ئۆتمۈش
(پوۋسىت) 7 - قىسىم
شۆھرەت كامىل مېھمان
مەردان ئاكا بۈگۈن ساقال بۇرتىنى پاكىز ئېلىپ تېخى ئاخشاملا قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىن ئەكەلگەن كاستىيومنى كەيدى ، گالاستۇكنى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئىلگىركىدەك تۈز چېگەلمىدى ، ئالدىنقى قېتىم يېشىۋەتكىنىگە پۇشايمان قىلىپ شۇپېتىلا چېگىۋېلىپ شەھەر سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرگە تونۇش بولغان مۇھەببەت كۆۋرىكىگە قاراپ ماڭدى ، ماشىننى يول ياقىسىغا توختىتىپ قويۇپ كۆۋرۈككە چىقتى ھېچكىم يوق ، ئۇ كىمنىدۇر بىرسىنى ساقلاۋاتقان بولسا كېرەك سائىتىگە قاراپ قويۇپ كۆۋرۈك رىشاتكىسىغا يۆلىنىپ دەريادا ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇغاقاراپ ئۆزىمۇ بىلمەي يىراق ئۆتمۈشتىكى دۇنياسىغا كېلىپ قالدى …
مەردان نادىرەنى ماشىندىن كۆتۈرۈپ چاقلىق ھارۋىغا ئالدى ،ئۇنى ئىتىرىپ كۆۋرۈك ئۈستىگە ئەپ چىقتى ،
-مەردان ، سىز مەن بىلەن توي قىلغىنىڭىزغا پۇشايمان قىلامسىز؟
-ياق ، سىزگە ئېرىشكىنىم مېنىڭ بەختىم ،
- مەردان ئەمدى دوختۇرغا بارمايمەن ،دوختۇرمۇ ئېيتتى، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاللىبۇرۇن تارقاپ كەتكەنلىگىنى يىلىك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيسى قىلسىمۇ ئۈمىدنىڭ چوڭ ئەمەسلىگىنى ئېيتتىغۇ ،ئەمدى بامايمەن
-ياق ، چوققۇم بارىسىز سىزنى چوققۇم ساقايتىمەن ، پۈتكۈل مال بىساتىمنى سېتىپ بولسىمۇ سىزنى داۋالىتىمەن
-پايدىسى يوق ، مېنى بۇنداق قىينىماڭ، قاراڭ ھاززىر بۇ بىلەكلىرىمنىڭ ساق يېرى قالدىمۇ ،…بىلىمەن سىز مەن ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا رازى ،مېنى ئۆزىڭىزگە بۇنچىلىك قەرىز قىلىۋەتمەڭ ،ئۇدۇنياغا بۇنداق جېق قەرىزلەر بىلەن ماڭالمايمەن ، مېنىڭ تاللىشىمغا ھۆرمەت قىلىڭ ، ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى ئىككى كۈنىنى بولسىمۇ سىز بىلەن ئۆيدە ئۆتكۈزەي…
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم-تونۇش شۇنچىلىك يېقىملىق بىر ئاۋاز ئۇنى ئۆتمۈشتىن قايىتىپ كېلىشىگە سەۋەپ بولدى كەينىگە قارىدى ئەقىدە ئۇنىڭغا كۈلۈپ قاراپ تۇراتتى
-ۋەئەلەيكۇمئەسسالام
-بىر ئىش بولدىىما كۆزىڭىز ياش يۇقى تۇرىدۇ ،
-بايام كۆزۈمگە پاشا كىرىپ كەتكەن شۇ
ئەقىدە ئۆزىنى باسالماي كۈلۈپ كەتتى:
- تېخى دەرەخلەرمۇ بىخ چىقارمىسا نەدىكى پاشىلادۇ سىزنى بىسەرەمجان قىلغان…
-ئە بۇ …-شۇ چاغدىلا مەردان ئاكا خاتا گەپ قىلىپ قويغانلىقىنى ھېسقىلىپ يەتتى.
