ئۆتمۈش
(پوۋسىت) 8 - قىسىم
شۆھرەت كامىل مېھمان
مەردان ئاكا بىر ئاز ئويلىنىۋېلىپ سۆزىنى داۋام قىلدى :
-بۇ ئىشنى بۇنىڭدىن سەككىز يىل بۇرۇنقى ۋاقىتتىن يەنى 2003يىلى2ئاينىڭ24كۈنىدىن سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ…
ئۆزۋاقتىدىكى ئىشلار مەردان ئاكىنىڭ كۆزئالدىدىن خۇددى كىنو لىنتىسىدەك ئۆتۈشكە باشلىدى ……
بۈگۈنمۇ ئادەتتىكى كۈنلەدىكىدەك مەردان بىلەن نادىرە چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپ مەردان قاچا قۇچىلارنى بىر قۇر يۇيۇپ يىغىشتۇرۇپ بولۇپ ئەتتىگەن بازاردىن ئالغان تېخى ئوقۇشقا ئۈلگۈرمىگەن قانونچىلىق گىزىتىنىڭ يېڭى سانىنى قولىغا ئالدى ، نادىرە سافادا ئولتۇرۇپ تېلۋۋىزور كۆرىۋاتاتتى،
- توۋۋا خۇدايىم …
مەردان بېششىنى كۆتۈرۈپ تېلۋىزور كۆرىۋاتقان ئايالىغا قارىدى …
- قاراڭ مەردان قەشقەردە يەر تەۋرەپتۇ ، ئاللاھىم قۇدۇرتىڭ ئۇلۇغ
مەردان تېلۋىزورغا قارىدى ، تېلۋىزوردا ھەربىيلەر پوسۇلكا كۆتۈرۋالغان دوختۇرلار، مارالبېششى يەرتەۋرەشتىن كېيىنكى جىددىي قۇتقۇزۇش جەريانىنى نەق مەيداندىن كۆرسىتىۋاتاتتى ،
-ئاللاھ ،… قاراڭ ئاۋۇ قازقىلغان ئوخشايدۇ ، ئەتراپتىكىلەر يىغلاۋاتىدۇ،،، بۇ قىشتا ئۆي زىمىنلىررى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن قايەدىمۇ تۇرا ،
-سىز ئۇ ئىشلارغا باش قاتۇرماڭ ، پارتىيە ياخشى ئورۇنلاشتۇرىدۇ ،-مەردان ئاكا شۇنداق دېگەچ قولىدىكى سائەتكە قارىدى ، ئىشقا ماڭىدىغان ۋاقىت توشقان ئىدى …
-نادىرە كېلىڭ سىزنى ھارۋىغا ئولتۇرغۇزۇپ قوياي ۋاقىت توشۇپتۇ -دېگەچ نادىرەنى كۆتۈرۈپ ھارۋىغا ئولتۇرغۇزدۇردى ۋە ،-مەن ماڭاي بىر نەسە لازىم بولسا تېلفون قىلىڭ ،بولدى ئۇنداق كۆڭۈلنى غەش قىلدىغان خەۋەرلەرنى تولا كۆرمەڭ ، ھىندىستاننىڭ ، نىراجىما مىراجىما نېمە سىز يااقتۇرىسىزغۇ شۇ كىنو باشلاندىغۇ دەيمەن ، يېشىڭىزنى سۈرتىڭە ، مەن تېزلا قايىتىپ كېلىمەن
-مەن سىزگە يىغلىمىدىم ، قاراڭ ئاۋۇ ئايالنى قىزى قازا قىلىپتۇ ،-مەردان تېلۋىزورغا قارىدى بىر ئايال ياقا يىرتىپ بىر بالىنى قۇچاقلىۋېلىپ قاتىتىق يىغلاۋاتاتتى، ئۇ كۆرۈنۈشنى كىملا كۆرسە ئىچى سېيرىلاتتى . - مەن ئانا بولىمەن دەپمۇ بولالمىسام قاراڭ ئۇ بىچارە ئايالغا …
ئەمدى نادىرە راسلا مىششىلداپ يىغلاشقا باشلىدى ،
مەردان نادىرەنىڭ ئالدىدا چاندۇرمىغاندەك قىلغان بىلەن كوچىلاردا بالىلىرىنى كۆتۈرۋالغان يىتلىۋالغان ئاتا ئاانىلارنى كۆرگەندە خۇددى يىتىم بالىدەك ئۇلارغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ كېتەتتى ، خىزمەتداشلىرىنىڭ ئۆيىدە بولسا ئەمدى تىلىچىقاي دەۋاتقان بوۋاقلارنىڭ شۇنچىلىك تاتلىق (داد،داد،داد،داد،…)دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلىسا يۈزىدە تەبەسسۇم بولسىمۇ يۈرىگى بىرخىل ئەلەم ئىچىدە تولغىناتتى…
مانا بۈگۈن ئۇ قەشقەرگە قاراپ يول ئالدى ،نادىرەنىڭ مېڭىش ئالدىدا ئېيتقان" بېرىپ بېقىڭ ئاتا-ئانىسىز ياريۆلەكسىز قالغان يىتم يىسىرلار بولسا شۇيەردىكى ئاھالىلەر كومتىتى بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىڭ ، …" ئەمىليەتتە مەردانمۇ شۇ ئارزۇ بىلەن ماڭغان ئىدى …
مەردان بىرىنجى كۈنى قەشقەر شەھرىدە ياتاققا ئورۇنلىشۋېلىپ ئىككىنجى كۈنى ئەتتىگەن مارالبېششىغا قاراپ يولغا چىقتى ، يەر تەۋرىگەن جايغا بادى ھەم ئۆزىنىڭ نادىرە بىلەن ئاتىغان ئازىراق ئىقدىسادىي ياردىمىنى شۇ يەردىكى خەلىققە ئۆز قولى بىلەن يەتكۈزۈپ بەردى … ھەم ئىزلەپ سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئاھالىلەر كومتىتى بازارلىق ساقچىخانا ھەممە يەرگە باردى ، ئەپسوس نەتىجە ئوخشاش ، بىرلا ئېغىزگەپ سىز ئەنسىرمەڭ ئاپەتكە ئۇچۇرغان ئاممىنى ھۆكۆمىتىمىز ئۆزى ياخشى ئورۇنلاشتۇرىدۇ ، ئاپەتكە ئۇچىراپ يىتىم قالغان ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇش تۇرمۇش بارلىق چىقىملىرىنى ھۆكۆمىتىمىز بىرتۇتاش كۆتىرىدۇ ، شۇڭا ئالدىڭىزدا خىجىلمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالىڭىز مېيىپ ئىكەن ،سىزلەرگە ھەقىقەتەن ئېغىر كېلىدۇ …دېگەندەك گەپلەر …
شىنجاڭنىڭ ئەڭ شەرقىدىن شۇنداق چوڭ ئۈمىدلەر بىلەن كەلگەن يۇرتىدا ئۇنىڭ خوش خەۋەرىنى كۈتۈپ تۇرغان ئاشۇ بىرجۈپ كۆزگە قانداقمۇ مۇشۇ قۇرۇق قولنى كۆتۈرۈپ بارالىسۇن … ئەمما نە ئامال ، بەلكىم ئاللاھ ئۇلارنى بۇ ئۆمرىدە پەرزەت يۈزى كۆرۈشكە نېسىپ قىلمىغاندۇ…
پىكىر تەكلىپلەرنى ئايىمىغايسىلەر
485 قېتىم كۆرۈلدى | xohret | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-5 16:31:13 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|