ئۆتمۈش
(پوۋسىت) 17 - قىسىم (خاتىمە)
شۆھرەت كامىل مېھمان
مەردان ئاكىنىڭ باش ئاغرىقى بارغانسېرى ئېغىرلىماقتا ، چۈشىدە داۋاملىق نادىرە بىلەن گۈزەل باغلاردا ئايلىنىۋاتقان ياكى يىراق جايدا نادىرە قول پۇلاڭلىتىپ چاقىرۋاتقان ، كۆزۈنى يۇمسىلا ئاشۇ خىل چۈشلەر ئاخشاممۇ يەنە شۇ چۈش چۈشىدە ئۆزى بىر يول ئۈستىدە يول ياقىسىدا ياغاچ ئىشىكلىك ئىچى شۇنداق گۈزەل گۈللەر ئۇچۇپ يۈرىگەن كىپىنەكلەر ،بۇ جاي مەردان ئاكىغا شۇنچىلىك تونۇش كۆرىندى ،خۇددى بۇ جايدا ئىلگىرى ئۇ تۇرغاندەك، ئىككى قەۋەتلىك ئۆينىڭ ئىشىگى ئالدىدا نادىرە سىرتقا قاراپ تۇرماقتا ، خۇددى مۇھىم بىر كىشىنى ساقلاۋاتقاندەك تۇرۇپ تۇرۇپ بوينىنى سوزۇپ دەرۋازا تەرەپكە قارايتتى ، مەردان ئاكا ئۇنىڭغا قاراپ قول پۇلاڭلاتتى ، لېكىن نادىرە كۆرمىدى بولغاي يەنە دەرۋازىغا قاراپ تۇراتتى ، مەردان ئاكا دەرۋاززىنى ئېچىىپ ئىچىگە كىرمەكچى بولدى ،لېكىن قەتئىي مىدىرلىيالمىدى، نادىرە دەپ توۋلىماقچى بولدى ئاۋازى چىقمىدى،…
مەردان ئاكا ئاخشام كۆرگەن شۇ چۈشىنى كۆز ئالدىدىن بىر قۇر ئۆتكۈزدى ۋە تۆنۈگۈن دوختۇرنىڭ :" ئۆسمە يوغىناپ نېرىپ تومۇرلىرىڭىزنىڭ نورمال قان ئايلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋېتىپتۇ ، ھاياتىڭىز تولىمۇ خەتەر ئىچىدە ، ئەسلى گېپىمگە كىرىپ نۇر بىلەن داۋالاشنى قوبۇل قىلغان بولسىڭىز ئۆسمىنى چەكلىگىلى بولاتتى،…"دېگەن سۆزلىرىنى ئەسكە ئالدى ، ۋە تېلفون تۇرۇپكىسىنى قولغا ئالدى :
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم . ئالىيەما
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام .ھەئە
-مەن مەردان، ئەرافاتنىڭ دادىسى ،
-ھە قانداق ئەھۋالىڭىز ، ئەرافاتچۇ
-ھەممىمىز ياخشى ، بۇ بىرنەچچە كۈن ۋاقتڭىز بارمىدۇ ،ئالدىراش بولمىسىڭىز قۇمۇلغا كەلسىڭىز بوپتىكەن،
-ھە ياق ، ئالدىراش ئەمەس ، ئەتىلا يولغاچىقاي …
مەردان ئاكا ئىككى كۈن ئاۋال بىر ھوشىدىن كېتىپ ئورنىدىن تۇرالمىدى ، ئۇ كېسەل كارۋىتىدا ، قايسى بىر قارىمنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان "كىمىكى ئۆلۈش ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى سۆزى شاھادەت كەلىمەسى بولسا شەھ شۈبھىسىز جەننەتى بولىدۇ دېگەن سۆزى ئۇنىڭ ئاغزىدىن شۇ كەلىمىنىڭ چۈشمەسلىگىگە سەۋەپ بولماقتا ، ئۇ ئەمدى تۇرالمايدىغانلقىغا كۆزى يەتتى ، بەزىدە كۆزى ئوچۇق تۇرۇپمۇ نادىرە نىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالاتتى لېكىن تېزلا غايىپ بولاتتى ، ھېلىمۇ ئەرافاتنى بەش ياشتىن باشلاپلا تەتىىل كۈنلىرى قارادۆۋە يېزىسىدىكى تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىگە