ئۆتمۈش
(پوۋسىت) 13 - قىسىم
شۆھرەت كامىل مېھمان
توي قىلىپ باشتا ھەقىقەتەن ياخشى ئۆتتۇق ، نېمىنى ئارزۇ قىلسا ئۇزۇن قالمايلا ئۇنىڭ قولىدا پەيدا بولاتتى ، مېنىڭ كۈلكەم خوشاللىقىم ئۈچۈن قولىدىن كېلدىغان ھەممە ئىشنى قىلاتتى ، بىز توي قىلىپ غۇلجىدا چوڭ ئۆيدە تۇردۇق ،قىينائانام بىلەن مۇناسىۋىتىمىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى ، ئويلاپ باقسام شۇ كۈنلەر مېنىڭ ھاياتىمدا قېنىپ قېنىپ كۈلگەن ۋاقىتلىىرىم كەن، كېين ئۇ ئۈرۈمچىگە ئىشلىگىلى چىقىپ كەتتى ، شۇكۈندىن باشلاپ ،ئۆيگە پالاندىم ،قينائانام نىڭمۇ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى ئۆزگىرىشكە باشلىدى، بىر كۈن بازارغا چىقماقچىى بولۇپ ئەمدى دەرۋازىدىن ئاتلىشىمغا:
-ھۇي خېنىم كاتتا ياسىنىپ نەگە؟ -مەنمۇ ئويلانماستىنلا،
-سىرتقا چىقىپ كېلەي ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇپ ئىچىم پۇشۇپ كەتتى ، سىزگە بىرە نەسە لازىم بولسا ئالغاچ كېرەي،
- قارا ماۋۇ تۈلكەجىننى ئوغلۇم با ۋاقتىدا بىرە قېتىىم ياسانغىنىڭنى كۆمەپتىم ئۇكېتىپ يالغۇز قاپسىزدە مەن ئادەم ئەمەسما، خىجىل بولماي ئاپىسىنىڭ ئالدىدا ئىچىم پۇشۇپ كەتتى ، دەۋاتقىننى ، ئەرسىراپ كەتتم دېگىنە مۇنداق ، پۇلۇڭ جېق ئوخشىمامدۇ ، ھەممىنى چىقار ،،
-ئاپا بۇ سىز نېمە دېمەكچى
-نېمە ۋارقىرايسەنغۇ قارا ماۋۇ يىتىم ئوغلاقنى ماڭا ۋاررقىرايدا ، -دەپ كېلىپلا چېچىمدىن چەڭگەللەپ قولىدىكى سۈپۈرگە بىلەن ئۇرۇشقا باشلىدى مەن ئۆزۈمنى قاچۇرماق بولۇپ ئۇنى ئىتەردىم ئۇ يېقىلىپ چۈشتى ، ئوت ئۈستىگە ياغ دېگەندەك ، يولدىشىمنىڭ ئاچىسى كىرىپ كەلدى
-ۋوي نېمە بولىۋاتىسىلەر
-قارا بۇ پەس بۇزۇقنى سىرتقا چىقىپ ئويناپ كىرىمەن دەيدۇ، قىزىم مەھرەمسىز سىرتقا چىقسىڭىز بولمايدۇ دېسەم قارا كېلىپ مېنى ئۇراي دەۋاتىدۇ ، ۋاي ئاللاھ، خۇدايىم نېمە قىلغان گۇنايىمغا بۇ كۈننى كۆرگەندىغاندىمەن -دەپ داد پەرياد قىلىغىلى تۇردى،
-ۋۇ بۇزۇق تېخى ئاپامغا قول ئۇزاتقىدەك بولدۇڭما ،
-ياق ، ئۇنداق ئەمەس ،ئاچا ،،-ئۇ داد پەريادىمغا قارايدىغاندەك ئەمەس خۇددى كىنولاردىكىدەك مېنى ئۇرۇشقا باشلىدى تۇيۇقسىز بېششىمغا قاتتىق بىر نەسە ئۇرۇلدى ،كۆز ئالدىم قاپقاراڭغۇ ،ھېچنېمە بىلمەيمەن ،ئۇيغانسام ئۆيدە يەردە ياتىمەن، ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەينەككە قارىدىم بېششىم قانىغان چاچلىرىم چۇۋۇق ،يىغلىغۇم كەلدى ،تۇيۇقسىز ھالقامنىڭ يوقلىقىنى سەزدىم ، دەرھال چامدانغا قارىدىم قۇلۇپ قايرىلغا ئىچىدىكى توي ئالتۇن زىبۇ زىننەتلىرىم ھېچقايسىسى يوق، ھەتتا ئاپام بەرگەن"قىزىم خەقنىڭ يۇرتىدا ئەس قاتىدۇ ، ئۆزۈڭگە گىرىم بويۇملىرى بولسىمۇ ئالاسەن "دەپ بەرگەن 3000يۈەن پۇلمۇيوق ،دېمەك ئۇ ئىككىسى ئالغانىدى ،قانداق قىلاي سورىسام يەنە تاياق يەيمەن بوپتۇ چىداي يولدۇشۇم كەلسۇن…
542 قېتىم كۆرۈلدى | xohret | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-10 13:02:09 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|