ئۆتمۈش
(پوۋسىت) 1 - قىسىم
شۆھرەت كامىل مېھمان
بۇدۇنيانىڭ ئەھۋالى ئەنە شۇ، ئەقىل بىلەن نەزەر سالغانلارغا سىرلار ئىشىكى ئېچىلىدۇ. راھەت پاراغەت دېگىنىڭ ئەمىليەتتە جاپا مۇشاقەت، شادلىق خوشاللىق دەپ بىلگىنىڭ ئەمىليەتتە قايغۇ كۈلپەت، قەدىرلىنىش دېگىنىڭ خارلىق،سۆيۈنۈش دېگىنىڭ ئەلەم . شۇڭا بېششىڭغا قانداق كۈلپەتلەر كەلسە ،ئىنجىقلىماي كۆتۈرگۈلۈك، راھەت پاراغەتمۇ جاپا مۇشاقەتمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.ئەي نىئمەت ئىگىسى ئېررىشكىنىڭگە شۈكرى قىل،ھەي مېھنەت ئىگىسى، سەبىر قىل سەبىر قىلساڭ مېھنەت نېمەت بولۇرر، شۈكۈر قىلساڭ نىئمىتىڭ مول بولۇر…
-يۈسۈف خاس ھاجىپ
مانا ئۇ ئادەتتىكىدەك سەھەر تۇرۇپ بەدەن چېقتۇرۇش ئۈچۈن كىيىملىرىنى كىيىپ سىرتقا چىقتى ، ئەمما بۈگۈن سەل ئالاھىدە ،ئۇ ئادەتتە مەھەلىنىڭ تۆۋەن تەرپىگە بىر،ئىككى كىلومىتىر يۈگۈرۈپ كېلەتتى ،لېكىن بۈگۈن يۆلىنىش ئۆزگەردىى ئەكسىچە مەھەلىنىڭ يوقىرى تەرپى ناھىيە بازىرىى تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى.
ئۇنىڭ ئۆيى بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارلىقى تەخمىنەن ئۈچ كىلومىتىر ئەتراپىدا كېللەتتى ،ناھىيە بازىرىنىڭ كەينىى تەرەپتە بىر كۆۋرۈك بولۇپ باشقىلار مۇھاببەت كۆۋرىكى دەپ ئاتايتتى ، بەلكىم ئۇجاي جىمجىت مەنزىرسى گۈزەل ،ئاشىق مەشۇقلاررنىڭ ئۇچۇرشىدىغان ياخشى جايى بولغاچقا شۇنداق ئاتالغاندۇ، كۆۋرۈك ئۈستىدە نادىرە ئۆزىنىڭ ئەڭ ياختۇردىغان كاۋاچېچىكى رەڭگىدىكى كۆڭلەك ۋە ئالدىنقى ھەپتە دادىسى ئەپ بەگەن تۇغۇلغان كۈنىدە كەيمەكچى بولغان قىزىل خۇرۇم ئايىقىنى كىيىپ كۆۋرۈك ئۈستىدە بازارنىڭ تۆۋەن تەرپىدىن كۆزىنى ئۈزمەستىن قاراپ تۇراتتى ……
ئۇ يۈگۈرۈپ كۆۋرۈككە ئاز قالغاندا قەدەملىرىنى توختاتتى ، يۈزىگە يىنىك تەبەسسۇم جىلۋىلەندى يەڭگىل ئۇھ تارتىپ قويۇپ كۆۋرۈك تەرەپكە يېققىنلاشتى
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،ساقلاپ توڭلاپ كەتكەنسىز ،
- ياقەي ، نىمىشقا ۋېلسىپىتلىك كەلمىدىڭىز ،تەلەپ كېتىپسىز ، كېلىڭ سۈرتىۋېلىڭ- نادىرە يېنىدىن N,M ھەرپى ئوتتۇرسىغا يۈرەك كەشتىلەنگەن قولياغلىقنى ئېلىپ ئۇنىڭغا سۇندى ،
-رەھمەت ، بىلىسىزغۇ كۈندە ئەتتىگىنى مۇشۇنداق چېنىقىمەن ،-دېگەچ يۈزىنى سۈرتتى قولياغلىقتىن ئىللىق ئەتىر ھىدى كېلەتتى ،ئۇنىڭ كۆزى كەشتىلەنگەن خەتكە چۈشتى ۋە- ئۆزىڭىز كەشتىلىڭىز ،
