گۇناھكار قەلىب
(پوۋىسىت) 17- قىسىم
ئۇلار مەسلىھەتلەشتى ، مەكتەپ مۇدىرنى ئىزدىگەن بولسىمۇ ، بىراق ئىشلار ئەپلەشمىگەچكە ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى ئىزدىدى . ئۇلار ئۈچ كۈن ئەتراپىدا يول مېڭىپ ئاران دېگەندە مەكتەپ قوينىغا قايتىپ كېلىشكە ئىشىك ئېچىلدى ، بىراق مەكتەپ مۇدىرى بۇ تۆتەيلەننى تۆت سىنىپقا بۆلىۋەتتى . ئۇلار شۇ كۈندىن باشلاپ بىر بىرىدىن ئايرىلىپ كەتتى . ئۇلارنىڭ كۆرۈشۈشى كۈندە چۈشتە ھېلىقى تاش ئۇرۇندۇقتا ئۇچىرشىپ قالاتتى . كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋاتاتتى ، پەرھات زۆھرە بىلەن بىر سىنىپقا كىرىپ قالغان ئىدى . پەرھات كۈندە دېگۈدەك زۆھرەنىڭ ئىزىدا ئىدى . پەرھاتنىڭ مەقسىدى زۆھرەنى ئىندەككە چۈشۈرۈپ ، ئەركىننىڭ ئۆزىگە خائىنلىق قىلىپ ، ئۆزىدىن يۈز ئۆرۈشىنىڭ ئۆچىنى ئالماقچى بولدى . ئۇنىڭ رەزىل مەقسىدى ئەمەلگە ئاشارمۇ؟
زۆھرە قورقوپ قالدى ، پەرھاتنىڭ دەرىس ۋاقتىدىمۇ ، زۆھرەدىن كۆزىنى ئۈزەلمەي ئولتۇرۇشلىرنى سېزىپ قالدى . پەرھات بەش مىنۇتلۇق ئاراملاردىمۇ زۆھرەنىڭ كەينىدىن سايىدەك ئەگىشىپ يۈرەتتى . زۆھرە ئۆزىدىكى بۇ قورقۇنىچنى ھېچكىمگە ئېيتالمىدى .
ئاخىرى زۆھرە بۇ ئىشلارغا چىداپ تۇرالماي ، پەرھاتتىن سورىدى .
-سەن نېمە قىلماقچى ؟
-ھېچنېمە ، پەقەت سېنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم شۇ .
- مەن ساڭا ئۆچ ، بۇنداق كەينىمگە كىرىۋالما ؟
- ئۇنداق دېمە ، مېنىڭ ئەركىندىن قېلىشقۇچىلىقىم يوق جۇمۇ.
- سەنچۇ قارا مېنىڭ نەزىرىمدە ئەركىننىڭ ئېلىۋاتقان تىرنىقىغىمۇ تەڭ ئەمەس ، ساڭا ھەممىمىز ئۆچ ، سەن بىر يىرگىنىشلىك مەخلۇق .
- ھۇ پاسكىنا ئاغزىڭنى يۇم .
پەرھات شۇنداق دېدى دە زۆھرەنى بىر شاپلاق ئۇردى . زۆھرە پەرھاتنىڭ يۈزىگە تۈكۈرگەن ئىدى پەرھات يەنە بىر نەچچىنى ئۇرۋەتتى . ئەركىن دەل شۇ پەيىتتە بۇ ئىشنى كۆرۈپ قېلىپ يۈگۈرەپ كېلىپ پەرھاتقا ئېسىلدى .
-نېمخشقا زۆھرەنى ئۇرىسەن ؟
-كارىڭ نېمە يوقال .
پەرھات ئەركىننى ئىتتىرۋەتتى . زۆھرە يىغلاپ تۇرۇپ :
-ئەركىن ئۇ مېنى ھاقارەتلىدى ، ئۇنىڭغا بەك ئۆچ بۇلۇپ كەتتىم ، ئۇنى ئۇرۇڭ ئەركىن ، قاراڭە ئۇ مېنى ئۇردى ، ئوغۇل بالا تۇرۇپ مەندەك بىر ئاجىز قىزغا قول كۆتۈردى ، ئۇ ئادەم ئەمەس ھايۋانكەن .
ئەركىن غەزەپكە كېلىپ ئۇنى ئۇرۇش ئۈچۈن قول كۆتۈردى . دەل شۇ پەيىتتە كۈچلۈك بىر قول ئەركىننىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى ، ئۇ قول پەرھاتنىڭ قول چوماقچىلىرنىڭ قولى بۇلۇپ ئەركىننى تۇتۇۋالدى . پەرھات ئەركىنگە قاتتىق ۋارقىردى .
- سەن بەك نوچىغۇ ، كېلىپ مېنى ئۇرمامسەن ؟ مېنى ئۇرە ؟ ھۇ ھاراملىق ئۇرۇشنىڭ قانداقلىقىنى ساڭا مەن كۆرسىتىپ قوياي .
پەرھات شۇنداق دەپ ئەركىننى بىر مۇش ئۇردى ، ئەركىننىڭ كاللىسىغا پەرھاتنىڭ ھېلىقى قاۋاقتا تاھىرنى ئۇرغىنى ئېسىگە كەلدى. ئەركىننىڭ كۆزلىرىدىن ياش تامچىلىدى ، ئاغرىق دەستىدىن ئاغىرۋاتامدۇ ياكىتاھىرغا قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلدىمۇ بىلگىلى بولمايتى .
ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز نەزەرڭىز داۋامىدا بولسۇن
ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
292 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-26 1:03:25 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|