• 1
  • 2
  • 3
  • 4
  • 5

يۈكسەل بلوگىدىكى يازمىلار

ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ (2004 -1997)

زىيارەت: 69 | باھا:0
ۋاقىت: 23-01-2009

ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ (2004 -1997)

ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﺍ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﻰ 1996 – ﻳﯩﻠﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺩﻭﻛﻼﺗﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺗﺎﻛﻰ 2004 – ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﺍ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﻰ 498 ﻧﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﯚﻟﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ 31 ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﻗﺴﯘﻧﯩﯔ 8 ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ 1 ﺷﻪﮬﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺑﯩﯖﺘﯜﻩﻧﻰ 1 – ﺩﯦﯟﯨﺰﯨﻴﯩﺴﻰ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﯜﻩﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻥ. داۋامىنى كۆرۈش»

ئوبامانىڭ << يېڭى مۇستەقىللىق ختابنامىسى >> دىن 3 تەسىرات

زىيارەت: 48 | باھا:0
ۋاقىت: 22-01-2009

ئوبامانىڭ << يېڭى مۇستەقىللىق ختابنامىسى >> دىن تەسىرات

ئامېرىكىنىڭ يېڭى سايلانغان ئەلباشى باراك ئوباما تۈنۈگۈن يەنى 1 – ئاينىڭ 20 – كۈنى تەنتەنىلىك قەسەم بېرىپ ئەلباشلىق ۋەزىپىسىگە رەسمىي ئولتۇرغانلىقىنى ئامېرىكا ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە جاكار ئەيلەپ، ئۆزىنىڭ 4 يىلغا سوزۇلىدىغان ئەلباشلىق ھاياتىنى باشلىدى. ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا ئۇ ئۆزىنى لىنكولىنغا تەققاسلاپ << ئامېرىكىنىڭ يېڭى مۇستەقىللىق خىتابنامىسى >> نى ئوقۇپ ئۆتتى.
پېقىر ئوبامانىڭ بۇ نوتۇقىنى باشتىن ئاخىرى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدىم ۋە سەلكىن تورىغا يوللانغان تەرجىمىسىنى قايتا ئوقۇپ چىقىپ تەلقىن قىلدىم. ئۇنىڭ نوتۇقىدىن ئالغان تەسىراتىمنى مۇنداق 3 نۇقتىغا يەكۈنلىدىم. داۋامىنى كۆرۈش»

مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئۇلتاشلىرىدىن بىرى – نەسەبنامە

زىيارەت: 109 | باھا:0
ۋاقىت: 21-01-2009

مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئۇلتاشلىرىدىن بىرى – نەسەبنامە

مەزكۇر ماقالىنى ئىشلەتمەكچى بولغان نەشىرى ئەپكارنىڭ تەلىپى بويىچە، ھەرقانداق تور بەتنىڭ مەزكۇر ماقالىنى كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا بولمايدۇ.

يەرشارىلىشىش قەدىمى بارغانسېرى ئىتتىكلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە،  مەدەنىيەتلەرنىڭ تېز سۈرئەت بىلەن ئۆز – ئارا يۇغۇرۇلىشى جەرياندا قانداق قىلىپ ئۆز خاسلىقىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۆزگىچىلىكىنى سىجىل تەرەققى قىلدۇرۇش ھەرقايسى مىللەت – قوۋم كىشىلىرى جىددىي ئويلانمىسا، ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇناسىپ ھەرىكەت قىلمىسا بولمايدىغان تەخىرسىز مەسىلىگە ئايلاندى. ئەتراپىمىزدىكى قېرىنداش قەۋملەرگە نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئاللىقاچان ئۆز يىلتىزىنى قىدىرىپ، ئۆز كىملىكىگە جاۋاب ئىزدەش ۋە كىملىك مۆھۈرىگە ئۆچمەس رەڭدە ھەل بېرىپ، كېيىنكى ئەۋلاد-بوغۇنلىرىغا تەۋەررۈك سۈپىتىدە قالدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بەلكى بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاللىقاچان يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈمىز. ئالايلۇق قېرىنداش قەۋملەردىن بولغان خەنزۇ خەلقىدە نەسەبنامەشۇناسلىق 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، خەنزۇلار تاكى ھازىرغىچە نەسەبنامە يېزىپ قالدۇرۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
داۋامىنى كۆرۈش»

