ئۆتمۈش (پوۋسىت) 3 - قىسىم
شۆھرەت كامىل مېھمان
ئارىدىن ئازىراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئاغىنىسى ئەنىۋەرگە تېلفون قىلدى
-ئەدسسالامۇ ئەلەيكۇم
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دوستۇم ،تونىدىڭمۇ مەن مەردان
-ۋوي دوستۇم بامۇ سەن قانداق ئەھۋالىڭ قايىتىپ كەلگەن ئوخشىمامسەن…
لېكىن ئۇنىڭ سۆزى قۇلاققا كىردىغاندەك ئەمەس
-ھە سەندىن بىر ئىشنى سوراي ساۋاغدىشىمىز نادىرە توي قىلدىمۇ
-نېمە ،كىم شۇنداق دەيدۇ ،ئۇ تېخى يېڭىلا دوختۇرخانىدىن چىققان تۇرسا
-نېمە؟ دوختۇر خانا
-شۇنداق ،ئۇ ساڭا دېمىدىما ، ئۇ ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا چوڭ دادىسىنىڭ ئاشخانىسىغا ياردەملەشكىلى شەھەرگە كەتكەن كېيىن يولدا ئويناۋاتقان بىر كىچىك بالىنى قۇتقۇزىمەن دەپ قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقۇپتۇ تېخى يېڭىلا دوختۇردىن چىقتى بەلدىن تۆۋەنكى قىسىم پالەچ بولۇپ قاپتۇ دەپ ئاڭلىدىم بىزمۇ ساۋاغداشلار بىلەن يوقلاپ كېلەيلى دېيىشكەن …-ئۇنىڭ كېيىنكى گەپلىرى ئۇنىىنڭ قۇلقىغا كىرمىدى تېلفوننى قويدىدە ئاپىسىىنىڭ نەگە ماڭدىڭ چاپىنىڭنى كىيىۋال دېگەن گەپلىرىنىمۇ ئاڭلىماستىن ئۆزىنى سىرتقا ئاتتى……
يول بوي "نادىرە مېنى كەچۈر " دەپلا ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىغا بېرىپ قالغانلىقىنىمۇ بىلمىدىى ،ئۇ ئاستا ئىشىكىنى چەكتى ئىشىكنى ئۇنىڭ ئاپىسى ئاچتى
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مەردانجانغۇ بۇ قاچان قايىتىپ كەلدىڭىز قېنى ئىچكىرى كىرىڭ
-بۈگۈن كەلگەن نادىرە
-ئىچكىركى ئۆيدە ھە قېنى كىرە
ئۇ ئۆيگە كىردى ،تۆت چاقلىق مېيىپلار ھارۋىسىدا بىر قىز ياق ئۇ زارىقىپ كۈتكەن كۆرۈشكە تەشنا بولغان نەچچە ئيۈزلىگەن كېچىلەرنىڭ ئۇيقۇسىز ئۆتىشىگە سەۋەپچى بولغان كۆڭۈل پەرىشتىسىى ئولتۇرتتى ،
-قېنى بالام يوقىرى ئۆتۈڭ -دېدى رابىيەم ئاچاش -سىلەر پاراڭلاشقاچ ئولتۇرۇڭلار مەن چاي دەملەپ چىقاي -رابىيە ئاچاش تاشقىرىقى ئۆيگە چىقىپ كەتتى،
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،- نادىرە باشتا ئارلقتىكى جىمجىتلىقنى كۆتۈر ۋېتىشكە ئۇرۇندى
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام - مەردان يەنە نېمىلەرنىدۇر دېمەكچى بولدىيۇ ئاغزىدىن چىقىرالمىدى…
-قاچان قايىتىپ كەلدىڭىز
- بۈگۈن كەلگەن ، نمىشقا ماڭا يالغان ئېيتىسىز، ئەنىۋەر ماڭا ھەممىنى ئېيتتى ، نىمىشقا
- مەن سىزگە ماس كەلمەيمەن ،
- ئۇنداق دېمەڭ ، ئەجبا سىزنىڭ نەزرىڭىزدە مەن شۇنچلىك ناچچار كىشىما ، بېششىڭىزغا ئېغىر كۈن كەلگەندە تاشلاپ كېتدىغان ،…
