گۇناھكار قەلىب
(پوۋىسىت) 19- قىسىم
ھەمدۇللانىڭ ئۆيى بىردەمدە يىغا زارىغا تولدى ، ھەمدۇللا مىدىر سىدىر قىلماي ئولتۇردى ، گۈلسۇمخان بىردەمدە قوشاق ئارلاش يىغا زارە قىلدى .
-ۋاي جېنىم بالام ، ياش تۇرۇپ كەتتىڭىزمۇ بالام ؟ ئەمدى بىز قانداق قىلىمىز بالام ؟ جېنىم بالام .
ئەركىن ئاپىسنىڭ يىغىسىغا چىداپ تۇرالمىدى . خالنۇر بىلەن زۆھرەمۇ تۆكۈلۈپ يىغلاۋاتاتتى . سېمىزغىنە كەلگەن بىر ئايال 10ياشلاردىكى بىر قىزنى يېتىلەپ دەرۋازىدىن كىردى ، ئۇ ئۇچىسىغا ئاق كىيىم كىيىۋالغان بۇلۇپ يىغا بىلەن قوشاق قاتتى.
-ۋاي جېنىم بالام ، مېنى تاشلاپ كەتتىڭىزمۇ بالام ؟ مەن بۇ دەتكە قانداق چىدايمەن بالام ؟
گۈلسۈمخان تاھىرنىڭ ئاپىسنى قۇچاقلاپ يىغلاشقا باشلىدى . ئەڭ ئېچىنىشلىقى ھېلىقى 10ياشلىق قىزنىڭ ، ئاشۇ سەبى قىزنىڭ تاۋۇتقا ئۆزىنى ئېتىپ يىغلاشلىرى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇراتتى .
-ئاكا ، جېنىم ئاكا ،سىزگە نېمە بولدى ئاكا .
ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك جاراڭلىق ئىدىكى ھەممە ئادەمنىڭ كىرپىكلىرى نەمدەلدى .
ئۇزۇن ئۆتمەي تاھارەت ئېلىنىپ مېيىت نامىزى چۈشۈرۈلدى . ھەمدۇللا ئاكا يىقىلىپ چۈشتى ، ئۈچ ئادەم ھەمدۇللا ئاكىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتتى ، قالغانلار مېيىتنى ئېلىپ مېڭىشتى . تاھىرنىڭ سىڭلىسى ئاپىسنىڭ تۇتۇۋېلىشىغا قارىماي تاۋۇتنىڭ كەينىدىن ئەگەشكەن ئىدى جامائەتلەر ئۇنى ئېپ قالدى .
مېىيىت يەرلىككە قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن يەتتە كەتمەن توپىنى ئەركىن تاشلىدى . ئۇ ھەر بىر كەتمەن توپىنى تاشلىغاندا ئىچىدە«تاھىر مېنى كەچۈر » دەپ تەكرارلايتى ، ئۇنىڭ قەلبىنى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئازاپ چىرمىۋالغان ئىدى .
ئەل جامائەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە مېيىت ئۇزۇتۇلدى . دوختۇرلار ھەمدۇللانى بىر ئىشنىڭ نېرۋىسىغا بەك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى شۇ سەۋەپتىن گەپ قىلالماس بۇلۇپ قالغانلىقىنى ۋە ھېچكىمنى تونۇيالمايدىغانلىقىنى بۇنىڭدىن كېيىن ساقىيالمايدىغانلىقىنى ئېيىتتى .
ئەركىن كەتمەسلىكنى قارار قىلدى . ئەركىننىڭ ئاتا ئانىسى ئۇنىڭ پىكىرگە قوشۇلدى . ئەركىن ھەمدۇللانىڭ ھالىدىن ئۆزى بىر قوللۇق خەۋەرئېلىشقا بەل باغلىدى .
خالنۇر بىلەن زۆھرە قايتماقچى بولدى . ئەركىن ئۇلارنى بېكەتكىچە ئۇزىتىپ قويدى . ۋە ھەر ئىككىلىسگە بىر پارۋىدىن خەت تۇتقۇزۇپ مۇنداق دېدى
-ئاق يول بولسۇن . بۇ خەتنى ماشنىغا چىقىپ بۇلۇپ ئوقۇڭلا ، مەندىن كۆپ خاتالىق ئۆتتى كۆڭلۈڭلانى كۆپ ئاغرىتتىم مېنى كەچۈرۈڭلا .
ئۇلار خوشلىشىپ ماشنىغا چىقتى ، ماشنىغا چىقىش ئالدىدا خالنۇر ئەركىندىن سورىدى .
-ئەركىن سىزدىن بىر گەپنى سوراي ، تاھىرنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى نېمە ئىدى ؟
-ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى مۇشۇ كەنىتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بۇلۇش ئىدى .
خالنۇر ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ ماشنىغا چىقتى .
داۋامىغا قىزىقسىڭىز نەزىرڭىز ئەسىرىمدە بولسۇن
ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
346 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-10 0:26:46 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|