ئۆتمۈش
(پوۋسىت) 11 - قىسىم
شۆھرەت كامىل مېھمان
مەردان بالىنى ئامال يوق كۆتۈرۈپ ياتاققا ئېلىپ كەلدى ، بالا تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى ، ئۇ بالىنى ئەمدى كارۋاتقا قويۇپ ئۇھ دېيىشىگە تېلفون كەلدى ،…
بالا تېلفوننىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتتىمۇ ياكى قۇرسۇقى ئاچتىمۇ قىقىراپ يىغلاشقا باشلىدى ، مەردان تېلفونغىمۇ قارىماستىن تېلفون قىلغان ئادەمنى ئىچىدە مىڭنى تىللىدى ، ۋە بالىنىڭ كۆپىسىنى يەزدى ئىچىدە بىر بولاق تۇراتتى ، بولاقنى ئاچتى ئىچىدە سوسكا، سۈت پارشوككى ۋە چىرايلق قاتلانغان بىر پارچە قەغەز تۇراتتى… مەردان سۈت پارا شوكىنى قايناقسۇغا تەڭشەپ ، يىغلاۋاتقان بالىغا ئەمگۈزدى ، بالا خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەندەك ، كۈچەپ كۈچەپ شوراپ ئىچىشكە باشلىدى ، بالا تويدى بولغاي سوسكىنى تىلى بىلەن ئىتىرىپ چىقىرۋېتىپ ، مەردانغا قاراپ كۈلدى ،ۋە "غە،،غغ ھە"دەپ بىر نەرسىلەرنى دېدى ، مەردانىڭ بۇرنى بىر غەلىتە پۇراقنى سېزىپ قالدى ، بالىنىڭ ئاستىغا قارىدى ، بالا تەرەت قىلىۋەتكەن ئىدى ،، ئاپلا ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق ئۇ بالىنى كۆتۈرۈپ مونچىغا ئەكىرىپ كاسسىنى يۇيۇپ ئەپ چىقىپ كارۋاتقا ياتقۇزۇپ قويدى ، ئەمدى بالا توختىماستىن "غەغ ،،غې ،،،ھۆھى" دەپ بىر نېمىلەنى دەۋاتاتتى ، مەردان بالىغا قاراپ :
-ھە نېمە بولدى يىگىت تارىتىڭنى ماڭا ئادالىتىپ خوش بولىۋاتامسەن، ھە،،،،-بالا ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسا تېلىقىپ تېلىقىپ كۈلەتتى ، مەردان بالا بىلەن ئويناپ كەچ بولۇپ كەتكىنىنىمۇ تۇيمايلا قالدى سائەت ئاللىبۇرۇن 9بولغانىدى ، قورسىقى ئاچقانلىقىنى ھېس قىلدى،ۋە :
-ھە يىگىت مېنىڭ قورسۇقۇم ئاچتى سېنىڭچۇ ھە، باشتا ساڭا سۈت بېرەيھە…
مەردان سۈت پارشوكىنىڭ چۈشەندۈرلىشى بويىچە تەييارلاپ بالىنى قۇچىقىغا ئېلىپ سۈتنى ئىچۈردى …بالا سۈتنى ئىچكەچ كۆزلىرى يۇمۇلدى ، مەردان بالىنى ئەمدى كارۋاتقا ياتقۇزاي دېيىشىگە يوتتىسى ئىسسىق بىر نەسىنى سەزدى ۋە دەرھال قارىدى يوغان بىر ئانتىراكتىدا قىتئەسىنىڭ خەرىتىسىدىن بىرنى كۆردى ، ۋە ئۆزئۆزىگە"ھەي بالا باقماق نېمە دېگەتەس ھە،… بەلكىم ئانام بىچارىمۇ مېنى مۇشۇنداق جاپالادا چوڭ قىلغان بولغىيتتى، "دېگەچ ئىشتىنىنى ئالماشتۇرۋېلىپ ئابايقى بولاقتىكى قەغەزنى قولغا ئالدى…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم سىز بۇ خەتنى ئوقۇۋاتقان ۋاختىڭىزدا مەن ئاللىبۇرۇن بۇ شەھەردىن ئايرىلغان بولىمەن ، بەلكىم مېنى قانداق باغرىتاش ئايالدۇ بۇ ئۆز پۇشتىدىن بولغان نارسىدىنى تاشلاپ قويدىغان دەپ تىللىشىڭىز مۇمكىن ، توغرا مەن تىللىنىشقا ھاقارەتلىنىشكە لايىق ، مەنمۇ بىر ئانا ئۆز باغرىمنى يېرىپ چىققان شۇ جىگەرىمنى تاشلىۋېتىشكە كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ ، لېكىن مەن ئامالسىزمەن …
