ئىلىم-ھېكىمەت دۇردانىللىرى
تۇرغۇن راخمان(كەمتەر)
ئىلىم-پەننىڭ ئاچقۇچى،مېھىر مۇھەببەتتە،ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلىپ دەرۋازىسى پەقەت مېھىر-مۇھەببەت ئاچقۇچى بىلەنلا ئېچىلىدۇ.
مېھىر-مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ ئاجايىپ سىرلىق ئالتۇن ئاچقۇچتا،كىشىلەرنىڭ قەلىپ دەرۋازىسىنى ئېچىپلا قالماستىن بەلكى،دۇنيانىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىنى قويماي ئاچقىلى بولىدۇ.
ئىلىم ھېكمەتتە،تالىشىش يوق،يول قويۇش بار،بىكىنىش يوق، ئىزدىنىش بار،ساقلاپ تۇرۇش يوق،تېرىشىش بار.نەتىجە ھامان تېرىشقانلارغا،ئىزدەنگۈچىلەرگە،پۇرسەتنى چىڭ تۇتقانلارغا، ئىزچىل يېڭىلىق ياراتقانلارغا مەنسۇپتۇر.
ياشلىقىڭدا ئۆگەنمىسەڭ،قېرىغاندا نامراتلىقنىڭ قۇلى بولىسەن.مال-دۇنيا بايلىقنىڭ بېشارىتى ئەمەس،ئەكسىچە، مەنىۋىيتىڭ ھەقىقى تۈگۈمەس بايلىقتۇر.
بىلىمسىز ۋە نادانلاردىن قەلبىنى ئازاپلىغان ئىنسان ھەقىقىي ئاخماقتۇر.بۇنداق قىلساڭ،مەڭگۈ پۇشايماندا قالىسەن،چۈنكى ئۇلاردىن جاراھەتتىن باشقا نەرسە قالمايدۇ.
ئىلىم ھېكمەتكە قىلساڭ ئەجىر،ئەل ئىچىدە تاپىسەن مېھىر.
دۇشمىنىڭنى قاغاپ،ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلغۇچە،بالاڭنى مەكتەپكە يولغا سالغىن.
ئەقىل چىرىغى زەرەتلەنمىگەن،ھەمدە ئويغانمىغان،ۋىجدان، غورۇرى بولمىغان ئىنساننىڭ دىلى قاپقاراڭغۇ بولۇپ، تۇرىقى، قۇرۇق-قاخشال دەرەخكە،جىسمى كۆيۈپ تۈگىگەن كۆيۈك تاغقىلا ئوخشايدۇ.بۇنداق ئىنسانلاردىن،نە ئۈمىد،نە مېھىر نە سۆيگۈ،نە ياخشىلىق كۈتۈش ھاجەتسىز.
شەيتان ئەقلىڭدىن غالىپ كەلسە،سەن شەيتان،شەيتاندىن غالىپ كەلسەڭ،سەن ئادەمدۇرسەن.
ئەقىلىڭ نىجاتلىققا باشلىسا،شەيتان ئازغۇنلىققا باشلايدۇ. قىياسىڭ نادانلىققا ئۈندىسە،شەيتان زاۋاللىققا ئۈندەيدۇ.
ئىلىم-ھېكمەت بالىلارغا قانائەتچانلىقنى ئۆگەتسە،ئاچچىق ئەسلىمىلەر چىدامچانلىقىنى يىتىلدۈرىدۇ.
باللىرىڭغا مال دۇنيا قالدۇرىمەن دەپ ئويلىما،ئەكسىنچە ئىلىم-پەننى ئۆگىنشكە دەۋەت قىلغىن،بازار ئايلاندۇرىمەن دېمەي،كىتاپخانىغا ئېلىپ بارغىن.
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
56 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-21 3:23:21 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|