باشلىق ئىقتىدارسىز بولسا، خادىمنىڭ يۈرىكى چاتاق بولۇر

زىيارەت: 24 | باھا:0
ۋاقىت: 20-01-2009

باشلىق ئىقتىدارسىز بولسا، خادىم يۈرەك كېسەللىكلىرىگە ئوڭاي گىرىپدار بولىدۇ

شىۋىتسىيە، ئەنگىلىيە ۋە گوللاندىيىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ستوكوھلىمدىكى 3000 نەپەر ئەر ئۈستىدىن تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق باشلىق ئىقتىدارسىز بولسا قول ئاستىدىكى خادىملارنىڭ يۈرەك كېسەللىكىگە ئوڭاي گىرىپدار بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ ( British Broadcasting Corporation ، 英国广播公司 ) خەۋرىگە قارىغاندا، شىۋىتسىيە Karolinska ئىنستىتۇتى ( Karolinska Institute ) ۋە ستوكوھلىم ئۇنىۋېرسىتېتى ( Stockholm University ) نىڭ تەتقىقاتچى خادىملىرى يېشى 19 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان 3000 نەپەر ئەر ئۈستىدىن 10 يىلغىچە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش تەتقىقاتى ئېلىپ بارغان. تەتقىقاتتا ، ئۇلارنىڭ يۈرەك ساغلاملىق ئەھۋالىغا باھا بېرىپلا قالماي يەنە ئۇلاردىن ئۆز باشلىقلىرىغا باھا بېرىشنى تەلەپ قىلغان. داۋامىنى كۆرۈش»

جۇڭگودا قۇش زۇكىمى قايتا باش كۆتۈرەمدۇ نېمە؟

زىيارەت: 27 | باھا:2
ۋاقىت: 20-01-2009

جۇڭگودا قۇش زۇكىمى قايتا باش كۆتۈرەمدۇ نېمە؟

شىنخۇا تورىنىڭ بۈگۈنكى ( 19 – يانىۋار ) خەۋرىگە كۆرە، يېقىندىن بېرى بېيجىڭ، شەنشى، شەندوڭ ، خۇنەن قاتارلىق جايلاردا 1 نەپەردىن كىشىنىڭ ئادەملەردە بولىدىغان قۇش زۇكىمىغا گىرىپدار بولغانلىقى مەلۇم بولغان. مەملىكەتلىك يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى 舒跃龙 مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، جۇڭگودا ئادەملەردە بولىدىغان قۇش زۇكىمىغا گىرىپدار بولۇش كېسەللىك مېساللىرى يەنە داۋاملىق كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئەمما، ھازىرچە كەڭ دائىرىلىك پارتلاش خاراكتېرلىك يۇقۇش يۈزلىنىشى كۆرۈلگىنى يوق، دېگەن. داۋامىنى كۆرۈش»

نەزىرىمدىكى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى 10 مەشھۇر ئەدىب

زىيارەت: 142 | باھا:0
ۋاقىت: 19-01-2009

نەزىرىمدىكى ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ 10 ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﻪﺩﯨﺐ

م . ئا . يۈكسەل

ئىلاۋە : ئوغلۇم يۈكسەل بۇ ئەينى چاغدا (2003 – يىلى ) ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتىدە تاشقى تەشۋىقات ئىھتىياجى كۆزدە تۇتۇلۇپ تەييارلانغان ئىچكى ماتېرىيال ئىدى. سەن بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان QQ سۆھبەت خاتىرىسى << ئىزدىنىش >> قاتارلىق تورلاردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تور ئەھلىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولدى، قىزغىن تەكلىپ – پىكىرلەرنى بەردى. بۇ مەزكۇر ماتېرىيالنىڭ تولۇقلىنىشىغا پايدىلىق بولدى. تور ئەھلىگە چىن قەلبىمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن. بۇ ماتېرىيال شەخسىي قارىشىم بولۇپ، ئۆزۈمگىلا خاستۇر. باشقىلارنىڭمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 50 نەچچە يىللىق شانلىق مۇساپىسىگە ئەستايىدىل نەزەر سېلىش ئاساسىدا پىكىر يۈرگۈزۈشىگە كىچىككىنە بولسىمۇ تۇترۇق بولار دېگەن ئۈمىدتىمەن. مۇنداق قاتارغا تىزىشتا قېرىنداش مىللەتلەرگە، چەتئەللىكلەرگە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ۋەكىل خاراكتېرلىك شەخسلەر ئارقىلىق تونۇشتۇرۇشنىلا كۆزدە تۇتتۇم. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قوبۇل كۆرۈشى ناتايىن. چۈنكى، ھەر ئادەم بىر دۇنيا، ھەر كاللىدا مىڭ خىيال، دەيدىغان ھېكمەت بار. بۇ ماتېرىيال پەقەت مۇشۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش – تەتقىقاتلاردا ئازراق بولسىمۇ پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولسىلا كۇپايە. داۋامىنى كۆرۈش»

ئاينۇرنىڭ ئەيدىز ۋەھىمىسىدە ئۆتۈۋاتقان كۈنلىرى

زىيارەت: 363 | باھا:0
ۋاقىت: 19-01-2009

<< ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى >> مۇخبىرى ئاينۇر مۇھەممەد

ئەيدىز كېسىلى بۇ كېسەلنى يۇقتۇرۋالغۇچىلارنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى، ئۆمۈر بوستانىنى غازاڭ قىلىپلا قالماي ، يەنە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ مەڭگۈلۈك ھەسرەتتە قويدى.ئەيدىز بىمارلىرى دۇچ كەلگەن ئېچىنىشلىق پاجىئەلەر ئۇلارنىڭ كۈيۈمچان ئاتا – ئانىلىرى، بىگۇناھ پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە بەخىتلىك تۇرمۇش قۇرۇشقا ئىنتىلىگەن كىشىلەرنىڭ يۈرىكىدە چوڭقۇر جاراھەتلەرنى قالدۇردى. بىردەملىك ھاۋايى ھەۋەس، ئېزىقتۇرۇشلار ياكى ئېھتىياتسىزلىق تۈپەيلىدىن ئەيدىزنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكۈچىلەر رەھىمسىز كېسەل ئازابى ۋە ئۇلارنىڭ بېشىنى ئەگىپ يۈرگەن ئۆلۈم ۋەھىمىسىگىلا ئەمەس، يەنە جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۇلاردىن سەسكىنىشى ۋە كەمسىتىشىگىمۇ دۇچار بولماقتا. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئاشۇ بىگۇناھ كىشىلەرمۇ بۇنىڭدىن خالى ئەمەس. ئەيدىزنىڭ قارا كۆلەڭگۈسى سايە تاشلىغان بۇ ئائىلىدىكىلەرمۇ ئەتراپتىكىلەرنىڭ چەتكە قېقىشى، كەمسىتىشىگە ئۇچرىماقتا. ئۇلار كېسەلنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپلا قالماي ، يەنە ئەيدىزنىڭ ۋەھىمىسىدە كۈنلىرىنى ئەندىشە ئىچىدە ئۆتكۈزمەكتە. ئەمەلىيەتتە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپدار بولغۇچىلار ياكى ئائىلىسىدىكىلەر بولسۇن ئۇلار كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقىغا، ياردىمىگە ۋە چۈشىنىشىگە بەكرەك مۇھتاج. داۋامىنى كۆرۈش»

قەشقەر مەدھىيسىدىن تامچە

زىيارەت: 43 | باھا:2
ۋاقىت: 18-01-2009

[align=center]

قەشقەر مەدھىيسىدىن تامچە

م . ئا . يۈكسەل

[color=Blue]
جاھانغا مەشھۇردۇر قەشقەرنىڭ نامى،

قەشقەردۇر تەڭرىنىڭ كاتتا ئىنئامى.

