ئۈنسىز تەربىيەنىڭ ئۈنۈمدارلىقى
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلار قەلبىدە قالتۇرغان تەسىرى تۈرتكىلىك بولىدۇ.
ئاتا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن،ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ ئىللىق ماكاننى قوغداشنى،مېھىر-مۇھەببىتىنى ئاىلىدىكى ھەر-بىرئەزاغا سىڭدۈرۈپ،ۋۇجۇدىدىن بېغىشلاپ،ئايالىنىڭ قوللىشى ۋە ئورتاق تېرىشىشى ئاساسىدا،قولنى-قولغا تۇتۇپ،ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن،بالىلارغا ئۆلگە بولۇپ،ئۇلاردا كىچېگىدىن باشلاپ،ئائىلە،جەمىىيەت ۋە ئۆزىنى سۆيۈشنى، باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىش ئېڭىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .
ئاتا-ئانىلار،ئۆزلىرىنىڭ ئېسىل ئەخلاقى پەزىلەتلىرى،غورۇرى، سەمىمىيلىكى،راستچىلىقى،مۇستەقىللىقى،قانائەتچانلىقى، ئەپۇچانلىقى بىلەن،پەرزەنتلەرنىڭ دىلىنى يورۇتۇشقا، ئادىمىيلىكىنى يىتىلدۈرۈشكە،ئىجابى تەسىر قىلىشقا ھۇششار بولۇش كېرەك.ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن،بالىلارنىڭ روھىتىنى يورۇتۇپ، ئۇلاردا،ئار-نۇمۇس،ئاددى-ساددىلىق،شۈكۈر قانائەت،ئەقىدىلىك،دىيانەتلىك،قەددىنى رۇستلاش،ئۆزىگە تايىنىش قاتارلىق زۆرۈر بولغان ساپا،ئاڭ-قاراشلار،ئادەت قاتارلىق ئەقىدىللىرىنى يىتىلدۈرۈش ۋە سىڭدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كىرەك.
ئاتا-ئانا ئۆزلىرىنىڭ شەرمى ھاياسى بىلەن،بالىلارغا ئۆلگە بولۇپ،ئىپپەت-نۇمۇس،غورۇر-ۋىجدان، ئىجتىمائىي ئاممىۋى ئەخلاق،كىشلىك مۇناسىۋەت،مىننەتدارلىق تۇيغۇسى قاتارلىق مۇھىم ساپالارنى ئۆگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
ئەقىدە ئىچىدە بېرىلگەن،مېھرى-مۇھەببەتنىڭ تەربىيەۋى كۈچى تەڭداشسىزدۇر.
ئاتا-ئانىلارنىڭ،چوڭلارنىڭ،ئۇستازلارنىڭ ھەر بىر ھەركىتى بالىلارغا ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۈنسىز تەربىيە بولۇپ،ئۈنۈمدارلىغى ئىنتايىن يۇقۇرى،شۇڭا ھەممەيلەن ئۆزىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش، گەپ-سۆزلىرىمىزگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.
168 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-3 0:44:01 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|