ئۆتمۈش
(پوۋسىت) 9 - قىسىم
شۆھرەت كامىل مېھمان
بۈگۈن يەكشەنبە بولغاچ بازار بەكلا قىزىغانىدى، ئاشپەزلەرنىڭ خېرىدار توۋلاشلىرى ، سودىگەرلەرنىڭ ماللىرىنى داڭلاپ توقىغان نەزمىلىرىى بازارنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن قوشاتتى ، مەردان كوچىدەكى كىچك ئاشپۇزولغا كىرىپ تاماق يەۋېلىپ بازار ئارلاپ ئۆزىمۇ بىلمەستىن تار بىر كوچىغا كىرىپ قالدى ، تۇيۇقسىز بىر ئايال كىشىنىڭ …
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، مېيەگە كەسىلە يىگىت ، ئىزلىگەنلىرى مېيەدە ،ھە قېنى ئىچكىرى چىسىلە -قېنق گىرىم قىلىۋالغان بىر چوكان ئۇنىڭ مەيلىگىمۇ باقماستىن سۆرىگەننىڭ قاتارى بىر دۇكانغا ئەكىردى : -ھوي قىزلا مېيەگە بۇ يىگىتكە مۇسەللەستىن ئەكىلىڭلار ، قارىساملا شىماللىقتەك قىلىسىز، شىمالدا بىزنىڭ مۇسەللەسنى ئەتىۋا دەيدۇ قېنى بىر ئىچىپ كۆرۈڭ …
دېمىسىمۇ قۇمۇلدا ئەل ئاغىنىلەرنىڭ ئاغزدىن چۈشمەيتتى ھەم ماياققا ماڭاشىدا "قەشقەرگە باغاندىكى مۇسەللەسنىڭ يەرلىگىدىن ئالغاچ كېلىڭلا ئاداش "دەپ تاپىلاپمۇ ئۈلگۈردى شۇڭىلاشقىمىكىن ئۆزىمۇ بىلمەستىن :
-يەرلىگمۇ -دەپ سوراپ سالدى
-ۋوي يەرلىگى ئۆز قولىمىزدا ئېچىتقان ئىچسىڭىز بىلىىسىز،…
مەردان كىچىك سىر كايىدا يېرىم يېرىمدىن ئىىككىنى ئىچتى ، ھەقىقەتەن بازاردا ساتقىنىدىن ياخشى ئىدى ، ئۇ قايتىدىن بۇ قاۋاقخانىنىڭ ئىچىگە نەزەر تاشلىدى ، تۆپى تەرەپتە يەردىن 20سانتىمىتىز ئەتراپىدا كۆتۈرۈلگەن 15كۇۋادىرات ئەتراپىدا كىچىك سەھنە پەستە 9،10دەك ئۈستەل ھەممىسىدە ئادەم لىق بەزى ئۈستەلدە قىزلار ئوغۇللار بىرلىكتە كۈلكە چاقچاق بىلەن ئىچىشمەكتە بەزى ئۈستەللەردە يېشى 50-60لەردە بولسا كېرەك ساقاللىرى ئۇزۇن بوۋايلرمۇ ھېچ ھايا قىلماستىن ئۆزىنىڭ نەۋرىلىرىدەك قىزلار بىلەن چاقچاقلىشىپ ئىچىشمەكتە… سەھنىدە بىر ئايال دۇتتار بىلەن ناخشا ئېيتىۋاتاتتى ئالدىدا بىر قىز ئۇسول ئوينىماقتا …
- سىزدىن سورىماستىنلا ئەكىردىم ،ئۆزىڭىز يالغۇز كەلگەندەك قىلىسىز بۇ ياقنىڭ ئىسمى سائادەتگۈل -مەرداننڭ ئەلدىدا شۇنچىلىك گۈزەل ئوماق بىر پەرى ئولتۇراتتى ئۇ قانداقمۇ رەت قىلالىىسۇن قىزمۇ ئۇنىڭ رۇخسىتىنى ئالماستىنلا كېلىپ ئولتۇردى ، مۇسەللەستىن سىركايىغا قۇيدى ۋە :
- ئىسمىم سائادەتگۈل ،سىز
- ئسمىم مەردان قۇمۇلدىن
-ھە ، -قىز قولىدىكى سىركايىنى بىر كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتتى،ۋە - بۇ يەررگە ئۆتۈپ قاپسىزغۇ
- ھە سودا ئىشلىرى بىلەن …
ئۇلار خېلى ئۇزاق مۇڭداشتى مۇسەللەسنى قانچىلىك ئىچكەنلىگىنىمۇ بىلمەيتتى كۆزىنى ئاچتى ۋە چۆچۈپ كەتتى ، يېنىدا ئانىسىدىن تۇغما ھالەتتە بىر قىز ياتاتتى …
ئۆزىنىڭ كىيىملىرىمۇ پۈتۈنلەي سالدۇرۇلغان ئىدى ، ئۇ تۆنۈگۈنكى ئىشلارنى قايتىدىن ئەسلىدى ، ئۆزنىڭ بىر قىز بىلەن ئولتۇرۇپ ئىچكەنلىگى ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى ، مېيىپ ئايالى ، توغۇرلۇق سۆزلىگەنلىرى توۋۋا ھاراق دېگەن ئاجايىپ نەرسە ، ئىچتىڭمۇ بولدى سىرلىرىڭ ئىچىڭدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكىلىدۇ ، ۋە ئەتىسى كىشىنى تۈگىمەس پۇشايمانلارغا قالدۇرىدۇ ، ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇردى ،
-ئويغاندىڭىزما، ھېساباتنى ئاخشامكى خوجايىنغا قىلىپ بېرىسىز، ئەمدى ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلى ماڭا تاماق يېگىدەك بەرسىڭىزلا… مەردان ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەندى ۋە يېنىدىن 300كوينى ئۈستەل ئۈستگە قويۇپ چىقىپ كەتتى ،
-ھاردۇقىڭىز چىقىپتىمۇ
-يامان ئەمەس ، نەچچە پۇل
- ھاراق ياتاق ، يەنە مۇلازىمەت بولۇپ 1500كوي
مەردان قاۋاقخانىدىن چىقىپ پۇل قاپچۇقىغا قاررىدى ئاران 900كوي قالغانىدى ئەمدى ماڭمىسا بۇيەردىن كېتىشكە كىرا پۇلىمۇ قالمايتتى
تەكلىپ پىكىرەرنى ئايىمىغايسىلەر
529 قېتىم كۆرۈلدى | xohret | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-6 10:02:25 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|