تەقدىر سىمفونىيەسى
( پوۋسىت )
ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئىككىنچى باب : پويىزدىن باشلانغان قەدەم
تۆتىنجى قىسىم
مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ شۇنچە ھاياجانلانغان يۈرۈگۈمنى تۇتۋىلىپ شۈكرى دەپ تىندىم ئىچىمدە . ئالدىمدا بولسا رازىيە يول باشلاپ كېتىپ باراتتى. ئالدى تەرەپتە بولسا يىڭىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار تىزىملىتىۋاتقان بولۇپ ئادەم دىڭىزىغا ئايلانغان ئىدى .
رازىيەنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن تەمتىرمەيلا تىزىملىتىش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرۋالدىم ھەمدە ئۇنىڭغا كۆپ رەھمەتلەرنى ئىيتىپ ، كېيىن ئايرىم رەھمىتىمنى قايتا بىلدۈرىۋالىدىغان بولۇپ تىلفۇن نومۇرىنى سورىۋالدىم . دە يۈك – تاقلىرىمنى كۆتۈرۈپ ياتاق بىناسىغا قاراپ ماڭدىم . ياتىقىم ئىكىنچى قەۋەتتە ئىدى . ياتاققا كېرىپ ئورۇنلىشىپ بولغانلار بىلەن قىزغىن ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن تىخى ئادەم ئورۇنلاشمىغان بىر كارۋاتقا يۈك – تاقلىرىمنى جايلاشتۇردۇم . بۇ جەرياندا ياتاققا مەندىن بۇرۇن كىرگەن ئۈچ نەپەر ياتاقدىشىم بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم . ئۇلارنىڭ بىرى ئەكپەر بولۇپ قەشقەر شەھىرىدىن ئىكەن ئۇ ، يۇمۇلاقراق كەلگەن ، ئۇستىخانلىق ، گەۋرى بالا ، يەنە بىرى كۇچادىن ، ئىسمى ۋەلىي بولۇپ ئۇ سەل ئورۇق ، يۈز شەكلى سەل سوزۇنچاقراق ئىدى . يەنە بىرى بولسا غۇلجىلىق قۇدرەت ، ئۇ سەل پاكاراق كەلگەن ، ئۆزىمۇ سەل ۋىجىك بالا ئىكەن . ئاخىرىدا مەن ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ بولۇپ بىرلىكتە چىقىپ يىڭى مەكتىۋىمىزنى ئايلىنىپ كىرىش تەكلىۋىنى بەردىم ، ئۇلارمۇ خۇشاللىق بىلەن قوشۇلدى . شۇنداق قىلىپ يىڭى تونۇشقان تۆت ياتاقداش يىڭى مەكتەپنى ئايلىنىشقا باشلىدۇ، قەدەمدەمدە بىر ئۇچراپ كىلىۋاتقان بىزگە ئوخشاش يىڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىزگە ئوخشاش بۇ كاتتا بىلىم يۇرتىغا ھەۋەس بىلەن قاراشلىرى ، ئالدىراشلىق ئىلكىدە كىتىپ بارغان كونا ئوقۇغۇچىلار ، ئوقۇتۇش بىنالىرى ..... ئىشقىلىپ مەكتەپنىڭ شۇنچە چوڭ كۆلىمىدىن باشلاپ بىزنى قىززىقتۇرۋاتاتتى . بىز يىڭىدىن كەلگەچكىمقۇ ئىزىپ قىلىپ ياتىقىمىزنى