دۇردانىلەر
تۇرغۇن راخمان(كەمتەر)
ئەقىلنىڭ بۇلغىنىشى،ۋىجدانىڭنى ئازاپلىسا،ئادىمىيلىكىڭنىڭ يوقىلىشى،غورۇرۇڭنى دەپسەندە قىلىدۇ.
كېچىنىڭ جۇدۇنلىرىدىن،كۈندۈزنىڭ جۇدۇنلىرى قورقۇنۇشلۇق، زىمىستان قىش سوغۇقىدىن،دوستۇڭنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسى تېخىمۇ سوغۇق.قەھرىتان سوغۇقتا توڭلاپ قېلىشقا بولىدۇكى، ھەرگىزمۇ دوستۇڭنىڭ ئاچچىق تىللىرىدا توڭلاپ قالماڭ...
بۈگۈنكى خوشللىقىم،تۈنۈگۈنكى قەلب يارامىڭ ئىزناسى، ئەتىكى خۇشاللىقىمنىڭ ھەمشىرىسى،كەلگۈسىمنىڭ سوۋغىسى.
دوستۇم،تۇرمۇشنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا سېلىش بولسا، نادانلارنىڭ ئاجىزلىقىدۇر.ئەركەك بولساڭ،چوقۇم يىقىلغان يەردىن دەس تۇرۇشنى بىلىۋالغىن.
دوستۇم،ئارزۇ بىلەن ئارمان ئوتتۇرسىدا قالغىنىڭدا،ئۆزۇڭگە شۇنداق ئەسكەرتىپ قويغىنكى،بۇ تۇرمۇش ھەرگىزمۇ ئايدەك يورۇق،قۇياشتەك ئىسسىق،گۈلدەك خۇشپۇراق،پاختىدەك يۇمشاق،تاشتەك قاتتىق،قەنىتتەك تاتلىق،لازىدەك ئاچچىق،
قاردەك ئاپئاق،كۆمۈردەك قاپقارا،ئەينەكتەك سۈپ-سۈزۈك ئەمەس،تەدبىرىڭ قانداق بولسا،تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ، ھەممىسى ئۆزىڭىزگە باغلىقتۇر.
دادام ماڭا دائىم،يېشىڭنى يوشۇرۇشنى بىل،ئارتۇق ھەسرەت چەكمە،قەدمىڭنى ئويلىشىپ ئال،چۈشىڭنى بىلىشكە ئالدىرما، كۈلۈشكە دىققەت قىل،بولمىسا يىغلاشنى ئۇنتۇپ قالىسەن، دۈشمىنىڭنىڭ ئۆزىگە ئەمەس،سايىسىغا قاراپ قويغىن،بەك يىقىن ئەگىشىۋالمىسۇن دەيدىغان.
150 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-2 3:08:20 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|