بۇزۇق سائەت (ھىكايە)
مەرھابا
دەرىستىن چۈشۈش قوڭغۇرقى چېلىندى ،
ئوقۇغۇچىلار ئويۇن -چاقچاقلار ئارا مەكتەپتىن ئۆيلىرىگە قاراپ يول ئېلشقان ئىدى . ئەڭ كەينىدە بىر توپ بالىلار مەكتەپ دەرۋازىسىدىن بىرەيلەننى مازاق قىلغان ھالدا چىقىشتى ،
،،،،، سەت پىنگىۋىن ، كۆرۈمسىز ئۆردەك ، پاناق مايمۇن ،،، ھۇ ھا ھا ،،، كالامپايلىقىنى قىز بالىغا بولغىنىغا قارىماي ،،،، ،
ئۇچەيلىرى ئۈزۈلگىدەك كۈلۈشۈپ كىتەتتى ، كۈندە ئوخشاش مۇشۇ نداق ئۇلارنىڭ مازاق قىلىش ئوبىكتى بولغان ، يۇۋاش ھەم كالامپاي مەن ئىدى ،،،،،
ئىسمىم مەرھابا ، بۇيىل 18ياش ، توللۇقسىز 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ، مەن ساۋاقداشلىرىمغا تولىمۇ ئامراق ، ئەمما ئۇلار ماڭا تولىمۇ ئۆچ. بۇنىڭ سەۋەبى مەن دەرىستە ياخشى ئەمما قىياپەتتە ھەقىقەتەن ناچار ، مىنىڭ بېشىم ساۋاقداشلىرىمنىڭكىگە قارىغاندا بىر قەدەر چوڭ ، نىمە ئۈچۈنلىكىنى ئاپامدىن سورىسام، - بالام سىز تۇغۇلغان ۋاقتىڭىزدا تاراڭ -تۇرۇڭ ئاۋازلارنى كۆپ ئاڭلاپ كەتكەچكە چۆگەي بوپ قالغان شۇڭا بېشىڭىز يوغان ، مەكتەپكىمۇ كىيىن بەرگەن - دەيدۇ ، كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ - نىمە تاراڭ -تۇرۇڭ ئاۋازلار ئىدى ئۇ ، مىنى نىمىشقا ئۇنداق جىمجىت يەردە باقمىغان - دىسەم ، - ۋاي جېنىم قىزىم سىزنى ئۆيدە بېقىشنى ئويلىغان لىكىن دادىڭىز ئىككىمىز ئويۇنخۇمار بولغاچ ھەمدە سىزگە قارايدىغان ئۆيدە باشقا ئادەم بولمىغاچ ئامالسىز دىبادا ئويناپ يۈرۈپ چوڭ قىلغان - دەيدۇ ، ھەي ئىسىت چوڭراق بولغان بولسام مەنمۇ ئوينۇشۇپ بىرەركەنمەن دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە .
يەنە مىنىڭ بۇرنۇم تولىمۇ پاناق ئىدى ، بۇنىڭ سەۋەبى ، ئاپام ماڭا قورساق كۆتۈرۈپ 6/7ئايلىق بولغاندىمۇ مودا يۈرەركەنمىش ، تار كىيىم كىيىپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈن مەن مۇشۇنداق پاناق مايمۇن بولۇپ تۇغۇلۇپتىمەن ، نىمە دىگەن ئازاب. ئاپامدىن كۆزەمنىڭ نىمىشقا گازىر كۆز، بويۇمنىڭ نىمىشقا 1.10دىن ئاشمايدىغانلىقىنى سورىغۇم بولسىمۇ ئۆزەمنى بېسىۋالدىم ، چۈنكى مەن تېخى ياش ئەمەسمۇ ئاچچىق يۈتۈپ ، يوق يۈرەك كىسىلىدە ۋاقىتسىز كىتىپ قالماسلىق ئۈچۈن.