تاپالماسلىقتىن ئەنسىرەپ كۆپ ئايلانمىدۇق . قايتىش يولىدا ئامىۋىي تىلفۇندىن قوشنىمىز مامۇت ئۇستامنىڭ ئۆيىگە تىلفۇن قىلدىم . بىچارە ئانام تۈنۈگۈندىن باشلاپ شۇ قوشنىمىزنىڭ ئۆيىدە مېنىڭ تىلفۇن قىلىشىمنى كۈتۈپ ئەنسىرەپ ئولتۇرغان ئىكەن . ئانام تىلفۇننى ئىلىپلا ئەسەدەپ يىغلاپ كەتتى ، ئانامنىڭ يىغىسىنى ئاڭلاپ شۇنچە كۆڭلۈم يىرىم بولدى . ئانامغا ئەھۋالىمنىڭ ياخشىلىقى ، مەكتەپكە تىنىچ – ئامان ئورۇنلاشۋالغىنىمنى ئىيتىپ ئۇنى خاتىرجەم قىلدىم ، دە دادامنى سورۇدۇم . ئانامنىڭ ئىيتىشىچە دادام ئۆيگە تىلفۇن ئورنىتىش ئۈچۈن ناھىيە بازىرىغا كىرىپ كىتىپتۇدەك . ئەتىلەردىن بىر تىلفۇن قىلىشىمنى ، شۇ ۋاقىتتا نومۇرىنى ئىيتىپ بىرىدىغانلىقىنى ، قوشنىلارنى ئاۋارەقىلىۋەرسەك ياخشى بولمايدىغانلىقى ئىيتتى . مەنمۇ ماقۇلىقىمنى بۈلدۈرۈپ قىمىغان ھالدا تىلفۇننى قويۋەتتىم . يىڭى ياتاقداشلىرىم مېنى ساقلاپ تۇرغان ئىدى . بىز ياتاققا قايتىپ كەلدۇق . قايتىپ كېلىپلا يىڭى ئىككى ياتاقدىشىمىز بىلەن تونۇشتۇق . ئۇلارنىڭ بىر سەل ئىگىزرەك كەلگەن ساقاللىق ئابدۇللا ئىسىملىك بالا ئىدى . يەنە بىرى بولسا ئاقسۇلۇق بىلالىدىن ئىسىملىك بۇرۇتلۇق بىر بالا ئىدى . ئۇلار بىلەن خۇشال ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن ھەمىمىز ئۆز ئىشىمىز بىلەن مەشقۇل بولدۇق . ئارلىقتا غولجىلىق قۇدرەت ئىغىز ئىچىپ :
- دوسلا ھەمىمىز بىر ياتاقتا ياتىدىكەنمىز ، بەزىلىرىمىز بەلكىم بىر يىل ، بەزىلىرىمىز بەش يىل ساۋاقداش بولىشىمىز مۇمكىن ، شۇڭا بۇنىڭكدىن كىيىن چىقىشىپ بۇ يات شەھەردە يىقىن دوسلاردىن بولۇپ ئۆتسەك . دەپ كۆڭۈل سۆزلىرىنى قىلدى . ھەمىمىز قۇۋەتلەپ رازىلىقىمىزنى بىلدۇردۇق . ئارقىدىنلا قۇدرەت سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ :
- مەن كىچىكىمدىن سەل ئەركە كۆنۈپ قالغان ، شۇڭىلاشقىمۇ تاماكا چىكىشتىن ئىبارەت . بىر ناچار خۇيۇم بار شۇنى بىر توغرا چۈشۈنۈپ كەتسەڭلا . دىدى سالماق تەلەپپۇزدا . توۋا ، نىمانداق بالىدۇ بۇ دەپ ئويلىدىم كۆڭلىمدە، مەن ئەزەلدىن شۇنداق چىكەرمەن – ئىچەرمەن بالىلار بىلەن ئالاقە قىلمايتىمىم ، ئالاقە قىلىشنىمۇ ئۆزۈمگە بىر ھاقارەت دەپ بىلەتتىم . شۇنداقتىمۇ ئىغىزىمنىڭ ئۇىدىلا ھە دەپلا قويدۇم . بىز يۇرتىمىز ، ۋە كەسىپ ئىشلىرىمىز تپغرىسىدا پاراڭلاشقاچ ئۇيقۇغا كىتىشتۇق .
