ئۆتمۈش
(پوۋسىت) 5 - قىسىم
شۆھرەت كامىل مېھمان
مەردان ئاكا كۆزىنى ئاچتى ، ئۆزىنى ئەمەس بىر ئۆي، ئەمەس بىر كارۋات …بۇقەيەر… ئىشىك ئېچىلدى ، خوشنىسى ئەخمەت كىرىپ كەلدى
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم مەردان ئاكا، ھەنىم بولسا ھوشىڭىزغا كەلدىڭىز؟
-بۇ قەيەر ، مەن نېمە بولدۇم…-مەردان ئاكا شۇنچە ئويلاپمۇ ، ھېچ نەرسىنى ئەسلىيەلمىدى،ئەتتىگەن ئوغلى بىلەن ناشتىلىق قىلغانلىقى ئوغلى مەكتەپكە كەتكەندىن كېيىن ئۆينى بىر قۇر يىغۇشتۇرغانلىقى ۋە ئىشىكنى ئېچىپ سىرتقا …ئۇندىن باشقا ھېچ نەرسىنى ئەسكە ئالالمىدى…
-بۇ بىزنىڭ ئۆي ،ئەتتىگەن ئىشقا ماڭغىچە ماشىننىڭ ئاچقۇچچىنى ئۇنتۇپ قاپتىم قايىتىپ چىقسام سىز ئىشىك ئالدىڭىزدا ھوشسىز ياتىسىز، شۇنىڭ بىلەن سىزنى خوتۇن بىلەن يۆلەپ ئۆيگە ئەپچىقتۇق دوختۇرخانىغا تېلفون قىلىپ قويغان ھېلىغۇچە كېلىدۇ…
-ھە ،رەھمەت ،ئىشقا ماڭمىسام بولمايدۇ، بەلكىم بەك چارچاپ كەتكەندىمەن ،ئارام ئالساملا ئوڭشىلىپ قالىمەن…
-مەن ئىدارىدىكى ئادىل ئاكاشقا تېلفون قىلىپ قويدۇم سىزنى دوختۇرخانىغا بارىدىكەن دەپ قويدۇم ، باشتا دوختۇرلار كەلسۇن،
"تاق،تاق،تاق،" ئىشىكنىڭ چېكىلگەن ئاۋازى ،ئەخمەت چىقىپ ئىشىكنى ئاچتى
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ئەخمەتجان ئەپەندىمنىڭ ئۆيىمۇ،
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،ھە شۇنداق
-بىز شەھرلىك ئىككىنجى دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلىمىدىن
-ھە ،بىلدىم بىمار ئىچىدە ئەتتىگەن ھوشىدىن كېتىپتىكەن مانا ھاززىرلا ھوشىغا كەلدى ،-سىرتتىن ئەخمەتجان بىلەن دوختۇرلارنىڭ گېپى مەردان ئاكىنىڭ قۇلقىغا كىرىپ تۇراتتى ،
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،-دەپ جاۋاپ قايتۇرردى بېششىنى ئاستا كۆتۈرۈپ ئولتۇرۇشقا تەمشەلدى، ،
-بولدى مىدىرلىماڭ يېتىۋېرىڭ…
دوختۇرلار ۋە ئەخمەتجان ، مەردان ئاكىنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ئۇنى قۇتقۇزۇش ماشىنسىغا سېلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى،،،،،
دوختۇرخانىدا باشنى سىتىغا سېلىش دەمدۇ ، قان بېسىمىنى تەكشۈرۈش دەمدۇ ، قان ئېلىش …ئەيتاۋۇر بىرمۇنچە تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن ، ئاران دېگەندە كارىدوردىىكى قاتتىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغىدەك ۋاقىت چىقتى ،
-مەردان ئاكا سىز ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ مەن ئوبۇرنىغا كىرىپ بىر ئىككىنى چېكىۋېلىپ چىقاي
-ھە ماقۇل
ئەخمەتجان ئوبۇرنىغا كىرىپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي دوختۇر مەردان ئاكىنى ئىشخانىىسىغا چاقىردى
مەردان ئاكىنىڭ باش ئاغرىقى بارغانچە ئېغىرلشماقتا ئىدى ، كېسەل قوزغالمىغاندا ساق ئادەمدەك تىتىك ،لېكىن بىر قوزغالدىمۇ دوختۇر بەرگەن دورىلارمۇ كار قىلمايتتى ، بۇ ۋاقىتلاردا ھوشسىزلاندۇروش دورىسى ئۇنى بىردەملىك بولسىمۇ ئاغرىق ئازابىدىن خالاس قىلاتتى ، خىزمەتتىنمۇ ئىستىپا بەدى ، بۇھالەتتە قانداقمۇ خىزمەت قىلالىسۇن ، كىممۇ ئۆزى سۆيگەن ئون يىل ئىشلىگەن خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالايدۇ ، ئۇ ئىستىپا نامىنى تاپشۇرغاندا