" ئوغۇللارغا سۆز "
ئاپتۇرى : ئالمىرە ياقۇپ
كەلگۈسىدە بىر ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولىدىغان ئۆزىنى ئەر ئەمەس ئەركەك دەپ ئويلايدىغان بارلىق ئوغۇللاردىن ئۈتۈنۈشۈم : ئەي ئوغۇللار ، ئەي ئەرلەر ، ئەركەكلەر بارلىق قىزلارغا ۋاكالىتەن سىلەردىن يەنە بىر قېتىم ئۈتۈنەي سىلەردىن ئاجىز يارىتىلغان بىز قىزلا سىلەرنىڭ كۆيۈنىشىڭلارغا ، قوغدىشىڭلارغا موھتاج بىز . مەيلى بىزنى قوغدىيالمىساڭلار سىلەردىن رەنجىمەيمىز لېكىن سىلەردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىمىز بىز قىزلارنى ئالدىمىغان بولساڭلار ، نابۇت قىلمىغان بولساڭلار . ئازراق بولسىمۇ ئويلاپ قۇيۇڭلار بىزمۇ سىلەردەك ئاتا ئانىمىزنىڭ ئەتىۋارلىق پەرزەنتلىرىغۇ، سىلەردەك ئاددىي ئادەمغۇ .
بەزىلىرىڭلار تالادا ئويناپ يۈرۈپ قىزلارنى ئالدىساڭلار ، يەنە بەزىڭلار ئائىلەڭلار ، پەرزەنتتىڭلار تۇرۇپمۇ يەنە شۇ تالادىكى كىچىك قىزلارنى ئالداپ ئۇلارنىڭ بەختىنى ھەم شۇنداقلا ئۆزۈڭلارنىڭ ئائىلەڭلارنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەپچى بۇلىۋاتىسىلەر . ئۆيىڭىزگە سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ئايالىڭىزنى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ يەنە باشقا قىزلارغا مەن تېخى توي قىلمىغان دەپ ئالداشقا ۋىجدانىڭلار قانداق چىدىدى ، شۇنداق قىلىشقا قانداق جۈرئەت قىلالىدىڭلار ………
سىلەر زادى نىمىگە موھتاج ؟ سىلەر زادى نىمە ئويلاۋاتىسىلەر ؟ سىلەر زادى نىمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟ ئائىلىسى بۇزۇلىۋاتقان ، پەرزەنتلەر يىتىم قىلىۋاتقان ئىشلار ھىلىھەممۇ ئازمۇ ؟ ئەنە شۇلارنىڭ بەخىتسىز قالغىنىمۇ يەتمىدىمۇ ؟ ………سىلەردىن ئاخىرقى قېتىم ئۈتۈنەي بىزنى ئالدىماڭلار ھەم ئالدىمىغان بولساڭلار .
مۇشۇ گەپلىرىمنى قىزلارنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەپچى بولىۋاتقان ئوغۇللارغا . ئائىلىسىنى ، پەرزەنتىنى يىتىم قىلىۋاتقان بەزى ئەرلەرگە تەۋسىيە قىلماقچىمەن . ئوغۇللىرىمىز قىزلارنى ئالدىمايلى ، قىزلىرىمىز ئوغۇللارنى ھۆرمەت قىلايلى .
تەھرىرلىگۇچى: ئابلىمىتجان ۋاھاپ
ئۇندىدار:qq1165181317
مۇھەررىر :ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۇندىدار :24041420589
2017-5-17
101 قېتىم كۆرۈلدى | AlMeRa | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-17 15:50:50 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|