فونتاندەك ئېتىلار قەشقەر دىگەندە،

يازغۇچى ، شائىرنىڭ ئوتلۇق ئىلھامى.

پۈتمەس سېھرى مەنا بار قەشقەر سۆزىدە،

بىرلا قەشقەر نامى بار ئالەم يۈزىدە .

جەننەتۇلمەئۋا خىجىل ئۇنىڭ ئالدىدا،

قىبلەھگاھتەك ئالىپتە ئەۋلاد كۆزىدە.

پارلاپ بۈيۈك مەھمۇد،يۈسۈپ سىماسى،

گۈزەل قەشقەر بولدى ئېرپان سەيناسى.

گۇمنام،مەشرەپ،نورۇز،تەۋپىق،زىيائې…

بولدى ئۆتكۇر،ئابدۇشۇكۈر،ۋارىس،شەيداسى.

بولغاچ "بىلىك" ،"دىۋان "،"مۇقام"ئەڭگۈشتەر،

جۇلالىنىپ قايتىدىن نۇرلاندىڭ قەشقەر .

ئۇرۇن ئالدىڭ گۈلزار شەھەرلەر تۆرىدىن،

بولۇپ گۇيا ئاسماندىكى نۇرلۇق ئەختەر.

پامىر،قۇرۇم ئىككى قورغان تاغ سەندە،

قىزىل،تۈمەن كۆمۈشرەڭ بەلباغ سەندە.

ئوغلانلىرىڭ قەلبىدە پاتماس قۇياشتەك،

مىسلى جەننەت نۇرلىنار ھۆر چاغ سەندە.

[/color]

2003 – يىل ، 2 – فىۋرال ، شەھرى كاشىغەر[/align]

يۈكسەل بلوگىغا ئەزا بولۇڭ!

زىيارەت: 27 | باھا:2
ۋاقىت: 17-01-2009

يۈكسەل بلوگىغا ئەزا قوبۇل قىلىمىز

يۈكسەل بلوگىنىڭ نۆۋەتتىكى نەشىرىنىڭ ئەزا قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى بار بولۇپ، بۇ ئىقتىدار بلوگ زىيارەتچىلىرىگە ناھايىتى زور قولايلىقلارنى تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ. بولۇپمۇ تۆۋەندىكى 3 خىل ئىقتىدارى باشقا بلوگلارغا قارىغاندا ئۆزگىچە ئارتۇقچىلىققا ئىگە.

[color=Blue]
1. يۈكسەل بلوگ ئەزالىرىنىڭ يوللاپ بولغان ئۆز ئىنكاسىنى تەھرىرلەش ھوقۇقى بولىدۇ.
2. يۈكسەل بلوگ ئەزالىرى بلوگدىكى يوشۇرۇن مەزمۇنلارنى كۆرۈش ئىمتىيازىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
3. يۈكسەل بلوگ ئەزالىرىنىڭ ئىسمى ئاپتوماتىك ھالدا شۇ ئەزا تىزىملاتقان بلوگ ياكى تور ئادرېسىغا ئۇلانغان بولىدۇ. يەنى ئىنكاس يوللانغاندىن كېيىن، شۇ ئەزانىڭ ئىسمنى چېكىش ئارقىلىق ، مەزكۇر ئەزانىڭ بلوگى ياكى تور بېتىنى زىيارەت قىلىشقا بولىدۇ.[/color]

ئەزا بولۇش مەشغۇلاتى:

بلوگ زىيارەتچىلىرى بلوگنىڭ يان ئاسما بۆلىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان << ئابونتلار مەركىزى >> دىكى << تىزىملىتىش >> دېگەن خەتنى بېسىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ جەزىملەش ئارقىلىق يۈكسەل بلوگىغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلالايدۇ.