بۇ كىچە سەپەر ھادۇقىمۇ ، ئىشقىلىپ شۇنچە قاتىق ئۇخلاپ كېتىپتىمەن . كۆزۈمنى ئىچىپلا قارىسام ياتاققا كۈن چۈشۈپ كىتىپتۇ . مەن ئادەتتە ئۆيدە ۋاقتىمدا تاڭ ئەمدى سۈزۈلۈپ بولىشى بىلەنلا تۇرۇپ كېتەتتىم . بۈگۈن شۇنچە كىيىن قالغانلىقىمدىن بىرخىل خىجىل بولۇپ ئورنىمدىن تۇردۇم ، ئەمما ياتاقتىكى مەندىن باشقا ھەمىسى ئۇخلاۋاتاتتى . مەن يۈز – كۆزلىرىمنى يۇيۇپ بولۇپ ناشتا قىلاي دەپ ئويلىدىم ، تۇيۇقسىز رازىيە ئىسىمگە كىلىپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئىيتىۋىلىش ، مەكتەپنىڭ ئىشلىرىنى بىلىۋىلىش مەقسىتىدە كۆرۈشۈپ بىللە ناشتا قىلىشنى ئويلىدىم دە ، تۈنۈگۈن يىزىۋالغان تىلفۇن نومۇرىنى ئىلىپ ئامىۋىي تىلفۇننىڭ يىنىغا باردىم . بىرىپلا ئىختىيارسىز قوشنىمىزنىڭ تىلفۇن نومۇرىنى بىسۋەتتىم . ھازىر ئەتىگەن بولغاچقا ئۇلارنى ئاۋارە قىلىشنى خالىماي تۇرۇپ قالغان ئىدىم . قايتا رازىيەنىڭ نومۇرىنى باستىم .
_ ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم . ئۇ ھايال بولمايلا تىلفۇننى ئالدى . مەن ئۇنىڭ ياڭراق ئاۋازىنى ئاڭلاپ تىڭىرقاپ تۇرۇپ قاپتىمەن . قارشى تەرەپتىن يەنە ئاۋاز ئاڭلاندى :
_ ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ، قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ .
_ ۋەئەلەيكۇم – ئەسسالام ، ياخشىمۇسىز رازىيە؟
_ رەھمىتۇللا مۇ سىز ؟ قانداق ئەھۋالىڭىز . قىزىق ، ئۇ ئاۋازىمنى ئاڭلاپلا تونىۋالدى دىسە .
_ ياخشى ، بۇگۈن ۋاقتىڭىز بولسا بىللە ناشتا قىلايلى دىگەن .
_ بولىدۇ ، مەن چىنىقۋاتقان ئىدىم تۈنۈگۈن تىزىمغا ئالدۇرغان بىنانىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇڭ مەن ھازىر باراي . دەپلا تىلفۇننى قويۋەتتى .
_ ئۇھ ، مەن ئەمدى تۇرغان ، بۇ قىز چىنىقىۋىتىپتۇ ، ھەقىقەتەن يامانكەن جۇمۇ . دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە . دە ، ئۇنىڭ بىلەن دىيىشكەن جايغا قاراپ ماڭدىم .
ئۇ ئالىقاچان كېلپ بولغان ئىدى . ئۇ بۈگۈن چىرايلىققىنە تەنتەربىيە كىيىمى كىيىۋالغان بولۇپ ئۆزىگە تولىمۇ ياراشقان ئىدى . بىز بىرقۇر الاملاشقاندىن كىيىن مەكتەپ ئاشخانىسىغا قاراپ ماڭدۇق . كېتىۋىتىپ ئۇ مەندىن نەرىلىرىمنى جايلاشتۇرۇپ بولغانلىقىمنى ، ياتاقداشلىرىمنىڭ ئەھۋالىنى ، ئۆيگە تىلفۇن قىلغان ، قىلمىغانلىقىمنى سورىدى . مەن ھەمىگە لايىقىدا جاۋاپ بىرىپ ماڭدىم . راس گەپ قىلسام ئۇنى شۇنچە جانلىق ۋە ئىشلارنى ئەستايىدىل سوراشلىرىدىن بىرخىل ئەيمىنىپ قالغان ئىدىم .