مەن ساۋاقداشلىرىمغا تولمۇ ئامراق ئەمما ئۇلار بايا مەن دەپ ئۆتكەندەك ماڭا تولىمۇ ئۆچ ئىدى ، چۈنكى مەن دەرىستە ياخشى بولساممۇ سىنىپنىڭ سۈپىتىگە تولىمۇ تەسىر يەتكۈزگەنىدىم ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇلار تاپشۇرۇقلىرىدىن چۈشىنەلمىگەن يەرلىرى بولسا خاتا كۆرسىتىپ بىرىدىغان بولدۇم ، چۈنكى ئىلگىرى ئۇلارغا دائىم تاپشۇرۇقلاردا ياردەم قىلاتتىم ، لىكىن ئۇلار يەنىلا مىنى ئۆچ كۆرىۋەرگەنىدى، مانا ئەمدى مەنمۇ ئۇلارنى ئۆچ كۆرۈشكە باشلىدىم .
ئۇلار مەندىن تاپشۇرۇق مەسىلىكىرىنى سورۇشاتتى مەنمۇ چاندۇرماي خاتا دەپ بىرىۋەردىم ، ئۇلار مۇئەللىمدىن-ھۇ قاپاق باش سويمىلار -دەپ تىل ئاڭلىغىنىدا تولىمۇ خۇش بولاتتىم ، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ مەۋسۇملۇق ئىمتاھانلىرىدا يوغان « ئۆردەك تۇخۇمى» ئوڭۇشلۇق ئېلىشلىرىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ياردەم قىلغانىدىم ، نىمدىگەن خۇشاللىنارلىق ھە !
قوڭغۇراق چېلىندى ، ھەممەيلەن ئۆيلىرىگە ئالدىراش چېپىشتى ، ئەلۋەتتە مەنمۇ ئۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ، بۇ سومكامنى ئېسىپ ئۆيگە قايتىشنى ئويلىسام تولىمۇ ئازاب ھېس قىلىمەن ، چۈنكى مىنىڭ ئېغىرلىقىمنى ھەراس مەن ئېغىرلىقىمنى دەپ بەرمىدىم ھە سىلەگە ، ئەمسە دەپ بىرەي ھېچكىمگە دەپ قويماڭلا ھە ، ئېغىرلىقىم 68كىلو قاراڭلا ،شۇڭا تىرىشمايلا كۆرۈمسىز ئۆردەك دىگەن نامغا ئېرىشتىم ، سومكامنى دۈمبەمگە ئارتسام لىيۇ دۈمچەككە ئوخشاپلا قالاتتىم ، شۇنداق قىلىپ سۆرۈلۈپ سىنىپتىن چىقىشىمغا ئېھتىياتسىزلىقىن مەندىن بىر قارار يۇقۇرى ئوقۇيدىغان بىر بالىغا ئۈسۈۋالدىم ، ئۇ كىچكەچلەپ كەتتى،
- يې يى پور كۆتەك كۆزەڭ بامۇ نىمە ئۈسۈپ يۈرۈيسە -دىدى ، مەنمۇ بوش كەلمەي :
- كۆتەكتە كۆز بولغىنىنى سەن نەدە كۆرگەن -دىدىم،
ئۇ يەنە ھۈرپىيىپ :
- ۋىي ئۆزەڭ ئۈسۈپ گىپىڭ چوڭغۇ -دىدى ،
مەن بۇنداق ساپاسىز بىلەن گەپ تالاشقۇچە دىگەننى ئويلاپ يولۇمغا ماڭدىم ، ئەمما ئۇ
-توختا ھەي پاناق مايمۇن ، كۆرۈمسىز -دىدى،
ئاچچىقىم كىلىپ ئۇنى يەنە بىر ئىتتىرگىنىمنى بىلىمەن ، كىيىن ئۇقسام ئۇ شۇ چاغدا قاتتىق يىقىلىپ كىتىپ بېشى يېرىلىپ كىتىپتۇ ، شۇ ئىشلاردىن كىيىن مىنىڭ سېسىق نامىم مەكتەپكە تارقىلىپ كەتكەتتى ، تىرىشمايلا«يوغان باش » چولپانغا ئايلانغانىدىم .