ئاخىرىدا، كەڭ يۈكسەل بلوگ ئوقۇرمەنلىرىنى يۈكسەل بلوگىغا ئەزا بولۇشقا تەكلىپ قىلىمىز!

بلوگ ئويناپ قويمايلىما ؟!

زىيارەت: 101 | باھا:2
ۋاقىت: 16-01-2009

بلوگ ئوينامسىز ؟

ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ << قاپىيە ئويناش >> دېگەن بىر جۈملە سۆزى بىلەن، ئويناش سۆزى تېز سۈرئەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملىشىپ، مودا سۆزلەردىن بولۇپ قالدى. بىزمۇ شۇ ئويناش دېگەن سۆزنى ئارىيەت ئېلىپ تۇردۇق…

تورچىلىقىمىز تەرەققىي قىلىپ كۈنۈمىزگە ئۇلاشقاندا، بلوگدىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئى ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن دوقۇرشۇپ، بىزدىمۇ بىر تۈركۈم بلوگ ئوينايدىغان بلوگىرلار بارلىققا كەلدى. بەلكىم سىزنىڭمۇ بلوگڭىز باردۇ، بولمىسا بولسىكەن دەپ، ئارزۇ قىلپ قالغانسىز؟! بارلارمۇ تۈزۈك ئوينىيالماي ئىچىڭىز پۇشۇپ قالدىغاندۇ؟! … خوش، ئۇنداقتا مەن سىزگە قانداق ئويناشنى ئۆگىتىپ قوياي . داۋامىنى كۆرۈش»

ئۇيغۇرلاردا قۇتلۇق قۇش

زىيارەت: 86 | باھا:0
ۋاقىت: 16-01-2009

يۇقارقى ﺳۈرەتتە ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻗﯘﺵ _ ﺗﻮﻏﺮﯗﻝ ﻗﯘﺷﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻣﻪﻧﻘﯩﺒﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﻗﯘﺷﻰ ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻮﻏﺮﯗﻝ ﻗﯘﺷﻰ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﯩﻠﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﭽﻰ ئالىملىرىمىز تەرىپىدىن ﺋﯩﻠﯩﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻨﻰ ﯰﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺕ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺑﻮﻟﺪﻯ ، ﺑﯩﺰ ﯰﻧﺪﺍﻕ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯪﺳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﯪﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﭘﯘﺕ ﺗﯧﺮەﭖ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯰﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺷﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﯘﺕ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﯬﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯘﺷﻨﻰ توغرۇل ﻗﯘﺷﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﯰﻧﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. داۋامىنى كۆرۈش»

ئۈرۈمچىدىكى ئەبجەش مۇدا سۆزلەردىن مېساللار

زىيارەت: 150 | باھا:2
ۋاقىت: 16-01-2009

ئۈرۈمچىدىكى ئەبجەش مۇدا سۆزلەردىن مېساللار

ئاشپۇزۇلدا
خېرىدار ئېيتۇر:
كۈەيسەننىڭ ئالدىغان كېلىپ تۇرسام جاۋخۇ دەپ توۋلاۋاتقان ئىكەن، جوزىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، قانداق تاماق بار؟- دېسەم، سەيدەننى ئالدىمغا ئەكەلدى. دىڭ دىڭ ساۋمىيەن بىلەن ساۋكاۋرۇ بۇيرۇدۇم.