بىز تاماق يىيىشكەچ پاراڭلاشتۇق . ئۆيدىن ئايرىلىپ ياقا يۇرتتا يىگەن تۇنجى تامىقىم خىلىلا تىتىغان ئىدى . بۇ قىتىم ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي ئۇ مىھمان قىلدى ۋە :
_ ئالدىرماڭ يارەي ، سىزگىمۇ بارەي دەپتىكەن ، كىيىنكى قىتىم قىلاسىز ، ھازىر مەكتەپ ئىچىنى بىرقۇر ئايلاندۇرۇپ قوياي . دەپ ئىلىپ ماڭدى . مەنمۇ ئىتائەتمەنلىك بىلەن مىڭىشقا باشلىدىم . ئۇ ماڭغاچ ئۇچۇرغان بىنالارنىڭ ئىسمىنى ، يوللارنىڭ قەيەرگە تۇتىشىدىغانلىقىنى ، مەكتەپ قائىدە – تۈزۈملىرىنى بىرقاتار ئىيتىپ بەردى ۋە بالىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا ئالاھىدە دىقەت قىلىشىم لازىملىقىنى ، ئاسانلىقچە باشقىلارغا ئىشىنىپ كەتسە بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى . مەن ماقۇللۇق بۈلدۈرۈپ ماڭاتتىم ، چۈشەنمىگەن جايلىرىم بولسا ئاندا – ساددا سوراپ قويغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا جىملا ماڭاتتىم ، ئۇ مىنىڭ تارتىنىۋاتقىنىمنى بىلدىمۇ ، بۇ ھەقتە ئارتۇق گەپ قىلمىدى .
بىز خىلى كۆپ جايلارنى ئايلاندۇق ، ئۇ مەكتەپنىڭ ھەممە جايلىرىنى بىلەتتى ، ئۇنىڭ بىلەن ئايلىنىپ خىلى كۆپ جايلارنى بىلىۋالغان ئىدنىم . سائەتكە قاراپ توقۇز بوپ كەتكىننى بىلدىم دە رازىيەگە سىنىپقا چىقىدىغىنمنى ئىيتىپ ئۆزرە سورۇدۇم . ئۇمۇ قوشۇلدى ۋە :
- كەچلىك تاماقنى بىللە يەيلى ، يەنە ھىلىقى تىزىمغا ئالدۇرغان بىنانىڭ ئالدىدا كۆتەشەيلى دەپ مىنى يەنە تاماققا تەكلىپ قىلغان بولدى . مەنمۇ بۇ قىتىم رەھمەت ئىيتىۋالاي دىگەنى ئويلاپ ماقۇللۇق بۈلدۈردۈم .
ئىكىمىز خوشلۇشۇپ ياتتاققا قايتىپ كىردىم ، ياتاقداشلىرىم تۇرۇپ ئۆز ئىشلىرىنى قىلۋاتقان ئىكەن ئۇلاربىلەن بىرقۇر سالاملاشقاندىن كىيىن بىرلىكتە سىنىپقا چىقىپ ئالىي مەكرەپ ھاياتىمىزدىكى بىر سائەتلىك سىنىپ يىغىنىغا قاتناشتۇق . سىنىپ مۇدىرىمىز ياشقا چوڭ بىر خەنغۇ مۇئەللىم بولۇپ ، ناھايىتى مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىدەك كۆرىنەتتى . ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنى تونۇشتۇردى ۋە ، مەكتەپ قائىدىلىرىنى سۆزلەپ خىلى گەپلەرنى قىلدى . ئۇنىڭ خىلى گەپلىرىنى چۈشەنگەن بولساممۇ لېكىن بەزىلىرىنى چۈشەنمىگەن ئىدىم . شۇنداقتىمۇ يامىداپ يۈرۈپ ئاساسىي مەزمۇنىنى چۈشۈنىۋالدىم . ئاخىرىدا ئۇ ئەتە ھەربىي مەشىق باشلىنىدىغانلىقى شۇڭا بۈگۈن قايتىپ ئەتىكى ھەربىي مەشىققە ياخشى تەيارلىق قىلىش لازىملىقى ئۇقتۇردى ۋە ئەتە ئەتىگەن شىنجاڭ ۋاقتى يەتتىدە مەكتەپ مەيدانىغا تىزىلىپ بولۇشنى ئۇقتۇردى .
مانا شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىز باشلاندى ...
114 قېتىم كۆرۈلدى | AHTAR | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-1 16:41:26 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|