قىز دوسلىرىم
ئابلىمىتجان ۋاھاپ
مەن بىر ئوغۇل بالا ئوغۇل بالىنىڭ يۇرىكىدىن سۆيگەن،مىھرىنى بەرگەن ۋاپادار مەشۇقى بولىدۇ ئەلۋەتتە،ئەمما مىنىڭ قىز دوسلىرىم كۆپ، مەن ئۇلارنى تەسۋىرلىگۇسىز ياخشى كۆرىمەن،بىز ئۆز ئارا چۇشىنىشىپ،ھۆرمەتلىشىپ ئۆتىمىز ،ئۇلار مەن قىلماقچى بولغان ئىشلاردا ،ئۆتكەللەردە ماڭا ھەمدەمدە بولۇشۇپ ،ياردەم قىلىدۇ ! مەن ئۇلارنىڭ قەدىرىنى قىلىپ مىنىڭ ھايات مۇساپەمنى تەڭ بىللە ئىلىپ مىڭىشقا ،ئۇلار بىلەن تىخىمۇ يىقىن بولۇش ،ئۆز ئارا چۇشۇنۇش ئۇچۇن تىرىشىۋاتىمەن…
بىرىنچى قىز دوستۇم بىلەن ئانچە كۆپ تاماققا چىقالمايمەن،كۇندە كۆرۇشۇپ تۇرالمايمەن لىكىن ئۇنى قەتتي -مەڭگۇ تاشلاپ كەتمەيمەن، ئۇنتالمايمەن ھەم ئۇنۇتمايمەن ،سىغىنىمەن ئۇنى دائىم ئويلايمەن،ھەرقىتىم ئويلىغىنىمدا بىللە ئولتۇرۇپ بىر بىرىمىزگە قارىشىپ قىلىشقان سۆزلىرىمىزنى ئويلاپ،تىگى يوق خىياللارغا غەرىق بولۇپ كىتىمەن،پات-پات چۇشۇمگىمۇ كىرىپ قالىدۇ،چۇشۇمدە بىز يىراق يىراقلارغا قول تۇتۇشۇپ ماڭىمىز،بۇ قىز دوستۇمنىڭ قولنى گۇل دىسەم قەتئىي ئارتۇق بولۇپ كەتمەيدۇ ،ئۇ گۇل ئىچىلىش ئالدىدا تۇرغان غۇنچىدىنمۇ چىرايلىق،ئۇنىڭ مىھىرلىك قولىنى،ئۆزىنى كۆرگەن كىشى خۇدىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ، مىنىڭ كۆڭلۇم قانداق تاماقنى تارتسا ماڭا ،يۇرىكىنى لاۋۇلداۋاتقان ئوت ،ئازابلىرىنى ئوتۇن قىلىپ، خۇشاللىقنى ئوتۇندىن كۆيۇپ چىققان ئىس-تۇتەكتەك داستىغانغا ،چاچىدۇ !خۇشاللىق كۇلكە ئىلىپ كىلىدۇ،ئۇنىڭ ئەتكەن تاماقلىرىنى ئىشتاھا بىلەن يەيمەن،قوشۇققا تاماقنى ئىلىپ ئاغزىمغا ئاپپارغىنىمدا پات-پات گۇزەلىم،ھاياتىمنىڭ،چىرايىغا قاراپ قالىمەن،ئۇنىڭ ھۆسىن جامالى خۇددى كۆكتىكى پەرىشتىلەردىن قىلىشمايدۇ، گۇزەللىكنىڭ شەيداسى بولغان ئاينىڭمۇ يۇزىدە داغ بارغۇ؟جانانىمنىڭ يۇزىدە خىياللاردىن ھاسىل بولغان سىزىقلار ئاندا ساندا تۇراتتى،بۇ ئايدەك يۇزنىڭ ئۇستىدە ئۇياقتىن بۇياققا يول تارىتقان سىزىقلارنىڭ قانداق بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىنى پەرەز قىلالايتىم،كۆڭلى شۇنچىلىك سىخىيلىققان تولغان بۇ ھاياتىمنىڭ ئەڭ كۆپ ئويلايدىغىنى مەن ئىدىم ،ئۇ ماڭا شۇنچىلىك ئامراق ئىدىكى ، مىنى ھاياتلىق بىغىدىكى شىرىن مىۋىلەرگە كۇچىنىڭ يىتىشچە ،بار ئاماللارنى قىلىپ توغرا يول بىلەن ئىغىز تەككۇزۇشكە ئۇرۇناتتى، ماڭا بەرگەن مۇھەببىتى ،ئەقىدىسى،مىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن مۇھەببىتىمدىن نەچچە ھەسسە چوڭقۇرئىدى،ئۇنى قەتتئي ئۇنىتالمايمەن جاندىن ئەزىز كۆرۇپ مەڭگۇ سۆيىمەن …
بۇ قىز دوستۇم بولسا ئانامدۇر.