ئاپتۇبۇستا داۋامىنى كۆرۈش»

ئوبامانىڭ قورسىقىدىكى جىن

زىيارەت: 106 | باھا:1
ۋاقىت: 16-01-2009

ئوباما نېمە ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىگە سۈكۈت قىلىدۇ ؟

<< مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى >> نىڭ مۇئەللىپى Sammuel Huntington ئۆزى ئېيتقان << مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىدىغان دۇنيا >> بىلەن كېسەللىك سەۋەبىدىن ئەمدىلا خوشلاشقان كۈنلەردە، دۇنيادىكى 5 – چوڭ ھەربىي دۆلەت بولغان ئىسرائىلىيە 60 يىلدىن بېرى قوللىنىپ باقمىغان ئەڭ ۋەھشىيانە ۋاسىتە بىلەن پەلەستىن ئاپتونومىيىسىنىڭ غەزززە ( گازا ) رايونىنى قانغا بويىدى. ھازىرغىچە 600 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلىپ، 2600 دىن ئارتۇق كىشى يارىدار بولدى. ئىسرائىلىيە يالغۇز خاماسنىڭ قۇرال – جابدۇقخانىلىرى ۋە مەسئۇل خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىپلا قالماستىن، نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ پەلەستىن پۇقرالىرىنى زور تالاپەتكە دۇچار قىلدى. دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار – زامانىۋىي قۇرال – ياراغ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان، ئاددى پۇقرانى ھۇجۇم نىشانى قىلغان، خەلقئارا نىزاملارغا خىلاپ بولغان بۇ ۋەھشىيانە قەتلىئام دۇنيا جامائەتچىلىكىگە نېمىنىڭ ھەقىقى << دۆلەت تېرورىزىمى، State terrorism ، 国家恐怖主义 >> ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويدى. داۋامىنى كۆرۈش»

ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ

زىيارەت: 179 | باھا:1
ۋاقىت: 16-01-2009


ﻣﯧﻨﻰ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﭘﻘﯘﺳﯩﺰ ﺋﺎﺯﺍﺑﻘﺎ ﻗﻮﻳﻐﯘﭼﻰ ﺋﻪﺷﯘ ﺋﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﺋﯘﻧﻰ ﭼﺎﻳﻨﺎﭖ – ﭼﺎﻳﻨﺎﭖ ﭘﯜﺭﻛﯜﯞﻩﺗﻜﯜﻡ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﭘﯩﭽﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻴﻤﺎ – ﭼﯩﻴﻤﺎ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻤﯩﺴﻪﻡ، ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭ ﺑﯧﺸﯩﻤﻨﻰ ﺋﻪﮔﯩﭙﻼ ﻳﯜﺭﯛﻳﺪﯗ … ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺯ – ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﻧﻪﭘﺮﻩﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻳﯘﻟﯘﭖ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﻤﻪﻥ . ﺋﯚﺯ ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﯩﻤﯘ ﮬﻪﻕ ….. داۋامىنى كۆرۈش»

خوتەندىكى ئەيدىز يۇقۇمى (2007)

زىيارەت: 128 | باھا:0
ۋاقىت: 16-01-2009

خوتەن ۋىلايىتىدە 1996 – يىلى تۇنجى ئەيدىز بىمارنى بايقالغاندىن بېرى، ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولغان. بولۇپمۇ 2005 – يىلى ئەيدىز ۋىرۇسىنى (HIV) يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپىنى تەكشۈرۈش، ھەرقايسى قان ئېلىش پونكىتلىرى ۋە دوختۇرخانىلاردا ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) نى تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بايقالغان يۇقۇمنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولغان. ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 2004 – يىلىدىكى 56 نەپەردىن ، 2007 – يىلى يىل ئاخىرىدا 370 نەپەرگە يەتكەن.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : << 新医学学刊 >> ژۇرنىلىغا بېسىلغان 武建国 نىڭ << 和田地区艾滋病职业暴露调查分析 >> ماۋزۇلۇق ماقالىسىدىن ئېلىندى.

جەمئىي بەت 17، سىز 15-بەتتە بىرىنچى بەت»...101314151617