنا...
خوشامنىڭ يوقلىقىدا بۇ خۇتۇن ئۆزىچىلا ئاچقۇچىنى تۇتقۇزۇپ سۆزلەپلا كەتتى . يەنە ئاپاممۇ بوپتۇ بالام كۆڭلىكەن بېرىپ ئەكەگىن دىمىگەن بولسا ھەرگىز بۇ ئايالنىڭ ئۈيىگە دەسسىمەس ئىدىم . بوينيمنى باغلىغاندەك مېڭىپ ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلدىم ، يېقىنلاشقانچە ئىچ ئىچىم بىر خىل ئاچچىق بوپ كىتىۋاتاتتى . يېرىم ئۆمرىنى دىگۈدەك تۇل ئۆتكۈزگەن بۇ ئايالنىڭ ئۆيىمۇ بىر خىل غېرىپ كۆرۈنەتتى ، ئاپامدىن ئاڭلىشىمچە بۇ ئايال ياش ۋاقتىدا بىر قېتىم توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاجرىشىپ كىتىپ قايتا توي قىلماپتىكەن. بىر ئوغلى بار بۇلۇپ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىپ شۇيەردە توي قىلىپ قېپ قاپتىمىش . شۇنىڭغا قارىغاندا بۇنداق ئاياللارغا بالىسىمۇ قارىمايدىكەن . ئۆيگە كىرسەم ھېلىقى ئۈسكىنە ئۈستەل ئۈستىدىلا تۇرۇپتۇ . ئېلىپ ماڭغاش تامغا ئېسىلغان كونا سۈرەتلەرگە كۈزۈم چۈشۈپ قالدى . بۇلار بۇرۇنقى سۈرەتلەر بۇلۇپ ئارىسىدا ئاپام ئىككىسىنىڭ ياش چاغلىرىدىكى سۈرىتى خېلە جىق ئىدى . دىمىسىمۇ راس دەپتۇ ئاپام ياش ۋاقتىدا چىرايلىق ئايالكەندۇق . تۇرۇپلا كۆزۈم بىرپارچە ئوچە سۈرەتكە چۈشۈپ قالدى ، سۈرەتنىڭ ئۈستىدە < ئىككىنجى نۆۋەتلىك كىنوچىلارنى تەربىيلەش كورسىدىكى يولداشلار خاتىرسى > دەپ يېزىقلىق تۇراتتى . توغرا مىنىڭ دادام بۇرۇن كىنوچى ئىدى ، ئۇچاغلاردا تىلۋىزور تېخى ئوموملاشمىغان بولغاچقا مەھەلە يېزىلارغا كىنو ئاپىرىپ قۇيۇلاتتى . ھەمدە كىنوچىلارنىڭ ئىناۋىتىمۇ بەك يوقرى ئىدى .
249 قېتىم كۆرۈلدى | پەرىزات بەكرى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-10 17:50:23 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|