ئۆتمۈش
(پوۋسىت) 12 - قىسىم
شۆھرەت كامىل مېھمان
كېيىن ئاپام باشقىلاردىن ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى ئاڭلاپ قاپتۇ ، مېنى ئەتىسىدىن باشلاپ رېستۇرانغا ئەۋەتمىدى ، كېيىن ئۇ يىگىت ئىككى ئاچىسىنى بىزنىڭ ئۆيگە ئەۋەتىپتۇ ، ئۇلار كەتكەندىن كېيىن مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ "قىزىم سېنىڭمۇ ئۇچۇرۇم بولدىغان ۋاقتىڭ كەلگەن ئوخشايدۇ ، ئۇ يىگىت بىلەن بىر ئۆمۈر ئۆي تۇتۇشقا ئۇنىڭ ساڭا ئازار بەرمەسلىكىگە كۆزۈڭ يېتەمدۇ"دېدى مەن ئاپامغا ئۇنىڭ مېنى جېنىدىن ئەزىز ياخشى كۆردىغانلىقىنى ئۇنىڭغا ئىشىندىغانلىقىمنى ئېيتتىم ، ئاپام "بوپتۇ ئەمىسە ، تەغدىر شۇ بولسا مەيلى ، ئۆزۋاقتىدا داداڭنى چوڭلار تونۇشتۇرغان ،ئۇنى كۆرمەي تۇرۇپلا ياتلىق بولغان ئاقىۋەت مانا… بوپتۇ ، منىڭ بېششىمغا كەلگەن سېنىڭ بېششىڭغا كەلمىسۇن قىزىم ، بوپتۇ سەن بەخىتلىك بولساڭلا مەن رازى …" ئاپامنى چىڭ قۇچاقلىۋالدىم ئاپام ئىككەيلەن بىرھازا يىغلاشتۇق ، مانا ھەش پەش دېگۈچە تويىمىز بولدى ، مەن توي بولۇشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى رېستۇراندا بىللە ئىشلىگەن قىزدىن توي قىلماقچى بولغان يولدىشىمنىڭ ، بەزى يامان ئەخلاق مەسىللىرىنى ھەتتا مەن كېلىشتىن بۇرۇن بىر قازاق قىزىنى ئالىمەن دەپ ئالداپ قارشى تەرەپنىڭ بويىدا قالغانلىقىنى ئۆيدىكىلىرى بىلىپ قېلىپ ئىزلەپ كەلسە قېچىپ كېتىپ كەلمىگەنلىگىنى بىچارە قىزنىڭ يىغلاپ قاقشاپ يۇرتىغا كەتكەنلىگىنى ئېيتتى ، مەن قانداق قىلىمەن ئىككى كۈندىن كېيىن تويۇم بولىدۇ ، ئۇ مۇشۇ تۇرقى كىچىك بالىدەك خوشاللىقىدا مېنىڭ يېنىمدا پەرۋانە ئۇنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ قەتئي ئىشەنگۈم كەلمىدى ،ھەم ئۇنىڭدىن سوراپ ئۇنىڭ خوشال كەيپىياتىنى بۇزغۇم كەلمىدى ، توي بولدى كېچە بىزنى ئۆيگە كۆچۈرۈپ قويۇپ ھەممەيلەن تىلەكلەر تىلەپ قايىتىشتى، ئىككىمىز يالغۇز قالدۇق قۇلاق تۈۋىمدە ھېلقى دوستۇمنىڭ ئۇنىڭ توغۇرلۇق گەپلىرى ئەگىپلا تۇراتتى ، ئەگەر ئۇقىز مەن ئوغۇل بولسام سورىشىمنىڭ ئورنى يوق بىر سائەتتىن كېيىن ھەممە ھەقىقەت ئايان بولاتتى ، ئاللاھىم بىز ئاياللارنى شۇنداق ئاجىز يارىتىپ قويۇپتىكەن ئۇ مېنىڭ يېنىمغا ئاستا يېققىنلاشتى ،، مەندە بىرخىل قورقۇش ئالدىمدا مەن سۆيگەن يىگىت ئەمەس بىر ئالۋاستى ماڭا يېققىنلاپ كېلىۋاتقاندەك ئۆزۈمنى دەرھال چەتكە ئالدىم ،
-نېمە بولدى جېنىم ، نىمىشقا قاچىسىز ؟
-سىزدىن سورايدىغان بىر ئىش بار ،راس گەپ قىلىڭ ، ئۇلۇغ نىكاھ كېچىسىدە رەببىمىز گۇۋاھ بولسۇن يالغان گەپ قىلماڭ،
-قېنى سوراڭ،
-سىز ئىلگىرى مەندىن باشقا بىرى بىلەن ئارلاشقانمۇ ، سىز پاكمۇ،
-نېمە بۇنى سوراپ قالدىڭىز؟
-ئۈلۈشكۈن رېستۇراندا بىللە ئىشلىگەن قىز بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالدىم،-ئۇنىڭدىن ئاڭلىغانلىرىمنى ھەممىنى دېدىم ۋە -ئەگەر راستىنلا شۇنداق ئىشلار بولغان بولسا مۇشۇ يەردە ھەممە ئىش ئاخىرلاشسۇن ،مەن پاك تېنىم بىلەن چىقىپ كېتەي، …
-يالغان ئۇ گەپلەرگە ئىشەندىڭىزما مەن ئەجبا ئاشۇنداق پپەسكەش ئادەممۇ ، بولىدۇ بۇ ئۇلۇغ كېچىنىڭ ھەققى ھۆرمىتى بىلەن قەسەم قىلاي مەن پاك ، -ئۇ ئالدىمدا تىزلاندى ، مەن قانداق قىلاي ، پەس ئادەملەر مەنپەت ئۈچۈن قوقماستىن ۋەدىلەرنى بېرەۋېرىدىكەن ، ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئاتا قىلدىم، … مانا قاباھەتلىك چۈش شۇ چاغدىن باشلاندى، …
735 قېتىم كۆرۈلدى | xohret | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-9 9:23:07 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|