ئۆلۈم يېنىڭدا
شۆھرەت كامىل مېھمان
مانا كەچمۇ كىردى ، سورۇن ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ، رومكا ئۆز نۆۋىتىدە ئايلانماقتا، تېلفونۇڭ سايرىدى تېلفونغا قارىدىڭ ئېكراندا 老婆دېگەن خەت ، بېسىۋەتتىڭ ، بۇ ساڭا كەلگەن نەچچىنجى قېتىملىق تېلفون ئىكەنلىگى ئېسىڭدە يوق، يەنە سايرىدى … ئېتىۋەتتىڭ،رومكا بىر خىل رېتىمدا ئايلانماقتا ، سورۇن تارقاشقا باشلىدى ھەممىسى بىردىن ئىككىدىن قايىتىشتى سىرىتقا چىقتىڭ بەزىلەر موتوسىغا تەستە مىنىپ تېخى قوزغاتمايلا ماينى قۇلقىغىچە تولغىماقتا سەنمۇ موتۇيۇڭغا مىندىڭ ، ماينى قۇلاققىچە تولغىدىڭ ، ئالدىڭدىن يورۇق بىرنۇر ماشىننىڭ تورمۇزلىغان ئاۋازى …
ئۆزۈڭنى بىر تاختا ئۈستىدە كۆردۈڭ ، مەھەلىنىڭ مۇئەزىنى ۋە بىرنەچچە دوسلىرىڭ سېنى ئۇياق بۇياق دۇمىلىتىپ يۇماقتا ، ئۇيات جايلىرىڭنى يوشۇرماق بولدۇڭ. قولۇڭنى ھەركەتلەندۈرەلمىدىڭ مانا ئاق رەختىن كىيىم كىيگۈزدى ۋە كىگىزگە يۆگىمەكچى بولدى سەن ئۇلارغا گەپ قىلدىڭ ھېچ كىشى ئاڭلىماس يالۋۇردۇڭ سۆزلىرىڭنى چۈشەنمەس ، مانا سېنى جىنازا ئۈستىگە ئالدى ، سەن كەينىڭگە قارىماق بولدۇڭ ، ئاۋاز… «دادا… دادامنى نەگە ئاپىرسىلە »… ئۇسېنىڭ جىگرىڭ كۆزۈڭنىڭ نۇرى ئەمدى بەش ياشقا كىرگەن قىزىڭ ئىدى ، چىدالمىدىڭ ، ۋارقىردىڭ ، لېكىن جىنازا يەڭگىل تەرۋىنىپ ئالغا ئىلگىرلىمەكتە گويا ھەممە گاس بولۇپ قالغاندەك ، ھېچ كىمدىن سادا يوق…
مانا قەبرىدىكى بىرىنجى كېچىمۇ خۇددى بىر يىلدەك ئازاپ ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆتتى ، يەتتە كۈن قەبرەڭدىن كىشىلەرنىڭ ئاياغ تىۋىشى ئۈزۈلمىدى ، كېلىدىغان ئادەملەر ئازلاشقا باشلىدى ، سەن كىشىلەر قەلبىدە ئۇنتۇلۇشقا باشلىدىڭ ، ئاناڭمۇ تولا يىغلاپ ياشلىرى قۇرىدى ، ئايالىڭمۇ تەغدىرگە تەن بەردى ، باللىرىڭمۇ ئاپىسىدىن «دادام قاچان كېلىدۇ » دېگەندەك سوئاللارنى سورىماس بولدى ، سەن ئۇنتۇلۇشقا باشلىدىڭ ، سېنى ئۇزۇتۇپ قويغان ھېلقى كېچىدىكى ئاغىنىلىرىڭ ۋە ئۇلار ئىچىۋاتقان ھاراق رومكا يەنە شۇ پېتى … سەن ئۇنتۇلدۇڭ ،
مانا ئارىدىن بىر يىلدەك ۋاقىت ئۆتتى ، ئايالىڭنىڭ ئاتا ئانىسى ئۇنى ياتلىق بولۇشقا دەۋەت قىلاتتى، لېكىن ئۇ تېخىچىلا يالغۇز ،بۈگۈن سېنىڭ ئاپاڭ ئۇنىڭغا سۆز ئاچتى « قىزىم ، سىز بىزنىڭ ئۆز قىزىمىزدەكلا ئوغلىمىزدىن كېيىنمۇ بىزنى تاشلاپ قويمىدىڭىز ، ئۆزىڭىز يالغۇز بىر پەرزنتنى تەربىيلەپ چوڭ قىلىش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس ، ھېلىمۇ بىر يىلدىن ئاشتى ئوغلۇمنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىپ بولدىڭىز،بىز سىزدىن رازى قىزىم بالدۇراق بېششىڭىزنى ئوڭشىۋېلىڭ»…
ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ ئايالىڭ ئۆيدىكىلىرىنىڭ تونۇشتۇرشى ھەم بېسىمى ئاستىدا بىر سودىگەر ئاجىراشقان بىر يىگىتكە ياتلىق بولدى، ئەمدى سەن راستىنلا ئۆلدۈڭ،
ئەمدى سېنىڭ ئايالىڭ ئەمدى باشقىلانىڭ، قىزىڭ باشقىلانى دادا دەپ چاقىرىدۇ، مانا ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن قەبرە بېششىڭدا قىزىڭنىڭ دەرت دەرت بولۇپ يىغلاپ «دادا ، مېنى يالغۇز تاشلاپ قويغىچە مېنىمۇ ئاپام بىلەن قوشۇپ ئېلىپ كەتسەڭچۇ، دادا، سېنى سېغىندىم ، مېنى قۇچاقلىشىڭنى ئىگىز ئىگىز ئاسمانغا ئېتىشىڭنى سېغىندىم ، بىزنىمۇ ئېلىپ كەت بىزنى ئۇ ئىبلىسنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۋال دادا » سەن ئۇنىڭغا تەسەللى بەرمەكچى ، مەڭزىگە سۆيمەكچى ، مەن بار قىزىم، دېمەكچى بولدۇڭ لېكىن سەن ئاجىزسەن چۈنكى سەن ھاياتلار دۇنياسىدا يوقسەن ،
ئارىدىن بىر ئاي ئۆتتى قىزىڭ يەنەكەلدى «دادا، سېنى سېغىندىم ئاپام ئۇ ئىبلىس بىلەن ئاجىرشىپ كەتتى ، ھاززىر بوۋام مومام لا بىلەن تۇرۋاتىمىز ، بىزنىڭ سەن يوق قانچىلىك خورلۇق كۆرگەنلىكىمىزنى كۆردۈڭمۇ دادا ، مەن بىلىمەن سەن ئاڭلاۋاتىسەن ، بوۋامنىڭ دېيىشىچە ئايال كىشى قەبرە بېششىغا چىقسا بولماسمىش ، لېكىن مەن كېلىمەن دادا ، مەن دادام بىلەن پاراڭلاشقىلى كەلدىم ئۇلۇغ رەببىم چوققۇم مېنى كەچۈرىدۇ ، دادا سېنى سېغىندىم » ……
مېھمان تەۋسىيەسى : سىز ھەر قېتىم موتولۇق ياكى ماشىنلىق ئۆيىڭىزگە قايىتىۋاتقان چېغىڭىزدا ئۆيىڭىزدە سىزنىڭ ساق سالامەت قايىتىپ كېلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرغانلارنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ ، ھاياتىمىزنى قەدىرلەيلى!
429 قېتىم كۆرۈلدى | xohret | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-17 11:17:49 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-4-23 16:01:10 | نۇرگۈل، |
ياخشى،يېزىلپتۇ، |
2017-4-21 10:29:01 | گۈلباھار |
بۇ ھىكايە خىلى ياخشى يېزىلىپتۇ توغرا ھايات قىممەتلىك ھەممىمىز ھاياتىمىزنى قەدىرلەيلى |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|