تەشۋىقات سەپىرىمدىكى ھېس-تۇيغۇلىرىم
(مەنسۈرمۇھەممەت)
كونىلار …
< كۆرگەندىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ >
< كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ >
دەپ ، ھەجەب توغرا دەپتىكەن .
※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※
ياقا-يۇرتقا قاراپ ماڭدىم
ئېچىش ئۈچۈن مەھسۇلاتىم بازىرىنى ،
يول-يولىدا يالغۇز ياتتىم
سىناش ئۈچۈن جاسارىتىم تاقىتىنى .
※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※
يول ……
كوچا ……
بازار …
مەھەللە ……
قاتارلىق تەبىئەتتىكى بارچە ھەقىقەتنى كۆرۈپ تۇرغان كۆزلىرىم ، ھەربىر مەنزىلگە شۇنچە ئىنچىكە قاراپ تۇرۇپمۇ ھېچنىمىنى كۆرەلمىدى .
※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※
تۇنجى قېتىملىق كارخانا تەشۋىقاتلىرى بىلەن ياقا يۇرتلاردا قىلغان يېرىم ئايدەك خىزمىتىم ، بۇرۇن ھېس قىلمىغان ھەتتا ئەزەلدىن ئويلاپمۇ باقمىغان تۇيغۇنى ھېس قىلدۇردى شۇنداقلا كاللامنىمۇ قانداقتۇر تۈگىمەس خىيال ۋە جاۋابسىز سۇئاللار بىلەن لىق تولدۇردى .
شۇنچىلىك ئاددىي قارىغان ، ئادەتتە بەك كۆزگە ئېلىپ كەتمەيدىغان بەزى بىر ئىشلارنىڭمۇ ، خىلى زور دەرىجىدە سەل چاغلىغۇسىز يۇشۇرۇن تەسىر كۈچى بارلىقىنى ھېس قىلدۇردى ھەمدە ھېچقانداق بىر ئىشقا ، بىپەرۋا مۇئامىلىدە سەل چاغلىماس كېرەكلىكىنى تونۇتتى ۋە بىلدۈردى .
《 بازار ئېچىش 》
دېگەن گەپنى نىمە گەپكىن دەپتىكەنمەن …
ئۇ گەپ مىنىڭ چۈشىنىشىمچە :
خۇددىي
《 ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم 》دىگەندەك ،
ئاۋۋال يۈزلەن …
كۆڭلۈڭنى ئىپادىلە …
ئەلا مۇلازىمەت قىل ……
تېرىشىپ ئۆگەن ……
جەمىيەتتىن بىلىم ئال ……
ھاردىم- تالدىم دېمە ……دېگەندەك ،
يەرلىك تىلدىكى
《 ئۈچەكتىن چىقىش 》ۋە《 كۆزنى يوغان ئېچىپ جاھانغا بېقىش 》دېگەن گەپ ئىكەن دەپ ئويلىدىم ، ھەم شۇنىڭغا ئوخشاتتىم .
بۇ خىزمەت باشقا يۇرتلاردا مۇساپىرمۇ قىلدىكەن ، تونۇشمايدىغانلار بىلەن تونۇشمۇ قىلىدىكەن ، سودا - تىجارەت ، جەمئىيەت ۋە يارقىن سىياسەتلەردىنمۇ خەۋەردار قىلىدىكەن .
※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※
كىچىككىنە كارخانىنىڭ تىجارىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ، دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى شەھەر-ناھىيىلىرىدىكى چوڭ-كىچىك سودىگەر قىرىنداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش كېرەك بولغاچقا ، بەزىدە تەشۋىقات ۋە ھەمكارلىق سۆھپىتى جەريانىدا ئويلىمىغان ئىشلار ياكى بەزى غەلىتە پاراڭلار بوپ قالىدىكەن .