بىر قېتىم ئادەتتە ئانچە بەك كىرىپ كەتمەيدىغان بىر ماگىزىنغا كىرسەم ، دۇكاندار دەل ھېلىقى مەن بېشىنى يېرۋەتكەن بالىنىڭ دادىسى ئىكەن ، ئۇ بالىمۇ يېنىدا بارىكەن مىنى كۆرۈپلا چىرايىغا چۈشۈنۈكسزلا غەلتە كۈلكە چىقىرىپ :
-- كىلىڭ كىلىڭ ؟ نىمە ئالىسز ؟؟
-- قول سائىتى ئالاتتىم ، ،، دىدىم ئۇنىڭ مۇئامىلىسىدىن ھەيرانلىقىمنى يۇشۇرۇپ ،
قارىسام شۇنداق چىرايلىق بىر سائەتكە كۆزۈم چۈشتى ، باھاسىمۇ خېلى بار ئىدى ، شۇنداق بولسىمۇ ئۇنى ئېلىپ قۇلۇمغا تاقاپ خۇشال سەكىرەپ تاقىلاپ دۇكاندىن چىقتىم ، پات پات يىڭى سائىتىمگە قاراپ قۇياتتىم ، ئۇزاق ئۆتمەي قارىسام ئۇ سائەت توختاپ قاپتۇ ، : - ھۇ نۇمۇسسزلا ماڭا بۇزۇق سائەتنى سېتىپتۇ ، ئۆچىنى ئاپتۇدە، ھېلىقى ،،،،، ۋۇ ،،،، دىگەنلەرنى ئويلاپ كەينىمگە قايتىپ ئۇ دۇكانغا كىردىم ، بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ مۇئامىيلىسى باشقىچە ئىدى ،
-- ھە نىمە دەيسە ؟ خاپان باش ، كالامپاي ،،، ئىشقىلىپ مەن ساڭا بايا ساپ ساق ساتقان ئۇچاغدا ئۆزەڭمۇ ياخشىكەن دەپ تاللاپ ئالغان ، ، بۇزۇپ قۇيۇپ كىرىپ ئۇششۇقلۇق قىلماقچىما ؟؟؟ ماڭە چىقە دۇكاندىن ! - دىگىنىچە مىنى دۇكاندىن چىقىرۋەتتى ، مەن ئامالسىز دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ لىۋىمنى چىشلەپ سالپايغىنىمچە چىقىپ كەتتىم ، ،، ،
سەھەر ناشتامنى قىلىپ يەنە مەكتەپكە ماڭدىم ، يولدا ۋاراڭ چۇرۇڭ بولۇۋاتاتتى ، نىمە بولغىنىغا قىزىقىپ يۈگۈرگىنىمچە ئۇ يەرگە باردىم ، دەل مەن تۆنۈگۈن كىرگەن ھېلىقى بالىنىڭ دۇكىنى ئىدى ،
- ئوغرىنى چۇقۇم تۇتۇڭلا ، شۇنداقمۇ ئىنساپسىزلىق قىلامدۇ ، مەن نىمە يامانلىق قىلغان بولغۇيتۇم ئۇ ئوغرىغا ، ئوغرىنى تۇتۇپ بىرىڭلا ئۆتۈنەي ساقچىلىرىم چۇقۇم تۇتۇپ بىرىڭلا ، ۋاي ئىسىت پۇللۇرۇم ، ۋاي ئىسىت 30 مىڭ كويۇم ھۆ ھۆ… دەپ دۇكاندار ھازا ئېچىۋاتاتتى ، ئەتراپىدا ساقچىلار تەكشۈرۋاتاتتى قارىغاندا ئوغرى كىرىپتۇ دەپ ئويلىدىم ، ئۇ دۇكاننىڭ قوغدىنىش ئىشىكى يوق ئىدى ، پەقەت بىر تۆمۈر زەنجىر قۇلپى بار ئىدى بۇ ئادەمنىڭ ، ئوغرى شۇ قۇلۇپنى ئېچىپلا كىرگەن بولسا كىرەك ئۇ ئەينەك ئىشىكىنىڭ ھېچ يېرى زەخمە يىمىگەنىدى،