دىننىي ساۋادىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئاپىرپ قويۇپ ھاززىر قۇرئاننى ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقىغاندەك ئوقۇيدىغان ھالەتكە يەتكەنىدى ، قايسى بىر يىلىى پەيشەنبەكۈنى ئەتتىگەن نادىرەنىڭ قەبرە بېششىغا ئەرافاتنى ئېلىپ چىققان ، بالدۇر چىقىۋالدىمۇ ياكى كېيىن قالدىمۇ قەبرىستانلىقنىڭ ئۈستى تەرىدە ئىككى ئادەم تۇراتتى ، مەردان ئاكا يېتىپ بېرىپ ئوغلى بىلەن جىمجىتلا دۇئا قىلدى ۋە ئۇلار بىلەن قىسقىلا سالاملاشتى ،
ئارىدىن بىرەيلەن:
-مەرردان ئوغلۇڭ خېلى چوڭ بولۇپ قاپتۇھە -دېدى مەردان ئاكا ئەمدى جاۋپ قايتۇرغىچە ئوغلى:
-قەبرە بېششىدا دۇنيا پاراڭلىرىنى سالسا يامان بولىدۇ، -دېدى مەردان ئاكا نېمەدېيىشنى بىلەلمەي ئوغلىغا گەپ قىلىپ بولغىچە ئەرافات قىرائەتنى باشلىدى ،سۈرە فاتىھە ۋە سۈرە تابارەك ،… ناماز بامداتتىن تارقىغان جامائەت ئىمام باشچىلىقىدا كېلپ چۆرىدەپ ئولتۇرۇشتى ، ئەرافات ئوقۇپ بولۇپ يېنىغا قاراپ خوش دېدى ھەممەيلەن ئىمامغا قاراپ خوش دېييىشتى ۋە ئىمامننىڭ ئامىن دېگەن سۆزى بىلەن تەڭ دۇئاغا تەڭ قول كۆتۈرۈشتى ، قەبرە باشىدىن ياناشىىدا ھەممەيلەن ئەرافاتنى ماختاشتى ئىمامنىڭ"مەردان بالام ئوغلۇڭنى ياخشى تەربىيلەپسەن، قىيامەت كۈنىدە بىر ئەر ئايالغا نۇردىن كىيىم كىيگۈزىلىدۇ ، ئۇ ئەر ئايال ھەيران بولغان ھالدا ئىھ رەببىم بىزنىڭ قىلغان قايسى ئەمىلىىمىزگە بۈگۈن بۇنچىلىك شەرەپكە نائىل بولدۇق ، دېگەندە ئۇلارغا سىىلەر دۇنيدىىن كېتىش ئالدىدا ئىلىملىك سىلەر ئۈچۈن كۈندە ھەق ئىگىسىنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ دۇئا قىلدىغان پەرزەنىت قالدۇرۇپ قويغانلىقىڭلار ئۈچۈن بۇ شەرەپكە نائىل بولدۇڭلار دېيىلىدۇ ، دېمەك ئاللاھ خالىسا ئايالىڭىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغۇسى"دېگەن سۆزلىرى مەردان ئاكىنى بۆلەكچىلا خوش قىلىۋەتكەن ئىدى ، …ئىشىك ئېچىلدى ئىشىكتىن ئەرافات ئالىيە بىلەن كىرىپ كەلدى،
-دادا بۇ ئاچاش سىزنى ئىزدەيدىكەن
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھە قېنى كېلىڭ
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام بولدى مىدىرلىماڭ ، شۇ كېلىڭ دەپتىكەنسىز ئۆيىڭىزگە بارسام ئېتىك خوشنىڭىز سىزنى دوختۇخانىدا دېۋىدى شۇ ماياققا كېلىشىم
-ھە ، … ئەرافات ئوغلۇم سەن ماڭا ئاپا تېپىپ بە دېگەنتىڭغۇقارا ئۇ سېنىڭ ئاپاڭ …-ئەرافات بىر دادىسىغا بىر ئالىيەگە قاراپ
- دادا مەن ، ئۇنداقتا ئەقىدە مۇئەللىم، …