سۆزلىسەم گەپ ئۇزۇن ، مەن ئەسلىدە بىر دېھقان ئائىلىسىدە چوڭ بولغان دادام ئاپامنىڭ ئارزۇلۇق قىزى ئىدىم ، لېكىن دادام بىر ھاراقكەش ئىدى ، ساق ۋاقتىدا غۇنداق ياخشى مەن ۋە سىڭلىمنى باغرىغا بېسىپ ئەركىلىتەتتى ، بىزنى بەك ياخشى كۆرەتتى ، لېكىن بىر ھاراق ئىچتىمۇ بولدى ، پۈتۈنلەيلا ئۆزگىرەتتى ، ھەدېسىلا ئاپامنى ئۇراتتى ، برقېتىم ھاراق ئىچىۋېلىپ ئۆيگە كىرىپ پىيالىنى ئېتىپ ئاپامنىڭ بېششىنى يېرىۋەتتى ، ئۇچاغدا ئاپام سىڭلىمنى ئىمىزۋاتاتتى، سىڭلىم بىر چىرقىراپلا ھوشىدىن كەتتى ، دوختۇرغا باردۇق ، دوختۇرلار ئاشۇ كىچىك بالىدا يۈرىگىدە ئازىراق مەسىلە بارلىغىنى ، بالىغا قاتتىق ۋارقىرماسلىقنى ،ئىشقىلىپ كۆڭلىگە ئازر بېرىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق بولمىسا چوڭ بولسا راستىنلا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئېيتتى، شۇنىڭ بىلەن ئاپام دادام بىلەن ئاجىراشتى ، سوت ئاپامنىڭ تەلپى بويىچە باللانى يەنى ئىككىمىزنى ئاپامغا بۇيرۇپ بەردى ، مەن تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىقتا ئوقۇيتتۇم شۇنىڭ بىلەن تولۇقسىزنى پۈتكۈزۈپلا مەكتەپتىن چېكىندىم ئاپامغا ياردەم لەشتىم ،لېكىن دادام ئازدېگەندە ھەپتىدە بىرقېتىم ھاراق ئىچىۋېلىپ كېلىپ پۇل سوراپ جىدەل چىقىراتتى ھەتتا بىر قېتىم تاغام توخماق بىلەن تازا ئۇرۇپ مەھەلىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى تالغا باغلاپ قويدى شۇندىن باشلاپ سەل پەسكويغا چۈشتى ، لېكىن ئاپام يەنىلا خاتىررجەم بولالماي مېنى ۋە سىڭلىمنى ئېلىپ ئۈرۈمچىدىكى تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە كەلدى… ئاپام سىڭلىمنى كۆتۈرۈپ ئۈچ چاقلىق موتودا مەھەلىمۇ مەھەلە يۈرۈپ سەي كۆكتات ساتاتتى ، مەن ئۆيىمىزگە (ئىجارە ئالغان)يېققىن جايدا رېستۇراندا ئىشلىدىم، ئاپام باشتا قەتئىي قوشۇلمىدى ، ئاپامغا ۋەدىلە بېرىپ يۈرۈپ ئاخىرى ئۇنۇتتۇم ، چۈشتىن بۇرۇن بىر قارىمنىڭ قولىدا قۇرئان ئوقۇدۇم ، چۈشتىن كېيىن رېستۇراندا ئىشلىدىم ، لېكىن رېستۇرانغا ھەرخىل ئادەم كىرىدىكەن ، ناخشا مۇزىكىمۇ ئادەمنى ئاستا ئاستا بىخوتلاشتۇردىكەن ، مەنمۇ تويلاردا مۇلازىمەتچىلەر بىلەن ئانچە مۇنچە ئۇسول تانسا ئويناپ خېلى ئۇستا بولۇپ قالدىم ، كېيىن بىزنىڭ رېستۇراندا ئىشلەيدىغان بىر يىگىت بىلەن يۈردۈم ، داۋاملىق ئۆزۈمنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرساممۇ قەلبىمدە بىر شەيتان غەۋغا قىلاتتى……
531 قېتىم كۆرۈلدى | xohret | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-8 10:08:04 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|