گۇناھكار قەلىب
(پوۋىسىت) 14- قىسىم
زۆھرە ئەركىن بىلەن كۆرۈشتى ، ئەركىن زۆھرەگە :
-زۆھرە مەن پەرھاتتىن 10مىڭ يۈەن قەرىز ئالغان ئىدىم ، ئۇ پۇللارغا ساڭا كىيىم كېچەك زىبۇ زىننەت ئېلىپ بەرگەن ئىدىم. ئەگەر ماڭا ياردەم قىلىشنى خالىساڭ زىبۇ زىننەتلىرىڭنى ئېلىشىغا سېتىپ پۇلىسنى ئەكېلىپ بەرگەن بولساڭ بوپتىكەن . مەن ئامالسىز قالدىم شۇڭا توغرا چۈشەنگەن بولساڭ .
زۆھرە ئەركىننىڭ قولىنى تۇتتى .:
-سەن ياخشى بالا ، بۇنى ئوبدان بىلىمەن ، بىراق سەن مېنى ئۆز كۆرۈپ بۇ گەپلەرنى دەۋاتىسەن ، مەن ساڭا قايىل ، سەن ئازاپنى يېڭىپ دىققىتىڭنى يىغالىدىڭ ، سەن خالىساڭلا مەن سېنىڭ يېنىڭدا ،مەن قولۇڭنى مەڭگۈ مۇشۇنداق تۇتۇپ مېڭىشنى خالايمەن .
ئەركىن قولىنى تارتىۋالدى ۋە مۇنۇ گەپلەرنى قىلدى .
-ئۇنداق قىلما ، مەن سېنىڭ بۇنداق قىلىشىڭغا ئەرزىمەيمەن . مەن ساڭا ماس كەلمەيمەن .
ئەركىن كەتتى ، زۆھرە جايىدا ئولتۇرۇپ قالدى . ئۇ ئەركىن ئېلىپ بەرگەن كىيىم كېچەك ۋەزىبۇ زىننەتلەرنى ئېلىپ چىقتى ۋە شۇ ماللارنى ئالغان دۇكانلارغا ئېلىپ باردى ، دۇكان خوجايىنى بىلەن پۈتۈشۈپ ئەينى ۋاقىتتا 4000يۈەندىن يۇقىرى ماللارنى ئاران دېگەندە 2500يۈەنگە ساتتى . ۋە ئەركىن بەرگەن 1000يۈەن پۇلنى قوشتى . ئاندىن ئۆيدىكىلىرى ئەۋەتكەن پۇلدىن 500يۈەننى قوشتى جەمىئى پۇل 4000يۈەن بولدى . ئۇ پۇللارنى رەتلەپ ئەركىننى ئىزدەي دەپ تۇرۇشىغا ياتاققا خالنۇر كىرىپ كەلدى . ۋە پۇللارنى كۆرۈپ ھەيران قالدى . زۆھرە بولغان ئىشلارنى دەپ بەردى . خالنۇر بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ تاھىرنى ئىزدەپ ماڭدى .
زۆھرە ئەركىن بىلەن كۆرۈشۈپ 4000يۈەن پۇلنى بەردى .ئەركىن ھەيرانلىقتا سورىدى :
-بۇ پۇللار نەدىن كەلدى ؟
-سەن ئېلىپ بەرگەن كىيىم كېچەك زىببۇ زىننەتلەرنى سېتىۋەتتىم ، ئاندىن سەن بەرگەن 1000يۈەن پۇلنى تېخى ئىشلەتمىگەن ئىدىم ، ئۆيدىكىلەر ئەۋەتكەن 500يۈەن تۇرمۇش پۇلۇمنى قوشتۇم .
- نېمە ؟ سەن ئۆزۈڭگە بىر تىيىنمۇ ئېلىپ قالمىدىڭما ؟ مەن بۇ پۇللىرڭدىن1000يۈەن پۇلنى ساڭا قايتۇرۇپ بېرەي ، قالغان 3000يۈەنگە قەرىز ھۆججىتى يېزىپ بېرەي ، ساڭا چوقۇم قايتۇرمەن .
