تەقدىر سىمفونىيەسى
( پوۋسىت )
ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئىككىنچى باب : پويىزدىن باشلانغان قەدەم
بەشىنچى قىسىم
كەچلىك تاماق ۋاقتى بولدى ، مەن يەنە رازىيەنى ساقلاپ تۇردۇم ، كۆڭلىمدە ئۇنىڭ ئىشى چىقىپ قالغان بولسا كەلمەي قويارمۇ دەپ بەكلا ئەنسىرگەن ئىدىم . كىم بىلسۇن ئۇ بىردەمدىلا يەردىن ئۈنگەندەك پەيدا بولۇپ :
- ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم ، قانداق يىڭى ئوقۇغۇچى ، سىنىپتىن قايتىڭىزمۇ ؟ دەپ سۇرىغان پىتى كەلدى
- ھەئە . دىدىم دۇدۇقلاپ . بىز بىرلىكتە تاماق يىدۇق ، ئۇنىڭ بىلەى خىلى كۆرۈشۈپ تۇرغاچقىمۇ بۈگۈن ئانچە قورۇنۇپ كەتمىدىم . تاماق ئارلىقىدا ئۇ :
- قانداق ، ئۆيگە تىلفۇن قىلدىڭىزمۇ ؟ دەپ سوراپ قالدى مەن ياق دىگەن مەنىدە بىشىمنى چايقىدىم . ئۇ دەرھال يىنىدىن تىلفۇنىنى چىقاردى ۋە :
- مەن جىنىمدا كۈندە ئىككى قىىم قىلىمەن ، مە دەرھال ئۇلارغا تىلفۇن قىلىڭ . دىدى ئۇنىڭ تىلفۇنى ھازىر بالىلار ئارسىدا مودا بولىۋاتقان ئىكرانلىق ، يىڭى تىلفۇن ئىدى . مەن ئىككىلەنمەي تىلفۇننى ئالدىم ۋە قوشنامنىڭ ئۆيىگە تىلفۇن قىلدىم . تىلفۇننى قوشنامنىڭ قىزى گۈلمىرە ئالدى . بۇ قىز مەندىن ئىككى ياشلا كىچىك بولۇپ بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىلىقىغا چىققان ئىدى . ئۇنىڭ بىلەن بىرقۇر سالاملىشىپ ، ئۈگۈنىش ئىشلىرىنى سورىغاندىن كېيىن دادامنى چاقىرىپ قويۇشنى ئۆتۈندۈم ، ئۇ ماقۇل بولۇپ چىقىپ كەتتى . ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن دادام تىلفۇننى ئىلىپ :
- ھە ئوغلۇم قانداق تۇرۋاتىسەن ؟مەكتەپكە كۆنۈپ قالدىڭمۇ ؟ ياتاقداشلىرىڭ بولامدىكەن ؟ دەرىس باشلىدىڭلارمۇ ؟ .... دىگەندەك سۇئاللارنى ياغدۇرۋەتتى . مەن ھەمىگە لايىقا جاۋاپ بىرىپ ئۈلگۈردۈم . ئاخىرىدا دادام ئۆيگە تىلفۇن ئورناتقانلىقىنى ، ئەتىدىن باشلاپ شۇ تىلفۇنغا تىلفۇن قىلسام بولىدىغانلىقىنى ، ئەمدى قوشنىلارنى ئاۋارە قىلماسلىقىمنى ئىيتتى . مەن ماقۇل بولۇپ دادام دەپ بەرگەن تىلفۇن نومۇرىنى يىزىۋالدىم دە رازىيەنىڭ تىلفۇنىدا كۆپ پاراڭلىشىپ كەتكىنىمنى ئەسكە ئىلىپ بىرخىل خىجالەت ئىلكىدە تىلفۇننى قويۋەتتىم ۋە :
- كەچۈرۈڭ رازىيە ، سەل كۆپ پاراڭلىشىپ قالدىم . دەپ خىجىل بولىغانلىقىمنى بىلدۈرۈم ئۇ :
- نەدىكىنى ، كىم دەيدۇ ، ھىچقىسى يوق . دەپ توغرا چۈشىنىدىغانلىقى بىلدۈردى . مەن ناھايىتى خۇشال ، چۈنكى بىزنىڭ ئۆيدىمۇ تىلفۇن بار بوپتۇ ، ئەمدى دادام – ئاناملار قوشنىلارنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ يۈرمەيدىغان بوپتۇ . لېكىن دادامنىڭ مېنى دەپلا تىلفۇن ئورناتقانلىقىنى ئويلىسام كۆڭلىم بىرخىل يىرىم بولىدۇ .
