ئاشىقلىق - ئۇ داۋاسىز بولغان بىر كېسەل
ـــــــــــــ ئاپتۇرى: ئەفىف
ئاشىقلىق نېمىدۇر؟ ـــ ئۇ داۋاسىز بولغان بىر كېسەل.
ئاشىقلىق نېمىدۇر؟ ـــ قەلىبنىڭ باغلىنىشىغا سەۋەب بولغان بىر مېھىر.
ئاشىقلىق نېمىدۇر؟ ـــ كېچىلىرى ئۇيقۇسىز بىدار بولۇپ ئىششىقنىڭ ھۇزۇرىدا ئىتائەت بىلەن تۇرماقتۇر.
ئاشىقلىق نېمىدۇر؟ ـــ ئېغىزلىرىدا ئاشىقنىڭ سۆزىنى ئەسلەش ۋە قوللىرىدا ئۇنىڭ ھەدىيەسىنى تۇتۇپ كۆزلىرىگە ھەم قەلبىگە ھەمراھ قىلماقتۇر.
ئاشىقلىق نېمىدۇر؟ ـــ كۆڭۈل كارۋىنىنى سەبىر ھەم ئىتائەت جىلغىسىدىن ئۆتكۈزۈپ ئەخلاق ھەم ھايا قۇملۇقىدا توختىتىپ شۈكۈر ھەم ئىلىم يايلىقىغا ئۈزلۈكسىز ماڭدۇرماقتۇر.
ئاشىقلىق نېمىدۇر؟ ـــ مىسكىن ھەم يالغۇز دەقىقىلەردە ئىششىق ئۈچۈن خىلۋەتتە ئۈن-تىنسىز ياش تۆكمەكتۇر.
ئاشىقلىق نېمىدۇر؟ ـــ قەلىبنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئىششىقنىڭ ئىسمىنى توختىماي تەكرار قىلماقتۇر.
ئاشىقلىق نېمىدۇر؟ ـــ كېچىلىرى تۇيۇقسىز ئويغىنىپ كۆزلىرىگە ئۇيقۇ كەلمەستىن ئىششىقنى ئەسلەش بىلەن تاڭ ئاتقۇزماقتۇر.
ئاشىقلىق ئەنە شۇ ئاشىقنى بەرگۈچى ئۈچۈن بېرىلگەن پاك ھەم ساپ مۇھەببەتتۇر.
ئاشىقلىق-كەلگۈسى ھالال جۈفتى ئۈچۈن قەلبىدە چوڭقۇر ساقلانغان سەدەف ئىچىدىكى گۆھەر كەبى قىممەتلىك ھەدىيەدۇر...............................
138 قېتىم كۆرۈلدى | afifamiskin | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-15 10:10:02 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|