ئۆتمۈش
(پوۋسىت) 10 - قىسىم
شۆھرەت كامىل مېھمان
دۇنيا گۈلدۈرمامىلىق يامغۇرغا ئوخشايدۇ ، بىردەملا تاراق-تۇرۇق قىلىپ جىمىيدۇ، ئەمدى باي بولدۇم دېگەندە نامىرات ،ئەمدى قەدىرلىك بولدۇم دېگەندە قەدىرسىز قىلىۋېتىدۇ، نەپىس شۇنداق بالا نەرسىكى ياخشىنى يامان، ياماننى ياخشى كۆرسىتىدىغان، ئۇنىڭغا يول قويساڭ ، تۈگىمەس خارۇزارلىققا مۇپتىلا قىلىدۇ ، ……
مەردان ئەتتىگەن بېلەت ئالماقچى بولۇپ قاتناش بېكىتىگە كەلدى ئەتىنىڭ بېلىتىنى ئېلىپ بېكەت ئالدىدىكى ئاشخانىغا كىرىپ پولو يەۋېلىپ تېلفونغا قارىدى تېخى ئەتتىگەن ئىدى …تاكسى توسۇپ ياتىقىغا قايىتىپ كەلدى ، ياتاقنىڭ ۋاقتى ئەتە توشاتتى، ئولتۇرۇپ تېلۋىزور كۆردى كۆزى قاچانلاردا ئۇيقۇغا كەتكەنلىگىنى ئۆزىمۇ بىلەلمەي قالدى…
ئۆزىنى ناھايىتى ئىسسىق بىژغىرىم ئاپتاپ ئاستىدىكى قۇم بارخانلىرى ئارسىدا كۆردى ، ئەتراپ ھاززىرلا ئوت ئالدىغاندەك ، ئۇ يىراقتىن بىر تۈپ دەرەخنى كۆردى ، سايە ئىزلەپدەرەخكە قاراپ يۈگۈردى ، ئەمدى ئالدىدا بىر تۈپ دەرەخ ئەمەس نۇرغۇن مېۋىلىك دەرەخلەر ، زوق شوق بىلەن سايرىشۋاتقان قۇشلار ،ئۇ كۈلدى ، مانا ئازلا قالدى ، ئەپسوس ئالدىدا ئۆتكىلى بولمايدىغان ناھايىتى چوڭقۇر ئازگال بار ئىدى ، ئازگال ئىچىدە ئوت يالقۇنجايتتى ، ئۇ ئاستا ئوتنىڭ ئىچىگە قارىدى قىيا چىيا ئېچىنىشلىق ۋارقىرغان ئاۋازلا، نۇرغۇن يالىڭاچ ئەر ئاياللار ئوتقا تۇتۇرۇق بولىۋاتاتتى… ئۇ ئالدىغا قارىدى ، ئالدىدىكى باغدا نادىرە تۇراتتى ، ئۇ توۋلىماقچى بولدى توۋلىيالمىدى ، نادىرە ئۇنىڭغا قىيا بېقىپ قويۇپ باغنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى … ئەمدى ئوتنىڭ ئىچىدىن بىر قول ئۇنى ئازگالغا تارتتى ئۇ نىڭغا قارىدى ئالدىدا ھېلقى قاۋاقخانا خوجايىنى بىلەن ھېلقى قىز يالىڭاچ بەدەنلىرىدىن يىرىڭ ئاققان ھالدا ئۇنى ئىچىگە تارتىۋاتاتتى ، مەردان قارشىلىق كۆرسەتتى لېكىن ئۇ ئىككى گەۋدە ئۇنى كۆتۈرۈپلا ئوت ئىچىگە سەكرىدى …
مەردا چۆچۈپ ئويغاندى تېلۋىزوردىن يەنە شۇ بۇغدا دوختۇرخانىسى ، ئەر ئايال پەرزنت كۆرەلمەسلىك شۇ خىلدىكى ئېلانلار ، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ تېلۋىزورنى ئۆچۈردى ، مونچىغا كىرىدى "تاھارەت ئالغايمەن ، غۇسلى قىلغايمەن ، جۇنۇبلۇقتىن پاك بولغايمەن ، " كامىل تاھارەت بىلەن غۇسلى قىلىپ چىقتى ۋە ئۈستەلدىن جاينامازنى ئېلىپ ئىككى رەكەت ناماز ئۆتىدى ، قولىنى دۇئاغا كۆتۈردى ، ئىچ ئىچىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان يىغىنى توختىتالمىدى ، ……
- ئەسسالامۇئەلەيكۇم -تۇرۇپكىدىن نادىرەنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئاللاھ خالىسا ئەتە قايىتىمەن