-بىلىمەن ئوغلۇم سەن ئەقىدە مۇئەللىمنى ياخشى كۆرىسەن مەن نەچچە كۈندىن سەندىن بىر ئىشنى يوشۇرغان مەن خىزمىتىمدىن ئىستىپا بەردىم ، دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە نەچچە ئايلىقلا ئۆمرۈم قاپتۇ ، ئاپاڭىڭ يېنىغا كېتىدىغان بولدۇم ، سېنى مۇنداقلا يالغۇز تىكەندەك تاشلاپ قويغۇم يوق ،، -ئەرافات ئېسەدەپ يىغلاشقا باشلىدى - ئوغلۇم يغلىما ئوغۇل بالىغا يىغا ياراشمايدۇ ، مەن ئاپاڭ بىلەن سەندىن بىر سىرنى يوشۇرۇپ كەلگەن ، سەن قايسى بىر يىلى دوسلىرىڭ بىلەن ئويناۋېتىپ ئۇلارنىڭ سېنى بىزنىڭ بالىمىز ئەمەسلىگىڭنى ئېيتقانلىقىنى دەپ يىغلاپ كرگەنىدىڭ ، ئۇلارنىڭ ئېيتقىنى راس، ئاپاڭ بىلەن ئىككىمىز سېنى بېقىۋالغان ، يېىڭدا تۇرغان ئۇ ئايال بولسا سېنىڭ ئۆز ئاپاڭ …
-ياق ، يالغان،-ئەرافات ئۆزىنى سىرتقا قاراپ ئاتتى، ئالىيە "بالام توختا "دېگىنىچە ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگىردى ، ئالىيە ئىشىكتىن چىقىپ ئەقىدەگە سوقۇلشۇپ كەتتى ۋە كەينىگىمۇ قارىماستىن ئەرافاتنىڭ كەينىدىن يۈگۈردى ، ئەقىدەنىڭ قولىدىكى تاماق قاچسى چۈشۈپ كەتكىلى تاسلا قالدى باشتا ئەرافات "بالام نەگە"دېگەن سۆزىگە پەرۋامۇ قىلماي يۈگۈرۈپ ئۆتۈپ كەتتى ، ئەمدى بۇ ناتونۇش ئايال مەردان ئاكىنىڭڭ ياتىغىدىن بولدىلا ئەقىدە شۇلارنى ئويلىغاچ مەيدىسنى بوش تۇتۇپ قويۇپ ياتاققا كىرىپ كەتتى ئەرافات يۈگۈرۈپ كاردورنىڭ يوقۇرقى بۈجىگىگە بېرىپ تۈگۈلۈپ ئولتاردى ، ئۇ ئىچىچىدى قايناپ يىغلايتتى ، ئالىيە ئۇنڭغا ئاستا يېققىنلاشتى ، ئەقىدە ياتاققا كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ، ياتاقتىن ئەقىدەنىڭ:
-مەردان ئاكا،…مەردان ئاكا…دوختۇر،…ئادەم بارمۇ ؟…ياردەم قىلىڭلار، -يىغا ئارلاش ئاۋازى كارىدورنى بىر ئالدى ، بىر سېستىرا ياتاققا قاراپ يۈگۈردى ، ئەرافات نېمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي ياتاققا قاراپ يۈگۈردى …
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز ئوقۇرمەنلەر ئەسرنى مۇشۇ يەردە تاماملاشنى لايىق تاپتىم بۇ جەياندا ئەسىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغانلىقىڭلار ۋە بەرگەن قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىڭلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ، قەلەم كۈچۈم ئاجىز تىل بايلىقم ئاز، ئىلىمىم كەمچىل تۈپەيلى، بەزى ئوبررازلارنى يارقىن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلدىم ئۆزۈر
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
467 قېتىم كۆرۈلدى | xohret | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-23 11:20:21 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|