- ئۇنداق قىلما بولامدۇ ، ماڭا ئارلىق ساقلىما ؟ مەن ساڭا چىن كۆڭلۈمدىن ياردەم بېرىشنى خالايمەن . بارلىق جاپالىرىڭنى بىللە تارتىشنى خالايمەن . سېنى ياخشى كۆرىمەن -ماڭا ئۇنداق قىلىشىڭنى خالىمايمەن . مەن .......
ئەركىن گېپىنىڭ ئاخىرنى دەپ بولغىچە ، زۆھرە ئەركىننى قۇچاقلىۋالدى . ئەركىننىڭ ۋۇجۇدىغا بىر خىل ئىسسىق سېزىم تارىدى . ئۇلار شۇ تەرىقىدە خېلى ئۇزۇن تۇردى .
خالنۇر تاھىر بىلەن كۆرۈشۈپ ئەركىننىڭ پەرھاتقا 10مىڭ يۈەن قەرىز ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى . تاھىر خالنۇرغا :
-بۇ پۇلدىن مېنىڭ خەۋىرىم بار. مەن دادامغا ھەققى ئەھۋالنى ئېيتىپ ئالدىن 5000يۈەنمۇ تەييارلاپ بولدۇم .
- ئۇنداقتا ئەركىننى تاپايلى بايا زۆھرە 4000يۈەننى ئەركىنگە بېرىمەن دەپ مېڭىپتىكەن .
-زۆھرە دېگەن كىمۇ ؟ ئۇ نېمىشقا ئەركىنگە پۇل بېرىدۇ ؟
-زۆھرە مېنىڭ ياتاقدىشىم ، ئۇنى كۆرسىڭىز تونۇيسىز ، ئۇ شۇنداق ياخشى قىز ، ئۇ ئەركىننى ناھايتى ياخشى كۆرىدۇ ، قاراڭ ئاۋۇ يەردە ئىككىسنىڭ قۇچاقلىشىپ تۇرۇپ كەتكىنىنى ، ئادەمنىڭ مەسلىگى كېلىدۇ جۇمۇ .
-كېلىڭە ئەمسە مەنمۇ سىزنى قۇچاقلاپ قوياي ،.
- ۋاقتى كەلسۇن . شۇچاغدا ئۇنمىغانغا ئۇنىماي قۇچاقلايسىز .
ئۇلارنىڭ كۈلكىدىدىن ئەركىن بىلەن زۆھرە چۆچۈپ كەتتى ۋە دەرھال ئەسلىگە كەلدى . ئۇلار پۇللىرنى جەملىگەندە 1000يۈەن پۇل كاملاپ قالدى . خالنۇر يېنىدىكى بار يڭق 1000يۈەن پۇلىسنى قاتتى . ئۇلار شۇنداق خوشال ئىدى . شۇنداق قىلىپ ئەركىن بىلەن تاھىر 10مىڭ يۈەن پۇلنى ئېلىپ كىرىپ پەرھاتقا بەردى . ۋە پەرھاتقا :
-بۇنىڭدىن كېيىن بىزنى ئاۋارە قىلغۇچى بولما ؟
دېدى ، ۋە ئارقىغا بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتتى .
شۇ كۈندىن بۇيان ئەركىن ئۆزىنى تاھىرغا ، خالنۇرغا ، زۆھرەگە يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېسىياتتا بۇلۇپ كەلاى ، ھېلىقى جايغا بۇ تۆت ئادەم كۈندە كېلىپ دەرىس تەكرارلايدىغان بولدى .
پەرھات ھەر قېتىم ئۇلارنى خوشال بۇ جايدا كۆرگەندە ئۇلارغا ئۆچمەنلىكى قوزغىلاتتى . ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان بۇ ئۆچىنى قانداق ئېلىش توغرىسىدا ئويلىنىپ كەلدى . ئاخىرى ئۇ بۇ ئۆچ ئېلىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى .
سۆيۈملۈك ئوقۇرمەن بۇ ئۆچ ئېلىش پىلانى قانداق پىلان ؟ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا يەنە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ ؟
داۋامىغا قىزىقسىڭىز نەزىرڭىز ئەسىرىمدە بولسۇن
ئاپتور ئەقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
366 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-10 22:18:30 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|