- سىزمۇ شۇنچە پۇلنى نىمە ئۈچۈ ئەپ كەتمەي دۇكاندا قويغانىدىڭىز ؟ - سورىدى ساقچى ،
- ئەسلى ئەپ كىتەتتىم بىر ئاغنەم بالدۇرلۇقتا ئۆيۈمگە كەلسەڭ دەپ تېلفۇن قىپتىكەن ، شۇڭا دۇكاننى تاقاپلا كەتكەنىدىم ، نىم بىلەي ئۇلار سورۇن تۈزەپتۇ شۇڭا ئولتۇرۇپ قاپتىمەن ، كىيىن شۇ مەستچىلىكتە شۇ ئاغىنەمنىڭ ئۆيىدە ئۇخلاپ قاپتىمەن ئەتىگەن كەلسەم قۇلۇپ ئوچۇق تۇرىدۇ ، پۇلغا قارىسا يوق - يەنە يىغلاشقا باشلىدى . لېكىن ئۇنىڭغا باشقىلارغا ھېچ ئىچى ئاغرىغاندەك ئەمەس ئىدى ، ھەتتا : -- خوپ بوپتۇ مانا ، جاجىسىنى يىدى ،،،،،، دىگەنلىرىنىمۇ ئاڭلاپ قالدىم ، توۋااااا،،،،، ، ،
ھەەەي بىچچارە ! مەن شۇنداق ئويلىغاچ مەكتەپكە ماڭدىم ،يەنە ماڭمىسام دەرىسكە كىچىكەتتىم ، مەن يولدا ماڭغاچ - تۆنۈگۈن ماڭا بۇزۇق سائىتىڭنى ساتقانتىڭ ئەمدى سەنمۇ ئوغرىغا يولۇقۇپسەن مانا ، خوپ بوپتۇ تازا !-دىگەننى ئويلىغاچ تۇيۇقسىز بىر مەسىلنى ئويلاپ قالدىم ،- توغرا ، كونىلار ھەقىقەتەن كىشىگە سانىساڭ ئۆزۈڭگە يانىدۇ ، دەپ بىكار دىمەپتىمەن ، مەن ساۋاقداشلىرىمدىن ئۆچ ئالدىم دەپ ئۇلارنى ئاھانەتكە قويغان بىلەن مەنمۇ باشقىلار تەرىپىدىن ئاھانەتكە قېلىشىم مومكىن ، ئەمدى مەيلى ئۇلار قانداق قىلسىمۇ ئۇلارنى ئىزاغا قويمايمەن ئەكىسچە ئۇلارغا تېخىمۇ ياخشىلىقلارنى قىلىمەن ، مەن يۇغان باش بولسام بولمامدىم ، دىمىسىمۇ بېشىم يوغان تۇرسا مەيلىلا ،،،،
مەن مۇشۇلارنى ئويلىغاچ چەكسىز خۇشاللىققا چۆمگەندەك بولدۇم ھەمدە باشقا ۋاقىتلاردا سۆرۈلۈپ بېرىشنى خالىمىغان مەكتەپكە ، كۆرۈشنى خالىمىغان ساۋاقداشلىرىمنىڭ يېنىغا ئىختىيارسىز يۈگۈردۈم … ،،،
«تۈگىدى »
قەلەمدە : ئەندىشە ئىجادىيەت گۇرپىسىدىن
تىكەن (مەرھابا )
292 قېتىم كۆرۈلدى | uygur017 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-3 22:04:51 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|