شائىر باشلىقىم
(ھېكايە)
ئابلىز ئوبۇل فونتان
-يېزۋاتقىنىڭ نېمە ئۇ؟-شېئر. سەن شېئر يازالامسەن؟-يازىمەن. مانا
مېنىڭ شېئرىم ئىلان قىلىنغان گېزىت، پونكىت باشلىقى گېزىتنى ئەستايدىللىق بىلەن كۆرگەندىن كېيىن. مۇنداقمۇ ھۆنىرىڭ باركەن دېگەندەك
ماڭا قاراپ قويدى. ۋەبىرنەرسىلەرنى يېزىپ ماڭا سۇندى. يازغىنى گەرچە شېئر دىيىشكە بولمىسىمۇ مۇنداق يېزىلغان ئىدى.
شەپكە كەيدىم شەپكىدەك،
پولو ئەتكەن كەپكىدەك .
ھېچكىم مەندەك يازالماس،
خۇددى پۇرجۇن تەپكىدەك.
مەن قىززىقسىنىپ ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن،ۋاھ..ۋاھ -ئەسلى شائىر سلىكەنلا ئەمەسمۇ؟دەپ قويدۇم پونكىت باشلىقىنى چاندۇرماي يالغان ماختاپ، ئىشخاندىكىلەر پونكىت باشلىقىنى تەبرىكلەپ بىرلىكتە قىزغىن چاۋاك چالدۇق. ئىشخاندىكىلەر باشلىق ئىككىمىزگە ھەۋەس بىلەن قاراپ قۇيۇشتى، شۇنداق قىلىپ باشلىقنىڭ كۆزىگە ئىسسق كۆرۈنۈپ قېلىپ توي تۆكۈن نەزىرەلارغابارساق باشلىقنىڭ يېندا ئولتۇرۇپ تاماق يەيمەن ماشىنىسقاچىقسام ئالدى ئورۇندا ئولتۇرىمەن. باشلىقىم بولمىساۋاكالتەن ئىش بىجىرىمەن، ئودا ئۈچ يىل ئىلغارخىزمەتچى بولۇپ باھالاندىم .بىرقېتىم باشلىقىمنىڭ نامىداشېئرئەۋەتكەن ئىدىم ئىلان قىلىنىپ باشلىقم تىرىسكەپاتماي قالدى.
گەرچە قەلەم ھەققى 30 كوي پىرۋۇت چېكى بولسىمۇ 300 كوي دەپ ئىشچى خىزمەتچىلەرگە ئۇختۇردۇق. باشلىقىم نامىدا ئىلان قىلىنغان شېئرنى داغ دۇغا بىلەن تەبرىكلىدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە گېزىتخانا ئىختىسادى ئىشلار بۆلۈمى باشلىقىمنى داۋاملىق ئەسەر بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشنى ئەسكەرىتكەن بولغاچ باشلىقىم پو ئېتىپ «مەن ئالى مەكتەپتەۋاختىدا ،ۋىلايەتتىكى ساۋاقداشلىرىم قەلەمدە ماڭا قول قۇياتتى، قىز ساۋاقداشلىرىمغۇ قولۇمغا سۆيەتتى» دەيتتى، خىزمەتلەرى شۇنداق ياخشى ئىشلىنىپ كېتىپ باراتتى، مەن تىرىشىپ، تىرمىشىپ ((ساھىپجامال)) نامىلىق شېئرلار توپلىمىنى نەشرقىلدۇردۇم. كىتاپنى كۈتۈرۇپ باشلىقىم ئىشخانىسىغا كىرسەم تەبرىكلەش ئۇياقتا تۇرسۇن سېمىزگۆشلۈك يۈزى سارغىيىپ تۇرۇپ، -ۋاي قۇڭالتاق مەن تۇرغان يەردە ساڭا نەدىكەن ئۇ، كىتاپ چىقىرىش؟ باشقا ئىدارە ئورگاندىكى باشلىقلارمۇ مېنى باشلىق شائىردەپ ئاتايدىغان تۇرسا؟-ماڭەسەن بېرىپ قۇمباش كەنتىدە كىتاپ چىقىرىمەن دېمەي ياخشى ئىشلە؟ دەپ بىر پارچە ئۇختۇرۇشنى تۇتقازدى، بۇ ئەڭ چەت شارائىتى ناچار كەنىت ئىدى. بۇ كەنىتتە ئىشلەۋاتىمەن.
قايتا شېئرمۇ يازمىدىم، قارىغاندا شائىر باشلىقىمنىڭ ئىچى تار كۆرەلمەس ئوخشايدۇ. چۈنكى مېنى بۇرۇنقىدەك قوللىمايدىغان بولدى
ئاپتۇر:سانجى داشىچۈبازىرىدا
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
205 قېتىم كۆرۈلدى | ئابلىزئوبۇل فونتان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-30 16:34:36 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|