-سىزچە بۇ كىچىك ئىشما ، مەن ئەمدى بىر ئۆمۈر مۇشۇ ئورۇندۇقتا ئۆتىمەن بىلەمسىز ؟ سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىمۇ بۇ نەس باسقان ھارۋىغا باغلاپ قويغۇم يوق
-ماڭا سىز بولسىڭىزلا بولدى ، ئاشۇ ھارۋىڭىزنى بىر ئۆمۈر ئىتىرىشكە مەن رازىمەن ، ئاللاھ قادىر قىلسا ئىدى ئۆزۈمنىڭ پۇتىنى سىزگە بەرگەن بولاتتىم ، ئەگەر شۇ ھارۋىدا مەن بولسام سىز مېنى تاشلىۋېتەمتىڭىز؟ -
-ياق مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس ، مەن مەن … ھەتتا ئانا بولۇش ھوقوقۇمدىنمۇ ئايرىلدىم بىلەمسىز - نادىرە ئەمدى ئېسەدەپ يىغلاشقا باشلىدى
- ماڭا سىز كېرەك ،ئەگەر پەرزەت يۈزى كۆرۈش ئۈچۈن باشقا بىرىگە قارايدىغان ئىش بولسا مەن مەرداننىڭ ئەۋلادى قۇرۇپ كەتسۇن . مەن ئوقۇمايمەن ، ئىككىمىز توي قىلايلى …
- ياق ساراڭ بولدىڭىزمۇ بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ ئەگەر شۇنداق قىلىمەن دېسىڭىز ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋالىمەن ،
- ئەمىسە ماڭا ۋەدە بېرىڭ ،مەن مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كەلگۈچە مېنى ساقلاڭ ، سىز بولمىغان ئېسىل تۇرمۇش ئېسىل سارايلاردىن ماڭا ئىككىمىتىر كەڭلىكتىكى قەبرە ئەۋزەل…
-سىز …-يەڭگىل ئاڭلانغان مۇزىكا ئۇنى خىياللار قوينىدىن سۆرەپ چىقتى ،تېلفون كەلگەنىدى مەردان ئاكا ئېغىر بىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ يانچۇقىدىن تېلفوننى ئالدى
-ۋەي مەردانكا تېلفوننى ئەجەپ تەستە ئالدىڭىزغۇ،
-ھە سۇخانىغا كىرىگەندىم ئاۋازىنى ئاڭلىماپتىم
- ئەرافات كەلدىمۇ ، كەلگەن بولسا ئېلىپ بىزنىڭ ئۆيگە چىقىڭلار
-ھە ماقۇل ئوغلۇم كەلسە بىللە چىقاي
-ئەمىسە سىز چىققاچ تۇرىڭە ئەرافاتمۇ ھېلى كېلە ، خوتۇن تاماق ئېتىۋاتىدۇ ،يالغۇز تاماق پىشقىچە گۇڭۇر موڭۇر پاراڭلىشىپ ئولتۇرامىز
-ھە ماقۇل
تەكلىپ پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىلەر
678 قېتىم كۆرۈلدى | xohret | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-25 12:13:13 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-4-28 0:44:27 | نۇرمەمەت |
داۋامى ھىچ كەلمەيدىيا بۇنىڭ |
2017-4-26 11:29:24 | مۇرتىزا |
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ |
2017-4-26 9:53:26 | مەن ئۇماقلىرىلىم |
مىنىڭچە بۇ ئەسەر بەك ياخشى ئىكەن ،لىكىن ئەۋەتىلشى بەك ئاز ،كۆپرەك ئەۋەتسەڭلار ياخشى بۇلاتتى ،شۇنچىلىك قىزىقىپ ئۇقىۋاتقىنىمدا ئاخىرلىشىدۇ ، |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|