※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※
مەلۇم ناھىيەدىكى نوپۇزلۇق بىر كارخانىچى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم . ئۇ كىشى مىنىڭ بەرگەن ھەمكارلىق مەسلىھەتىمنى ۋە تەشۋىقاتىمنى دىققەت بىلەن ئاڭلىغاندىن كېيىن ئوتتۇرغا قويغان بىرىنچى سۇئالى مىنى گاڭگىرىتىپ قويدى .
- يۈرۈكۈڭ بارمۇ ؟
- ئەلۋەتتە بار .
- قانچىلىك بار ؟
ئۇجۇقۇپ كەتتىم . قانداق سۇئال بۇ ؟ مانداقمۇ سۇئال بولىدىكەن دېسە ؟
بۇنىڭغا نىمە دىسەم بولار ئەمدى ؟؟؟
كۆپ ئويلاشمايلا ئاغزىمغا نىمە كەلسە
شۇنى جۆيلۈشكە باشلىدىم .
- قانچىلىكلىكىنى ئۆزەممۇ ئىنىق
بىلمەيدىكەنمەن ، پەرىزىمچە :
نورمال چېغىمدا مۇشتۇمدەك ، قوپال چېغىمدا قوچقاردەك ، تېتىك چېغىمدا تايچاقتەك ، پۇللۇق چېغىمدا قۇياشتەك ، پۇلسىز چېغىمدا توقاشتەك ، سۇلغۇن چېغىمدا شامالدەك ، خۇشال چېغىمدا خورازدەك ، ئاچچىقلاپ قالغاندا بۇقىدە .ھەمدە ئۇرۇلۇش ، سوقۇلۇش ، يىرتىلىش ، تىتىلىش ، پۇچۇلۇشلاردىن ئۆز خاسلىقىنى يوقاتماي ، يۈكسەك ئارزۇ-ئارمانلىرى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز سوقۇپ تۇرغان شۇنداق بىر يۈرەك باركى ،
ياۋۋۋۋۋ… ئەييۇھەنناس ،
بوران -چاپقۇن -جۇدۇن ،
ھەتتا تاغمۇ توسالماس ،
دوك-دوك…
دوك-دوك…
دوك-دوك…
دوك-دوك…
قىلىپ سىكىنۇت توختىماستىن
كۆكرىكىمنى چېكىپ ، ھەرۋاقىت ئىشەنچىم ۋە ئىرادەمنى ئويغىتىپ تۇرىدۇ . مانا بۇ مىنىڭ يۈرۈكۈم .
※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※
تەشۋىقات ئىشلىرىنى قىلىپ يۈرۈپ ، كۆپ سۆزلەپ كۈنۈپ قالدىممىكىن ، ئاددىيغىنە بىر ئېغىز سۇئالغا بەش كېلومىتىر جاۋاب بېرىۋىتىپتىمەن . شۇنداقتىمۇ چوڭقۇر مەنىلىك چۈشەندۈرۋەتكەن قىياپەتتە قاتتىق تۇرۋالدىم . ئۇ كىشى ماڭا قاراپ كۈلۈپ كەتتى ۋە
- 《 سەن بولىدىكەنسەن 》 دىدىدە ئارتۇق گەپ قىلمايلا بىزنىڭ ھەمكارلىق كېلىشىمگە قول قۇيدى ۋە مەن تونۇشتۇرغان تۇنجى
ھەمكارلاشقۇچىمىزدىن بولۇپ قالدى .
بۇ مىنىڭ تەشۋىقاتىمدىن تۇنجى ھەمكارلىق ئورناتقان كارخانا بولغانلىقى ئۈچۈنمىكىن تاڭ ، تولىمۇ خوشال بولدۇم .
ئەتىسى ئۇ كىشى ماڭا يەنە بىر غەيرى گەپنى قىلدى .
- سەندىكى يۈرەك قالتىس يۈرەك ئىكەنتۇق ، ئەپسۇس ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان يۈرەك ، بىر پارچە سېسىق گۆش خالاس ……
2016.10.15
115 قېتىم كۆرۈلدى | mansur | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-12 19:29:23 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|