-ھەئە ،
- بۇ،N,M ھەرىپلىرى،
-بۇM بولسا سىزنىڭ ئىسمىڭىز مەرداندىكى، م ، بۇ بولسا مېنىڭ ئىسمىم -دېدى نادىرە -قاپاق باش شۇنىمۇ بىلمىگەن
-ئەمىسە بۇ يۈرەكچۇ
-ئەسكى،دېمەيمەن -دەپ يەرگە قاراۋالدى يۈزىى قىزىل ئامىدەك قىزىرىپ كەتكەنىدى
-چاقچاق ، نىمانداق قىلىسەن ، بىر كۈلىۋېتە - نادىرە يەر ئاستىدىن ئۇنىڭغا قاراپ بوشقىنە تەبەسسۇم قىلىپ قويدى -مەڭ ،رەھمەت
- ياق ، سىزدە تۇرسۇن ،
-ماڭا سوۋغا قىلدىڭىز ،ئۈممە -قىلىپ ياغلىقنى ئاغزىغا ياقتى ،-قېلىن -نادىرە ئۇنىڭ يەلكىسىگە بوش ئۇرۇپ قويدى
-مەردان ، ئالىي مەكتەپ ئارزۇسىغا قايسى مەكتەپنى يازىسىز؟
-جۇڭنەن مالىيە ئىقدىساد ئونۋېرىستىتىنى يازايمىكىن ، سىزچۇ
-مەن شىنجاڭدىكى مەكتەپلەرنى يازىمەن سىزدەك دەررىستە ياخشى بولمىسام يە ، ئەگەر ئىشكىرىگە كەتسىڭىز مېنى ئۇنتۇپ كېتەمسىز
- بۇ نېمە دېگىنىڭىز ، مۇمكىن ئەمەس ، مەن بېلىق سىىز سۇ بىلەمسىز سىز بولمىسىڭىز نەپەس ئالالمايمەن ،-دەپ نادىرەنى ئالدىغا تارتىپ باغرىغا باستى ۋە ئۇنىڭ بېششىغا بوش سۆيۈپ قويدى …
-دادا ،- مەردان خىياللار ئىلكىدىن ئويغۇنۇپ كەينىگە قارىدى ئوغلى ئەرافات ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى - نېمە خىيال قىلىپ كەتتىڭ ، ئەتتىگەندىن بۇيان سېنى نەچچەرەت توۋلاپ ئېغىزلىرىم ئاغرىپ كەتتى،
- ھە نېمە ئىش
-چۇڭ ئاپام تېلفون قىلىپتۇ ،تاماق تەييار بولۇپ قالدى داداڭ بىلەن بىزنىڭكىگە كېلىڭلار پولو ئەتتىم دەيدۇ
- ھە ماقۇل…
پىكىر تەكلىپلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىىلەر، مۇشۇ سالوندا كۈندە بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ...
763 قېتىم كۆرۈلدى | xohret | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-21 10:11:10 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-4-26 1:48:21 | مەنسۈر |
داۋامىغا قىزىقىۋاتىمەن |
2017-4-23 22:34:39 | گۈزەل |
ياخشى باشلىنىپتۇ،دەرت كەلمىسۇن…بولسا ھەربىر قىسمى سەل ئۇزۇنراق بولسا دەپ ئويلىدىم ئۆزەمچە،بىر دەمدە ئوقۇپ بولدۇم😜😜 |
2017-4-23 22:34:37 | گۈزەل |
ياخشى باشلىنىپتۇ،دەرت كەلمىسۇن…بولسا ھەربىر قىسمى سەل ئۇزۇنراق بولسا دەپ ئويلىدىم ئۆزەمچە،بىر دەمدە ئوقۇپ بولدۇم😜😜 |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|