-ھە ماقۇل كېلىشىڭىزگە پولو ئېتىپ تۇراي
-سىزنى سېغىندىم
-ئەسكى ، خوش ،
-خوش
مەردان تېلفوننى قويدى ، ۋە سىررتقا تاماق يېگىلىى ماڭدى ، تاماق يەپ بولۇپ قەشقەرنىڭ كوچىلرىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىر ئايلىنۋالاي دېگەندەك ،كوچا ئارلاپ تۇيۇقسىز بىر ئايال كىشىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ كەينىگە قارىدى:
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم- ئالدىدا قۇچىقدا بالا كۆتۈرۋالغان بىر ئايال تەبەسسۇم جىلۋە قىلغان ھالدا قاراپ تۇراتتى،
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، ماڭا گەپ قىلدىڭىزما ؟
-شۇنداق سىزگە ، قارىسام ياخشى ئادەمدەك قىلىسىز؟ -مەردان بۇ گەپنى ئاڭلاپ خاپا بولۇشنى يا رەھمەت ئېيتىشنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدى - ماڭا ئازىراق ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن ،
-نېمە ياردەم؟
-مەن خالاغا كىرەي دېگەن قۇچۇقۇمدا بالام بار ئەپسىز تۇرىدۇ ، شۇڭا سىز بالامنى بەش مىنوت تۇتۇپ تۇرالاسزمۇ؟
-ماقۇل ، -مەردان بالىنى ئالدى لېكىن ئۇ ئايال بالىغا بىرھازا قارىۋالغاندىن كېيىن بالىنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ قويدى ، بالىنىڭ يۈزىدە ئايالنىڭ مەڭزىدىن ئېقىپ چۈشكەن ئىككى تامچە ياش يالتىراپ تۇراتتى ، ئايال ھېلى ئۈن سېلپ يىغلىۋېتىدىغاندەك ئاغزىنى ئېتىۋېلىپ ، ھاجەتخانىغا ئىتلىك مېڭىپ كىرىپ كەتتى ،مەردان بۇئىشلاردىن ئازىراق غەلىتىلىك ھېسقىلسىمۇ ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمىدى، بالىنىڭ چىرايىغا قارىدى ، بالا شۇنچىلىك ئوماق ، قوي كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ تۇراتتى ، مەردان بالىغا قاراپ بىر كۆزىنى قىسىپ ،تىلىنى چىقاردى ، بالا كۈلدى،دېمەك بالا ئۇنىڭدىن ياتسىرمىغان ئىدى…
مەردان ھاجەتخانىنىڭ ئالدىدا تۇرغىلى يېرىم سائەتتىن ئاشتى ،لېكىن ئۇ ئايال چىقىدىغاندەك ئەمەس ، كوچا چىراقلىرىرىمۇ ياندى ، ئۇ ئايال تېخىچە يوق ، پۇل يىغقۇچى تەي تەي ئايال ئەمدى ئىشتىن چۈشمەكچى بولسا كېرەك ئىشىكنى تاقاشقا ئۇرۇندى
مەردان ئالدىراش ئۇ تەيتەينىڭ يېنىغا باردى ۋە :
- نىخاۋ مافەن نىلې نى ياۋ شىيابەنما ؟
-ئېن زېنمېلا ؟
-ۋو لاۋپو گاڭ جىڭچۈ خەيمېيي چۇلەي ،
- بۇ كېنېڭ ۋو گاڭ ۋېيشېڭجىيەن داساۋ چۇلەي مېي رېن
-مېييوۋبا ، جې زېنمې كېنېڭ -دېمەك ئۇ ئايال بالىنى مەردانغا تاشلاپ بېرىپ كەتكەنىدى …
460 قېتىم كۆرۈلدى | xohret | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-7 12:27:00 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|