كىشلىك تۇرمۇشتا
تۇرغۇن راخمان(كەمتەر)
دوستۇم كىشلىك تۇرمۇش بەكمۇ سىرلىق ، ئەگرى توقاي ، ئالدىراپ يەكۈن چىقارما ، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ ، سەۋر قىلىڭ . كىشىلەر ھامان بىلىپ - بىلمەي ، رەزىللىكنى، شەخسىيەتچىلىكنى ۋە ھەقىقىي ماھىيتىنى ھامان ئاشكارىلايدۇ ، ئۆزىنىڭ كۆڭۈلدىكىنى ئىپادىلەيدۇ . ئۇلار قارىماققا شۇنداق توغرا نەزىرىيە سۆزلىگەن بىلەن ، ئەمما ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلىندۈرۈپ قويىدۇ ، مانا بۇ رېئاللىق . ئۇلار تۇرمۇشتا سىزگە دوستلۇقىنى ساختا ئىپادىلەۋاتقان ، نىقابىنى ئېلىۋەتمەي ، يالغان كۆرۈنۈش پەيدا قىلىۋاتقان كىشىلەردۇر . ھەرگىز ئالدىرىماڭ ، ئۇلار ھامان بىر كۈنى نىقاۋ9ىنى شۇنداق ئالدۇكى ، ئۆزىڭىزنىڭ شۇنچە ۋاقتتىن بېرى ، ئۇلارغا ئىشەنگىنىڭىزدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىسىز ، ئەمما سىزدىن ئىبارەت ئاقكۆڭۈل سەمىمىي كىشىلەرنىڭ غۇرۇرىنى قىلچە ئويلاشماي ، ئۆزىنىلا ئويلاشقان ئاشۇ كىشىلەرنى تونۇپ يەتكىنىڭىزنىڭ ئۆزىلا بىر بىلىم ، باشقىلار قانداق ياشىسۇن ، لىكىن سىز ئىللىقلىقنى ئۆزىڭىزگە ھەمرا قىلىڭ ، ئىللىق جەمئىيەتكە تەلپۈنۈڭ ، كىشىلەرگە سەمىمىي،راستچىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ . بارلىغىڭىزنى مۇقۇملۇق ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە بېغىشلاپ ، ۋەتىنىمىزنى ئىللىق قوينىنىدا ، پارلاق سىياسىتىنىڭ نۇرلىرىدا ، ئۆز رولىڭىزنى نامايەن قىلىڭ . بۆلگۈنچى كۈچلەر ، ئەسەبىيلەر ، تېرورچىلارغا قەتئىي بايرىغىڭىز روشەن ھالدا قارشى تۇرۇڭ ، ئىناقلىقنى ، ئىتتىپاقلىقنى تەرغىپ قىلىڭ ، ئەمەلىي ھەركىتىڭىز بىلەن ئىللىق قۇرۇش جەمئىيەت ئۈچۈن ئۆلگە بولۇڭ .
شۇنداق ئېيتىپ قويايكى ، تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولمىغان ، ھەقنى ھەق دېمەيدىغان ، ناھەق ئىشلارغا چاۋاك چالىدىغان ، مۇستەھكەم مەيدانى يوق ، ئاغزىدا شەھەر ئېلىپ ، دېلىدا شەھەرگە ھۇجۇم قىلىدىغان ئەزىزلىرىڭلارنى بىلىۋېلىشتىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بولمىسا كېرەك . بارىڭىزنى ۋەتەننىڭ سوتسىيالىستىك قۇرلۇش ئىشلىرىغا ئاتا قىلىڭ ، ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە قەتئىي مەيدانىڭىز مۇستەھكەم ھالدا قارشى تۇرۇڭ . مانا بۇ ھەر مىللەت خەلقى تەلپۈنىۋاتقان ئىللىق جەمئىيەتتۇر . كىشلىك تۇرمۇشتا ئۆزىنى سۆيەلىگەن كىشى ، ھەممىنى سۆيەلەيدۇ ، كىشىلەرگە مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلىپ ، بارىنى ۋەتەن ئۈچۈن بېغىشلىيالايدۇ . ھېچقانداق مۇھەببەت ، ۋەتەن مۇھەببىتىگە يەتمەيدۇ .
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
79 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-25 14:05:48 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|