تاماقنى خۇشال يەپ ياتاققا قايتىپ كەلدىم ، بۈگۈن رازىيەنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي تاماق پۇلىنى مەن تۆلىگەن ئىدىم . قايتىش ۋاقتىدا ئۇ :
_ رەھمىتۇللا ، ئامال قىپ تىلفۇن ئالسىڭىز بولاتتى ، سىزنى چۈشىنىمەن ، بۇنداق دەپ سىزگە بىسىم قىلىشنى خالىمايمەن . لېكىن سىزمۇ دىققەت قىلغانسىز ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەمىسى تىلفۇن ئىشلىتىدۇ ، تىلفۇن ئىشلەتمەيدىغانلار يوق ، سىز شۇنداق ئىسىل بالا ، لېكىن سىزنىڭ بۇ سەۋەپلىك باشقا ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ مازاق قىلىشىنى خالىمايمەن ، يەنە كېلىپ بۇنىڭدىن كېيىن كۆرىسىز ، مەكتەپ ۋە سىنىپنىڭ موھىم ئۇقتۇرىشلىرى ئاساسەن تىلفۇندىلا بولىدۇ . شۇڭا مۇشۇ تەكلىۋىمنى ئويلىشىپ باقسىڭىز . دەپ پىكىر بەرگەنلىرىنى ئويلاپ ئىشلىرىمنى داۋاملاشتۇردۇم . راس ، ياتاقداشلىرىم ئارسىدىمۇ تىلفۇنى يوقلار بىر مەنلا بولسام كېرەك . بەلكىم سىنىپ ، ھەتتا مەكتەپتىمۇ بىر مەندىلا تىلفۇن يوقتۇ . رازىيە راس ئىيتىدۇ ، بۈگۈن مۇئەللىم تۇنجى كۈنىلا ھەمىمىزنىڭ ئۈندىدار ئىچىشىنى ، موھىم بولغان بارلىق ئۇقتۇرۇشلارنى توردىلا يوللايدىغانلىقى ئىيتقان . لېكىن تىلفۇن ئىلىپ بىرىڭلار دەپ دادام – ئاناملارغا قانداق دەرمەن .
شۇ خىياللار بىلەن قاچان ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن ، كۆزۈمنى ئاچسام تاڭ يورۇپتۇ ، دىمەك مېنىڭ تۇنجى كۈنۈم ، بىزنىڭ تۇنجى مەشىقىمىز باشلانغان ئىدى . بىز تۇرۇپ مەكتەپ تىزىمغا ئالدۇرغاندا تارقىتىپ بەرگەن مەشىق كىيىملىرىنى كىيىپ تامامما چىقتۇق . ۋاھ ، قەدەمدە بىر ئۇچرىغان مەشىق كىيىمى كىيىۋالغان يىڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۆرۈپ يۈرەكلىرىم بىرخىل ھاياجان ئىلكىدە تەپچەكلىمەكتە . كىچىك چىغىمدا ئەسكەر بولۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى ، بۈگۈن شۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشقاندەك چەبدەس قەدەملەر بىلەن كېتىپ بارىمەن .
مانا ، تۇنجى كۈنلۈك مەشىقمۇ ئاخىرلاشتى . بۈگۈن تۇنجى كۈنلۈك مەشقتە ھەربىي مەشىق ۋاقتىنىڭ ئون بەش كۈن بولىدىغانلىقى ، ئاخىرىدا چەربىي پارات بارلىقى ، مەشىق جەريانىدا ئىپادىسى ياخشى بولغانلارنى تەقدىرلەيدىغانلىقى ، مەشىق ۋاقتىدا ھەرقانداق ئوقۇغۇچىنىڭ تىلفۇن ئىشلىتىشى قاتىق چەكلىنىدىغانلىقىدەك بىرقاتار ئورۇنلاشتۇرۇشلار قىلىدى . شۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل ، ھىچ بولمىسا مۇشۇ ھەربىي مەشىق ئاخىرلاشقۇچە بولسىمۇ تىلفۇن ئىلىش نىيىتىمدىن ۋاز كەچتىم . بۈگۈنكى تۇنجى كۈنلۈك مەشىق ئانچە ئىغىر بولمىسىمۇ ياتاقداشلىرىمنى خىلىلا ھالسىرتىپ قويغان ئىدى . مەنمۇ ئازراق چارچىغان ئىدىم . كەچلىك تاماقنى ياتاقداشلار بىرگە يىدۇق . قايتاشىمدا مەن ئۆيگە تىلفۇن قىلىپ ئانام – داداملار بىلەن ئەھۋاللاشتىم .