ئىدارە باشلىقى ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلىدى ،ئۇلارغا قانداقمۇ مەن كېسەل دېگىلى بولسۇن ، ئۇباشقىلارنىڭ ئىچ ئاغرىتىشىنى خالىمايتتى ، چۈنكى ھېسداشلىق ئىچ ئاغرىتىش مال دۇنيا ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا يېققىنلاپ كېلىۋاتقان ئەزرائىل نى كەينىگە چېكىندۈرەلمەيتتى ، ھەر ئايدا مۇنەۋەر خىزمەتچى ، بولۇپ باھالىندىغان تېخى يېققىندىلا مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقلىقىغا ئۆستۈرلۈش توغۇرسىدىكى مىش مىش پاراڭلار تارقالغان ياش تۇيۇقسىزلا ئىستىپانامە يازسا ،ئەقلى جايىدا ھەرقانداق كىشى ئۈچۈن ھەيران قارارلىق خەۋەر بولىدۇ ئەلۋەتتە ، مانا مەردان ئاكا كېتىپمۇ ئىدارىدە ئۇنىڭ ئۈستىدە نۇرغۇن مىش مىش گەپلەر تارقالدى ، "مەردان ئاكىغا لاتارىيە دىن چوڭ مۇكاپات چىقىپتىمىش دېسە " بەزىلەر:" مەردان ئاكا ئامرىكىدىكى قايسى بىر چوڭ كارخانىىنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۋاپتۇ" لېكىن ئۇكىشىنىڭ نە مۇكاپات نە چەتئەل خىياللىرىنى سۈرگىدەك ۋاقتى بولسۇن، ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ھېلقى كۈنى دوختۇرنىڭ "چوڭ مىڭڭىڭىزدە ئۆسمە بار ئىكەن ، ۋاقىت ئۇزىراپ قاپتۇ ، لېكىن ئۈمىد بار ، ئوپىراتسىيە قىلىش ياكى نۇر بىلەن داغلاش ، ئالدىنقىسى خەتىرى بەك چوڭ ، ئاللاھ خالىسا ساقىيىپ كېتىسىز ، ئەگەر ئوپىرتسىيە قىلدۇرسىڭىز ئوپىراتسىيە مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا ساقىيىپ كېتىسىز ، مۇۋاپىقىيەتلىك بولماي قالسا ئىككى خىل ئېھتىماللىق ئەڭ يەڭگىل بولغاندا خاتىرىڭىزنى يوقىتىشىڭىز مۇمكىن، ئېغىر بولغاندا ئۆسۈملۈك ئادەم ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئېھتىماللىقى تۆۋەن ، ئىككىنجى ئۇسول نۇر بىلەن داۋالاش بۇ ئۆسمىنىڭ چوڭلاش سۈرئىتىنى چەكلەيدۇ ،
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئوغلىنىڭ ياتاق ئۆيىنىڭ ئىشىگىنى ئاستا ئېچىپ ئوغلىغا قارىدى ، ئەرافات كارۋاتتا شۇنداق تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى …ئۇ ئوغلىنىڭ بېششىغا كېلىپ ئولتاردى ، خىيال كەپتەرلىرى يەنە يىراق ئۆتمۈشكە قاراپ ئۇچتى ،چۈنكى ئۇنىڭ خوشاللىقى شۇ ئەسلىمە بەخىتلىك چاغلىرىمۇ شۇ ئۆتمۈشتىكى ئەسلىمە ئىدى …
مانا مەردان ئۆزىنىڭ سۆيگەن يايرى ، كۆزنىڭ نۇرى ، قەلىب دۇنياسىىنىڭ يەككە سۇلتانى ، ئىىككى دۇنيالىق ئاشىقى نادىرە بىلەن توي قىلغىلىمۇ ھەش پەش دېگۈچە يېرىم يىل بولۇپ قالدى ، بۇ كۈنلەر ئۈچۈن ئاللاغا چەكسسىز شۈكىرلەر ئېيتتاتى
بۈگۈن ناشتىلىقتا نادىرە ئۇزۇندىن بېرى ئويلاپ كەلگەن لېكىن دېيەلمىگەن سۆزىنى مەردانغا ئېيتىشقا بىر قارارغا كەلدى
-مەردان ، مەن …ئىككىمىز
-ھە نېمە بولدى ،- مەردان نادىرەنىڭ ئالدىدىكى پىيالىگە چاي قۇيۇپ بەگەچ ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدى
-سىزگە بىر مەسلىھەت سالاي دېگەن
-ھە دەڭە
-بىز بالا بېقىۋالايلى ……
تەكلىپ پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىلەر
439 قېتىم كۆرۈلدى | xohret | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-26 13:43:47 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|