ئۆتمۈش
(پوۋسىت) 14 - قىسىم
شۆھرەت كامىل مېھمان
مانا يولدىشىم قايىتىپ كەلدى ، ئۆيگە كىرگەندە يۈگۈرۈپ بېرىپ بوينىغا ئېسىلىپ يىغلىدىم ، لېكىن ئۇ ئىلگىركىدەك تەسەللى بېرىشنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ شەھۋىتىنى باسماقچى بولدى ، بۇ ماڭا تېخىمۇ ھار كەلدى ، ئۆزۈممۇ بىلمەي ئۇنىڭ كاچىتىغا بىر تەستەك سالدىم ، لېكىن ئۇ تېخىمۇ غالجىرلاشتى ، ئايال كىشى ئاشۇنداق ئاجىز كېلىدىكەن، ئۇنىڭدىن تۇنجى قېتىم يىرگەندىم ، كېيىن ئۇ كەچلىرى كىرمەيدىغان تېلفون قىلسام دوسلىرىمنىڭ ئۆيىدە دەپلا قويىۋېتەتتى تاڭغا يېققىن ياكى ئىككى ئۈچ كۈن سىرتتا تۈنەپ كىرەتتى، بەدىنىدىن ھەرخىل ئەتىر پۇراقلىرى كېلىپ تۇراتتى ، ئاجىراشماقچى بولدۇم ، قەتئىي نىيەتكە كەلدىم ، ئۇنىڭغا چىرايلىق گەپلەر كار قىلمايتتى ، ئۇنىڭ بىلەن گەپتاكالاشتىم ،ئۆينى بېششىمغا كەيدىم ، كەينىنى بىلمەيمەن كۆزۈمنى ئاچسام دوختۇرخانىدا ، ئۇ يېنىمدا كۈلۈپ ماڭا قاراپ ئولتۇراتتى ، ئۇ شۇ تەرىقىدە كۆزۈمگە ئالۋاستىدەك كۆرۈنمەكتە ئىدى …بويۇمدا قاپتۇ ،يا كۈلىشىمنى يا يىغلىشىمنى بىلەلمىدىم، شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىپادىسى خېلى ياخشى بولدى، ھېچ بولمىسا كەچلىرى يالغۇز تاشلاپ قويمايدىغان بولدى، لېكىن موزاينىڭ يۈگۈرشى سامانلىققىچە دەپ ئۇزاق ئۆتمەي يەنە ئىلگىركى سەنىمىگە دەسسىدى ، يالغۇز كېچىلەر قۇرسۇقۇمدىكى بالام بىلەن پاراڭلىشىپ كۆز ياشلىرىم بىلەن ياستۇقنى ھۆل قىلىپ يېڭى كۈننى كۈتىۋالاتتىم، ھەتتا ئۇنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭغا بىر چوكاندىن بىرنى ئەپ بەردى، ئۇنىڭ دېيىشىچە مۇشۇ ۋاقىتلاردا ئەركىشىنىڭ ئاسان ئازىدىغان ۋاقتىمىش ، شۇڭا ئوغلىنىڭ ھارامدىن ساقلىنىشىى ئۈچۈنكەن ، قانداق قىلاي ، ياق دەپ داد پەريادلاپ ئۇرىشايمۇ نېمە ئامال قوبۇل قىلدىم چۈنكى يولدىشىم ئاللىبۇرۇن قەلبىمدە ئۆلگەن ئىدى، پۈتكۈل ئەسيادىم بالامنى ساق سالامەت تۇغىۋېلىشلا ئىدى، ئۇ چوكانمۇ ئۈچكۈنمۇ تۇرماي قېنائانام بىلەن ئۇرۇشۇپ كېتىپ قالدى ،ۋە ماڭاشىدا "سىڭلىم سىز بەك ياۋاشكەنسىز ،ئۇنتۇپ قالماڭ سىززمۇ ئادەم، مېنى كەچۈرۈڭ ، سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن، پاتىراق بۇ ھايۋان ئۇۋىسىدىن قۇتۇلۇڭ سىڭلىم"دەپ قويۇپ كېتىپ قالدى ، كېتەشىدە ئالتۇن زىبۇ زىننەتلىرى ۋە ئۈستىدىن 2000يۈەن پۇلنى ئېلىپ كەتتى ، بەزىدە بولىۋاتقان ئىشلارغا قاراپ يا يىغلىشىمنى يا كۈلىشىمنى بىلەلمەي قالىمەن·
ھەتتا ئاپام بىلەنمۇ كۆرىشەلمەيتتىم ، تېلفون قىلسام قېينائانام ياق ھېلقى جادۇگەر ، كۈزىتىپ تۇراتتى ، تېلفوننى قويۇپ بولغىچە قاراپ تۇراتتى، ئاپاممۇ كەلمىدى ئەمەس كەلدى بىر ئىككى قېتىم كەلدى ، لېكىن ئۇلار پۈتۈنلەيلا ئۆزگىرەتتى ، جادۇگەر قېرى مېنى خان بالامدىم چۈشۈرمەي گەپ قىلاتتى ،ئەلۋەتتە، ئاپام بىلىپ قالسا مەندەك بىكالىق تازلىق ئىشچىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايدۇدە، ئاپام ماڭغاندا پەقەت ئاپامغا ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئېسىلىپ يىغلاشتىن باشقا قولۇمدىن كەلمەيتتى، مانا تىىنىچ ئامان يەڭگىدىم ، ئۆيدە ئون كۈنمۇ ياتقىلى قويمىدى ، يەنە قازان بېششى ئىشلىرىنى قىلدىم،بىر نەچچە قېتىم يېقىلىپمۇ قالاتتىم، بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇ جادۇگەر،مانا ئىش خوش ياقماسلىق كېسىلى يەنە تۇتتى دەيتتى،
ئارىدىن تۆت ئاي مۇشۇنداق ئۆتتى ،ئىككى كۈن ئاۋال ، بالىنى بۆشۈكتىن ئېلىپ ،ئەمگۈزدىم، يولدىشىم ئەزەلدىن قاراپمۇ قويمايدىغان ئادەم بالىنىڭ تارىتىنى تۆكمەكچى بولۇپ ئەپ چىقىپ كەتتىى ، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي ،جادۇگەر يۈگىرەپ كىرىپ، ئوغلۇمغا پوق تۆكتۈرۋاتامسەن ، مانا ئەمىسە دەپ ماڭا قارىتىپ ئاتتى ئۈستى بېششىم بىچارە بالام بىلەن پوق ئارسىدا قالدىم ، يىغلىدىم ئەسلى يىغلىمايمەن دېگەن يىغلىدىم ، يولدىشىمنىڭ مېنى قوغدىيالمىسىمۇ ئۆز پۇشتىدىن بولغان بالسىنىمۇ قوغدىيالماي نىجازەت ئارسىغا تاشلاپ قويغىنىغا ئېچىنىپ يىغلىدىم ، مانا ئەتتىگەن تاڭ يورىماستا بالامنى ئېلىپ قېچىپ چىقتىم ، بالامنى ئۇ لامزەللىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويغۇم كەلمىدى، بالامنى ئاللاھقا ئاندىن قالسا سىزگە تاپشۇردۇم ، ھەراس بالامنىڭ ئىسمى ئەرافات، ئەزان توۋلاپ قويغان ئەلىۋەتتە خالىمىسىڭىز ئۆزگەرتىۋالسىڭىز تامامەن بولىدۇ ، خەيىر ئاللاھقا ئامانەت
358 قېتىم كۆرۈلدى | xohret | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-11 17:29:09 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|