مىكرو ھىكايە
« پۇلنىڭ سۆھبىتى »
ئاپتۇرى :سىراجىدىن جەۋلانى
ھارام دۇنيا كۆزلەپ بەزىلەر ،
ئاقنى ساتار پۇلنى دەپ .
ھالال ئشلەپ دىھقانمۇ ،
كەتمەن چاپار پۇلنى دەپ .
مىنىڭ ئىتىم پۇل ، مىنى ھەممە ئادەم تونۇيدۇ ، زامان تەرەققىي قىلىپ مىنى ھەتتا بۆشۈكتىكى بوۋاقلارمۇ تونۇيدىغان بولۇپ كىتىپتۇ .
ۋاھ ……
دەپ خىيال سۈرۈپ كەتتى پۇل ، شۆھرىتىم ھەممىگە تارالغان ، قولدىن قوللارغا ئۆتۈپ بايلارنىڭ يانچۇقىدا ئويناپ يۈرۈيمەن ، ئوينۇشۇم چوڭ - چوڭ رىستۇران قاۋاقخانىلاردا ،دەپ مەيدىسىنى كىرىپ ئاچچىق كۈلۈپ قويدى پۇل .
ئۇنۇڭغا يەنە بىر پۇلمۇ قىتىلىپ سۆزلەشكە باشلىدى .
بۇرادەر ئادەملەر تولىمۇ رەھىمسىز بولۇپ كىتىپتۇ دىدى ئۇ ، يەنە بىر پۇلغا قاراپ .
تۈنۈگۈن بىر باينىڭ يانچۇقىدا رىستۇرانغا بىللە بارغان ئىدىم ، دىدى ئۇ سۆز باشلاپ .
رىستۇراندا ئولتۇرۇپ «رستۇرانمۇ- رستۇران چاپتۇرغانمۇ پۇل» دەپ ناخشا توۋلاپ يۈرۈيدۇ ، بەك ئاچچىقىم كەلدى . توغرا دەپ ئۇنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلىدى يەنە بىر پۇل ، ئادەملەر بىزنى يامان دەپ ناخشا توۋلاپ قويۇپ ،ئۆزىنى ياخشىچاق كۆرسىتىپ ، بىزنى توختىماي يامان يوللارغا سەرپ قىلىۋاتىدۇ ، دىدى ئاچچىقلانغان ھالدا .ئادەملەر ئەقىللىق ئىنسان ، تەپەككۇر قىلالايدۇ ، لىكىن بىزچۇ ؟ دىدى ئۇ ، ئادەملەرنىڭ يانچۇقىدىكى بىر قەغەزدىنلا ئىبارەت خالاس ، پەقەت بىزنىڭ پۇل دەپ ئاتىلىدىغان ئۇلۇغ ئىتىمىز بولغاچقىلا ئەتىۋارلىق ، ئادەملەر ئەقىللىق ئىنسان تۇرۇپ ، نىمە ئۈچۈن بىزنى ياخشىلىققا ئەمەس يامانلىققا سەرپ قىلىدۇ ، يەنە تىخى بۇ يامانلىقلارنى بىزگە ئارتىپ قويۇپ ، ئۆزلىرى ياخشىچاق بولۇۋالغىنى نىمىسى؟ دىدى ئۇ ئاچچىقلانغان ھالدا . توغرا دىدى يەنە بىر پۇلمۇ ، بىزنى ياخشىلىققا ئشلەتمەي يامانلىققا ئشلىتىدىغانلار كۆپىيىۋاتامدىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە ، لىكىن بىز پۇللارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى مۇھىم رولىمىزنى ئىنكار قىلىشقا ئەسلا بولمايدۇ . مېنىڭچە ، كۆپىنچە خۇشاللىقنىڭ بىز پۇللار بىلەن مۇناسىۋىتى ئانچە چوڭ ئەمەس دەپ ئويلايمەن ، ئەمما كۆپىنچە خاپىلىق بىز پۇللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
ئۇلار شۇنداق پاراڭلار بىلەن چوڭ كوچىغا چىقىشتى ، شۇئان بىر قىزچاقنىڭ پارىڭى ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى ، ئاداش دىدى ئۇ قىز يىنىدىكى دوستىغا قاراپ ، ئالدىنقى ئايدا يىگىرمە يۈەنلىك تور ئالسام بىر ئاي يەتمىدى ، بۇ ئايدا ئەللىك يۈەنلىك تور سىتىۋالاي ئادەم ئۆيدە يالغۇز ۋاقىتلىرىدا زىرىكىپ ئۈندىدار ئوينىمىسا نىمىش قىلىدۇ، بۇ ئايدا جىقراق تور ئىلىۋالاي دەيمەن . بۇ پاراڭنى ئاڭلىغان پۇللارنىڭ غەزەپتىن چىشلىرى غۇچۇرلاپ كەتتى ، ھەي ئىسىت…! دىدى بىر پۇل سۆز ئىلىپ ، ئۆيدە بىكار زىرىكىپ ئۈندىدار ئوينىغىچە ئەللىك يۈەنگە ياخشى كىتاپتىن بىر پارچە سىتىۋالغان بولسا ھە …
كاشكى كىتاپتىن بىرەر بىلىمگە ئىگە بولغان بولاتتى ، ۋاقىتمۇ ئۈندىدار ئويناپ بىكار ئسراپ بولمايتتى . توغرا دەپ سۆز قوشتى يەنە بىر پۇلمۇ ، بىز پۇللار ئۈچۈن جىنىدىن كىچىدىغان ئىنسانلارمۇ ئاز ئەمەس، لىكىن ياخشىلىبققا ئشلىتىدىغانلار ئاز ، مەلۇم مەنىدىن ئىيتقاندا بىز پۇللار بىر يالغان نەرسە ، بۈگۈن بىرىنىڭ قولىدا بولساق ، ئەتە يەنە بىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كىتىۋىرىمىز ، گەپ بىزنى قانداق خەجلەشكە باغلىق ، بىزنى ياخشىلىققا ئشلىتىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس، دىدى يەنە بىر پۇل ، ئىنسانلار بىزنى گۆرگە ئىلىپ كەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، پەقەت ئسسىق جانلا ھەقىقىي نەرسە ، « جان بولسا جاھان ، ئاش بولسا قازان » ئىنسانلار بۇنى بىزدىن ياخشى بىلىدۇ، شۇڭا ئىنسانلار بىز پۇللارنىمۇ تىپىش كىرەك تاپقاندىمۇ ھالال يول بىلەن تىپىش لازىم .لىكىن ، پۇلنى يولىدا خەجلەش ، خەيىر - ساخاۋەت ئىشلىرىدا قولى ئوچۇق بولۇش ، بىز پۇللارنى دەپ جىنىدىن كىچىدىغان ئشلارنى قىلماسلىق ، توغرا دىدى بارچە پۇللار ئۇ پۇلنىڭ سۆزىنى قۇۋەتلەپ ، ياخشى گەپ بولدى ، يەنە پۇلنى دەپ ھالال -ھارامنى ئايرىمايدىغان ، قانۇنسىزلىق قىلىدىغان ، باشقىلارنى قاقتى -سوقتى قىلىدىغان ئشلارنى قىلماسلىق كېرەك ،
توغرا ……توغرا !!!
پۇللارنىڭ ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى ، مانا بۇ پۇللارنىڭ ئارزۇسى ئېدى …
2017 -يىل 5 -ئاينىڭ 16-كۈنى گۇما
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
238 قېتىم كۆرۈلدى | سىراجىدىن جەۋلانى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-21 17:19:10 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|