شۇنداق قىلىپ جاپالىق ھەربىي مەشىق داۋاملاشماقتا ، يۈگرەش ، مىڭىش ، چاس بىرىش قاتارلىق مەشىق تۈرلىرىنى قايسىدۇر بىر قىسىمدىن كەلگەن ئەسكەر ئاكاشلارنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ئۈگىنىۋاتاتتۇق . گەرچە مەشىق جاپالىق بولسىمۇ ، لىكىن ناھايىتى كۆڭۈلۈك ئىدى . بۇ جەرياندا ساۋاقداشلىرىم بىلەن خىلى ئوبدانلا تونۇشۋالغان ئىدىم . ھەم كۈندە ، ياكى ئىككى كۈندە بىر دىگۈدەك ئۆيگە تىلفۇن قىلىپ تۇردۇم . بۇ بىرقانچە كۈندە مەشىق ئالدىراشلىقىمۇ ياكى ئىشقىلىپ رازىيەنى ئۇچراتمىدىم .
جاپالىق ھەربىي مەشىقمۇ ئاخىرلىشاي دەپ قالغان كۈنلەرنىڭ بىرى . چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا ياتاقداشلار بىلەن ئولتۇراتتۇق تۇيۇقسىز رازىيە ئىزدەپ كەپتۇ ۋە بۇ بىرقانچە كۈن ئالدىراش بوپ كىتىپ ئىزدىيەلمىگەنلىكى ئىيتىپ كەچۈرۈم سورىدى . بۇ ئاقكۆڭۈل قىزنىڭ شۇنچە كىچىك پىئىلىقىدىن شۇنچە سۆيۈندۈم . ئارلىقتا تىخى ئۇ مەشىق كىيىمى كەيگەن ھالىتىمنى ماختاپ مىنى كىتاپلاردا ئوقىغان قايسى بىر قوماندانلارغا ئوخشىتىممۇ ئۈلگۈرگەن ئىدى . ھەمدە مەشىقنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكى سالامەتلىكىمنى ئاسراشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىم لازىملىقىنى ، مەشىق ئاخىرلاشقان كۈنى كەچتە < ھاردۇق چىيى > بىرىدىغانلىقى ، شۇ كۈنى كەچتە مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرىدىغانلىقى ئىيتتى . مەشق ۋاقتى بولۇپ قالغاچقا بىز خوشلاشتۇق .
مانا ، بۈگۈن مەشىق ئاخىرلاشتى ، مېنىڭ ئىپادەم ياخشى بولغاچقا تەقدىر نامە بىلەن مۇكاپاتلانغان ئىدىم . بۇ مېنىڭ ئالىيمەكتەپكە كىلىپ تۇنجى قىتىم مۇكاپاتقا ئىرىشىشىم بولغاچقا شۇ ھاياجانلانغانلىقىمدىن سەكرەپ كەتتىم دە ، بۇ خۇشالىقىمنى دادام – ئاناملارغا يەتكۈزدۈم . ئۇلارمۇ ماختاپ كىتىشتى . ئۆيدىكىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ بولۇپ ئاشخانا تەرەپكە ، رازىيە بىرىدىغان < ھاردۇق چىيىنى > ئىچىش ئۈچۈن ماڭدىم . راسلا ئۇ مېنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن . كۆرۈشۈپ بىرقاتار ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن تاماق يىدۇق ، ئارلىقتا ئۇ تەقدىر نەمەمنى كۆرۈپ ئىغىزى – ئىغىزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى . تاماقتىن كىيىن يەنە كۆرىشىدىغانلىقىمىزنى ئنيتىپ خوشلاشتۇق . قايتىش ۋاقتىدا ئۇ ھەرقانداق ئىش بولسا تىلفۇن قىلسام بولىدىغانلىقىنى ئىيتىپ قايتىپ كەتتى .
داۋامى بار
165 قېتىم كۆرۈلدى | AHTAR | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-2 18:03:46 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|