ئۆتمۈش
(پوۋسىت) 15 - قىسىم
شۆھرەت كامىل مېھمان
- ئاشۇ بالا دەل ئوغلۇم ئەرافات ،- دېدى مەردان ئاكا ، ھېكايىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، - سىزگە بۇ گەپلەرنى قىلىشىمنىڭ سەۋەبىنى بىلەمسىز؟
- ياق ،- ئەقىدە ئۇنىڭ چىرايىغا نىمىشقا دېگەن نەزەردە قارىدى،
-چۈنكى مەن پات ئارىدا ئۇنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كېتىشكە مەجبورمەن،
-چۈشەنمىدىم ، قەيەرگە،
-نادىرەنىڭ يېنىغا ، -مەردان ئاكا يېنىدا تۇرغان نازنىنىڭ چىرايىغا قاراپ، - ماڭا ئۆلۈم يېققىنلاشماقتا ، مىڭڭەمدە ئۆسمە بار ئىكەن ، قاچان ئەجەلنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن ،
-نېمە مۇمكىن ئەمەس ، چاقچاق قىلماڭ،
-راس خىزمەتتىنمۇ ئىستىپا بەردىم ، بۇنى ئەرافات بىلمەيدۇ ، ئۇنىڭغا كۆپىرەك ھەمرا بولغۇم بار ، ئۇنىڭغا راسلا قىيمايمەن مەندىن كېيىن كىملەرنىڭ قولىغا ، ئاغزىغا قاراپ قالار ، كۆزۈم شۇ بالامدىلا قالدىغان بولدى،
تۇيۇقسىز كەلگەن تېلفون ئۇلارنىڭ سۆھبىتىنى توختىتىشقا سەۋەپ بولدى،
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، مەردانكا نەلەردە يۈرىيسىز
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، بازاردا چۆرگىلەپ بىر ئىش بولدىما
- ھەياق ،چوڭ ئىشمۇ ئەمەس چۈشتە بىر ئايال سىزنى ئىزلەپ كەپتىكەن، قەشقەردىن سىز نىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقىغان ساۋاغدىشىڭىز ، ئىسمىم ئالىيە دەيدۇ؟ ھاززىر بىزنىڭكىدە
-ئالىيە ، ،،،ھە ماقۇل ھېلى باراي،
-قايىتامسىز -دېدى ئەقىدە
-شۇنداق ،ساۋاغدىشىم كەپتۇ ، بېرىپ كۆرۈشۈپ كېلەي، جۈرۈڭ سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي، -ماشىنا قوزغالدى。。
مەردان ئاكا ئەقىدەنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ ، ئۇدۇل خوشنىسى ئەخمەتنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى ، ئۇ ھەرقانچە ئويلاپمۇ ،ئالىيە دەپ بىرسىنى ئېسىگە ئالالمىدى ، قەشقەردىن شەمسىيە، سۈمەييە ، ئائىشە …دېگەندەك ساۋاغداشلىرى بولدىغان…شۇ خىياللار بىلەن ئۆينىڭ ئالدىغىمۇ كەپ بولغانىدى ،
مەردان ئاكا ئۇدۇل ئەخمەتنىڭ ئۆيىگە چىقتى ۋە بوش ئىشىكنى چەكتى ، ئىشىكنى ئەخمەتنىڭ ئايالى سانىيە ئاچقانىدى ،
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام .قېنى ئىچكىرى كىرسىلە ،ئەجەپ ئۇزۇندا كىرلە يولدا قايسى جۇۋاننىڭ كەينىدىن كېتىىپ قالمىغانلا،
-ھە،ياق، شۇ بىر ئاغىنەم ئۇچىراپ قالغان ئۆيىگە ئاپىرىپ قوياي دەپ شۇ ،
-بولدى خىجىل بولمىسىلا مۇناقلا دەقوغا گەپ دېسىلە ، قېنى ئىچكىرى كىرسىلە،
مەردان ئاكا ئۆيگە كىرىپ كىرىسلودىكى ئايالنى كۆرۈپ شۇ بولسا كېرەك دەپ ئويلىدى، ئۇ چوكانمۇ ، مەردان ئاكىنى كۆرۈپلا ئورنىدىن تۇردى ۋە تۆۋەن ئاۋازدا :
- ئەسسالامۇئەلەيكۇم
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،
-مېنى تونىيالمىدىڭىزما ، ئەلۋەتتە تونىمايسىزدە مەن ساۋاغدىشىڭىز ئالىيە ، ئەمدىغۇ ئېسىڭىزگە كەلگەندىمەن،
-ھە سىزمىتىڭىز، -لېكىن مەردان ئاكا ئاغزىدا ئۇنداق دېگەن بىلەن ئۇ قىزنى قەتئىي ئەسكە ئالالمىدى ،
- مەردانجان ، ھەرھالدا ئېسىڭىزگە ئالالىدىڭىز ، مەن چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىنىڭ پويىز بېلىتىنى ئالغان يەنە ئىككى ئۈچ سائەت قاپتۇ ، خۇشنىلىرىڭىزنىمۇ ئاۋارە قىلمايلى سىرتتىن بىرە قاچا تاماق يېگەچ پاراڭلاشساق
-ۋاي ياق بۇ نېمە دېگەنلىرى-دېدى سانىيە رەنجىگەن قىياپەتتە- ئاران بى كەگەندە تاماق يېمەي ماڭسىلا قاندا بولىدۇ ، بۇ ئۆيمۇ مەردانكامنىڭ ئۆيى بىلەن ئوخشاش ، تاتىنماي ئولتىرىۋېرىڭلا
-سانىيە ، بولدى خىجىل قىلماڭ ، ئالىيەنىڭ ئاران ئىككى سائەت ۋاقتى باكەن ئەپ چىقىپ قۇمۇلنى بىر ئايلاندۇرۇپ كىرەي قۇمۇلغا باسام ساۋاغدىشىم ھېچيەرگە ئاپارمىدى دەپ قىيدىمىسۇن يەنە،-مەردان ئاكا شۇنداق دېگەچ ئالىيەگە قارىدى ، مەردان ئاكىنىڭمۇ بەزى تۈگۈنلەرنى خالىي جايدا يەشكىسى بار ئىدى ،
-ئەلۋەتتە ، ئاران كەلگەندە ئايلاندۇرۇپ كەلمىسىڭىز سەت تۇرا، -دېدى ئالىيە چاققانلىق بىلەن.
شۇنداق قىلىپ بىرمۇنچە سالا بىلەن ئۆيدىن ماشىنىغا چىقتى ،
-قەيەرگە،ئاپىراي
-جىىمجىت پاراڭلىشىشقا ئەپلىك جاي بولسا بولاتتى ،،
مەردان ئاكا ئاليەنى بازارنىڭ كەينى تەرپىدىكى ئادەم جېق بېرىپ كەتمەيدىغان بىر ئارامگاھقا ئاپاردى،، ئۇلار ماشىندىن چۈشۈپ دەريا غا قارىتىپ قويۇلغان ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇردى ئالىيە باشتا گەپ باشلىدى :
- بىلىمەن مېنى تونىمايسىز ، مەنمۇ گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرماي مەن ئەرافاتنىڭ ئاپىسى ، ھېلقىى ئوبۇرنىنىڭ ئالدىدا سىزگە بوۋاقنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ يوقاپ كەتكەن ئايال…
461 قېتىم كۆرۈلدى | xohret | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-12 11:10:40 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|