بىر ئىنساننى ھەرقانچە سۆيسەڭمۇ ،تەغدىر سېنى ئۇنىڭسىز ياشاشقا مەجبور قىلىدۇ ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە قەلىب دۇنيايىڭغا باشقا بىر سىما سىڭىپ ئالدىنقى سۆيگۈڭنى بارا بارا ئۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى سېزىسىز …
ھەي! كۆۋرۈك ،سەن مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئاشىق ھېكايىلىرىنىڭ گۇۋاھ چىسىسەن، قارا ئىلگىرى بىر جۈپ ئاشىق مەشۇق سېنىڭ ئۈستۈڭدە بىر بىرىگە تاتلىق شىۋىرلاشقان مۇھاببەت باغلىغان ، كېيىن شۇ يىگىت ۋە چاقلىق ھارۋىدىكى شۇ قىزنىڭ تەسىرلىك چىن پاك سۆيگۈسى بىلەن ھۆسنۈڭگە ھۆسۈن قوشقان ،مەشۇقى تاشلاپ قويۇپ ئۇدۇنياغا سەپەر قىلغان ئاشىقنىڭ كۈندە كەچتە سېنىڭ ئۈستۈڭدە ئايغا قاراپ پىچىرلاشلىرى ھېچ كىمگە كۆرسەتمىگەن كۆز ياشلىرى بىلەن سېنى مۇڭلاندۇرغان ئاشۇ كۈن-تۈنلەرنىڭ گۇۋاھچىسىسەن.
بۈگۈن ئوخشاشلا ئۈستىڭدە ئاشۇ ئاشىق يىگىت تۇرماقتا لېكىن يېنىدىكى سىما ساڭا ناتونۇش ، …
-ئەقىدە ،- مەردان ئاكا ئۇ نازنىنىڭ چىرايىغا قاراپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ، -سىزنى بۇيەرگە چاقىرىپ كېلىشىمنىڭ مەخسىتىنى بىلەمسىز ؟
- ياق ،
- بۇيەر دەل مەن ئەرافاتنىڭ ئاپىسىغا تەلەپ قويغان ،ئىككىمىزنىڭ مۇھاببەت ھاياتىمىزنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ، ھەم گۈزەل ئەسلىمىلىرىمنىڭ شاھىدى ، …
ئەقىدە بېششىنى يەردىن كۆتەرمەستىن جىمجىت تۇراتتى ، خۇددى بېششىنى كۆتۈرسە مەردان ئاكا بىر قاراپلا ئۇنىڭ ئۆزىگە ئاشىق ئىكەنلىگىنى بىلىۋېشىدىن ئەنسىرگەندەك لام-جىم دېمەستىن پۇتىنى يەرگە سۈركەپ تۇراتتى ، …ھەي ئۇيغۇر قىزلىرى مانا بۇ سىلەردىكى ئىتائەتچانلىق ھايانىڭ ئىپادىلىنىشى مۇشۇ ۋاقتىڭلادا قانچىلىك گۈزەل بولۇپ كېتىدىغانلىقىڭلانى ئاشۇ سىلەرگە يۈزتۇرانە تۇرۇپ مۇھاببەت ئىزھار قىلىۋاتقان ئۇيغۇر يىگىتىلا ھېس قىلالايدۇ،
-سىزگە بىر ئەرافاتنىڭ ئاپىسى ،مەن ۋە بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەرلا بىلدىغان مەخپىيەتلىكنى ئېيتىپ بېرەي ، مەن توي قىلماستىلا ، نادىرە بىر قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقۇپ مېيىپ بولۇپ قالغان دوختۇرلار ئۇنىڭ پەرزەنت يۈزى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ئېتقان
- نېمە -ئەقىدە ئۆزىمۇ بىلەلمەستىن ئاغزىدىن چىقىپ كەتتى ، ،-ئۇنداقتا ئەرافات…
-شۇنداق ئۇ ئۆز ئوغلىمىز ئەمەس ……
467 قېتىم كۆرۈلدى | xohret | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-30 15:17:27 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|