ئىككىنجى قىز دوستۇمدىن مەن يۇز ئۆرۇپ كەتمىسەم، مىنى قەتتىي تاشلاپ كەتمەيدۇ ، ھەتتا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن مىنىڭ يۇزۇمنى يورۇق قىلىدۇ، بۇ قىزدوستۇم باغدىكى تاڭ سۇبىھدە ئىچىلىغان سەبدىدەك خۇشپۇراق ئىدىكى ئۇنىڭ پۇرىقى ئادەمنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلاتتى،يىراق يىراققا پۇرىقىنى چاچاتتى،ئۇ قانچىكى خۇشپۇراق چىچىش،ھەم ئەتىراپىنى گۇلزارلىققا ئايلاندۇرۇش ھەم مىنىڭ ئەتىراپىمغا ئۆزىنىڭ خۇش ھىدى بىلەن كىپىنەكلەرنى يىغىش ئۇچۇن مەن بىلەن تەڭ تىرىشدۇ،بىز ھەرۋاقىت ئۇچ ۋاخ تاماقىنى بىللە يەيمىز، ئۇ مەن قەيەرگە بارسام بىللە ۋايسىماي ماڭىدۇ،مەن نىمىگە ئىشلەتسەم،نىمە قىلىشنى بۇيرىسام قەتئىي قارشى تۇرماي قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ ،گاھىدا مەن شۇ قىز دوستۇمنىڭ يۇزى بىلەن نۇرغۇن كىشلەر ئوتتۇرىسىدا ئالقىشىغا،قارشى ئىلىشقا،ھۆرمەت قىلىشىغا ئىرىشىمەن ……
بۇ قىز دوستۇم بولسا مىنىڭ نام-ئابرويمدۇر.
ئۇچۇنجى قىز دوستۇم بەك قىززىقارلىق ، بەك شوخ ،ئۇ زامانغا بەك تىز ماسلىشالايدۇ مەن ئۇنىڭ بەزى قىلىقلىرىغا ھەيران بولۇپ قالىمەن،بەزى قىلىقلىرىدىن خۇشال بولۇپ ئۇنىڭدىن مەنمۇن بولۇپ قالىمەن،ئۇ ئىنتايىن رەھىمسىز،ۋاپاسىز ،ئەگەر مەن ئىشچان ،قاۋۇل ،ھەرجەھەتتە كامالەتكە يەتكەن بولمىسام،مەن ئۇنىڭ ئالدىدا قۇل خالاس، ئازىراقلا بوشاشتىم مەندىن يۇز ئۆرۇپ كىتىدۇ، ئۇنىڭ شۇنداق سىھرى كۇچى باركى دوسلىرىمنى دۇشمەنگە، دۇشمەنلىرىمنى دوستقا ئايلاندۇرىدۇ ، ھەرگىزمۇ باشقىلاردىن قىلىشمايدۇ، مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇش،ھاياتىمنى تىخمۇ رەڭدار قىلىش ھەم گۇزەل مەنالارنى قوشۇش ئۇچۇن توختىماي تىرىشمىسام ئۇزلىكسىز ئالغا ئىنتىلمىسەم،ئۇنى قەدىرلىمىسەم ،خارلىسام بولمايدۇ، ئۇنداق بولمىغىنىدا ئۇ مىنى ھىجران چۆللىرىدە مۇساپىر قىلىپ قويىدۇ ، ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يامان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلاپ قويىشى مومكىن ئۇ بولسا پۇل-مال دۇنيارىمدۇر……،
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
103 قېتىم كۆرۈلدى | tanhaturna | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-25 14:35:34 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|